دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىرى بۇداپېشتتىكى تۇران قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى

0:00 / 0:00


6 - نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيى ۋىنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا 12 - ئاۋغۇست داغدۇغىلىق باشلاندى. يۈزمىڭدىن ئادەم ئىشتىراك قىلغانلىقى تەخمىن قىلىنغان بۇ قۇرۇلتايغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىلەر قاتناشتى.

مەزكۇر يىغىن ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر قىسىم ئىشتىراكچىلار تۈرك دۇنياسىغا ئىتتىپاقلىق ۋە ئۇيغۇرلارغا ھۆرلۈك تىلەشتى.

6 - نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىدىن بىر كۆرۈنۈش
6 - نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىدىن بىر كۆرۈنۈش (RFA/Ekrem)


تۇران قۇرۇلتىيى 2006 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھەر ئىككى يىلدا بىر چاقىرىلىدىغان بۇ قۇرۇلتاي تۇنجى قېتىملىق پائالىيىتىنى شۇ يىلى ھونلار قۇرۇلتىيى بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن. شۇ قېتىمقى پائالىيەتكە بىرقانچە يۈزمىڭ ھون - تۈرك نەسىللىك خەلقلەر قاتناشقان، ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپكە بىنائەن قاتناشقان.

شۇندىن كېيىن ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇران قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ تارىخى قان - قېرىنداشلىرىغا كىملىكىنى تونۇتۇپ كەلمەكتە.

6 - نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىدىن بىر كۆرۈنۈش
6 - نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىدىن بىر كۆرۈنۈش (RFA/Ekrem)


مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ نەق مەيدان زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىلەر قۇرۇلتاي ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

قۇرۇلتاي 14 - ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدىكەن.