توكيودا ئۇيغۇر ۋە ياپونلار بىرلىكتە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2017.03.19
yaponiye-tokyo-uyghur-noruz-2017.jpg توكيودا ئۇيغۇر ۋە ياپونلار بىرلىكتە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىمەكتە
RFA/Haji Qutluq Qadiri


19-مارت كۈنى ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغۇچى ياپونلارغا نورۇزلۇق داستىخان سېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىدىن بىرى بولغان نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

پائالىيەت توكيودىكى مەلۇم بىر تۈرك رېستورانىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ،پائالىيەت كەچ سائەت ئالتىدىن سەككىزگە قەدەر ئىككى سائەت داۋام قىلدى.

2017-يىللىق نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلاش پائالىيىتىنى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى تەشكىللىگەن بولۇپ پائالىيەتكە توكيو ئەتراپىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار جۈملىدىن ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسى قوللىغۇچى ياپونلار قاتناشتى.

پائالىيەتكە ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى گۈلىستان رىياسەتچىلىك قىلىپ يوتۇب ئارقىلىق ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل سەنئىتىنى تونۇشتۇردى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ 2017-يىللىق نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئالدى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھممەت ھاشىم سۆز قىلىپ، نورۇز بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى تارىخىي توغرىسىدا قىسقىچە توختالدى شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيەدىكى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ۋە گېرمانىيەدىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد خەمىتنىڭ تېلېفون ئارقىلىق يوللىغان نورۇزلۇق سالىمىنى كۆپچىلىككە يەتكۈزدى.

پائالىيەت ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل سەنئىتىنى سىن ئالغۇ ئارقىلىق كۆرسىتىش، ئۇيغۇر تائاملىرىنى تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.

بىز پائالىيەت جەريانىدا بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە ياپونلار بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئالدى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پائالىيەت رىياسەتچىسى گۈلىستان ئۆزىنىڭ نورۇزلۇق تەسىراتىنى بايان قىلدى.

پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ياپونلاردىن مۇراكامى خانىم نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ:«پائالىيىتىمىز ناھايىتى ياخشى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.بىز نورۇزنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توغرىسىدا كۆپلىگەن ساۋاقلارغا ئىگە بولدۇق»دېدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غالىپ مىجىت پائالىيەت توختالدى.

ياپونىيە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەلىرىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان ياپونلاردىن ساتو بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ:«مەن ئىلگىرى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى توغرىسىدا بەلگىلىك مەلۇماتقا ئىگە،نورۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىدىن بىرى بولۇپ،بۇ بايرام ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە. بۈگۈنكى نورۇز پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىمدىن ئۆزەم تولىمۇ خۇشالمەن»دېدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللەش توغىرىسىدا توختالدى.

ئىگىلىشىمىزچە،بۈگۈن ياپونىيەنىڭ توكيو،كانساي،كيۇشۇ قاتارلىق جايلىرىدىمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئائىلىلەردە ۋە رېستورانلاردا نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى 2016-يىلى تۇنجى قېتىم توكيودا ئۇيغۇر تائاملىرىنى تەييارلاپ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقان ياپونلارغا نورۇزلۇق داستىخان سالغان ئىدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.