تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قىزلىرى ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى
2015.03.08

8 - مارت دۇنيا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدىكى بىر ئىمام خەتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ قىزلىرى خىتاينىڭ تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. ئۇلار بۇ نامايىشنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن. قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن تۈركىيەنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرىۋالغان قىزلار «ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ ھىجاپ كېيىشى چەكلەنمىسۇن، ھەممىمىز رابىيە قادىر، شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك» دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئاخبارات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
نامايىشقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار نامىدىن بۇسە گىرەنىتلىئوغلۇ باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ، باياناتىدا دۇنيا خانىم - قىزلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، دەرد - پەريادىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتالمايۋاتقان مۇسۇلمان ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا توپلانغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ ھىجاپلىنىشى ۋە دىنىي ئىبادەت قىلىشىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى، ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭمۇ ئەركىن دۇنيادىكى خانىم قىزلارغا ئوخشاش ياشىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن جانسۇ چەلىك سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«گەرچە بۇ يەردە رابىيە قادىر ئانىمىز بولمىسىمۇ، بىز ھەممىمىز رابىيە قادىر، بىز خىتايغا تاقابىل تۇرالايمىز، چۈنكى بىز ھەقلىق. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى دەرھال توختاتسۇن».
3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى دۇنيا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنى قوللاش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەش مەقسىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشقا ئەنقەرەدىكى بەزى ئىمام - خەتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بولۇپ 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.