توكيودا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللىي سىياسىتى توغرىسىدا يىغىن چاقىرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.10.05
yaponiye-tokyo-uyghur-xitay-milliy-siyaset.jpg توكيودا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللىي سىياسىتى توغرىسىدا يىغىندىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Haji Qutluq Qadiri

توكيودا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي دېموكراتچىلىرى بىرلىكتە «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە مىللىي قىرغىنچىلىق» دېگەن تىمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرغان.

مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 1 - ئۆكتەبىر يەنى شەنبە كۈنى كەچتە توكيو شىنجۇكو رايونىدىكى كۆپ مەدەنىيەتلەر مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يىغىندا ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن ۋېي جىنشىڭنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى شياڭ رېن ئەپەندىلەر ئاساسلىق سۆز قىلغان.

يىغىن ھەققىدە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غالىپ مىجىت يىغىن ھەققىدە توختالدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم يىغىننىڭ ئېچىلىش مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.

توكيودا چاقىرىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئاساسلىق سۆز قىلغان شياڭ رېن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ :«مەن يىغىندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللىي سىياسىتىگە بولغان ئۆزەمنىڭ بىر قىسىم قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۈم. ئۆتكەن يىلى گوللاندىيەدە چاقىرىلغان يىغىندا ۋېي جىنشىڭ ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتايدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى قوللاپ - قۇۋەتلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى. شۇڭا مەن بۈگۈنكى يىغىندا، بىزنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللىي سىياسىتىگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان قاراشتا ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈردۈم» دېدى.
توكيودا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللىي سىياسىتى توغرىسىدا يىغىندىن بىر كۆرۈنۈش
ئۇ يەنە:«مەن سۆزۈمدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تىبەت، ئۇيغۇر، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلىرىدا مىللىي سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈش جەريانىدا ئېلىپ بارغان بىر قىسىم قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتۈم» دېدى.

يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن ساتو سۆز قىلىپ:«گومىنداڭ دەۋرىدىن باشلاپ خىتاي كومپارتىيەسى زامانىسىغىچە بولغان خىتاي دۆلىتىنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى توغرىسىدا بىر قەدەر ئەتراپلىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇم شۇنداقلا خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندىم» دېدى.

نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يىغىن قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى، يىغىن ھەققىدىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ:«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللىي سىياسىتى توغرىسىدا بەلگىلىك بىلىمگە ئىگە بولدۇم. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارغا بولغان ھېسداشلىقىم تېخىمۇ ئاشتى» دېدى.

تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىن جەريانىدا بىر قىسىم ياپونلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان تۈرلۈك سىياسەتلىرى توغرىسىدا ھەر خىل سوئاللارنى سورىغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى شۇ كۈنى كەچ سائەت ئالتىدىن سەككىزگە قەدەر ئىككى سائەت داۋام قىلغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.