تۈركىيە، ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزالىرى: شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز

0:00 / 0:00


ئۇيغۇر ۋە تۈرك دۇنياسى مەسىلىلىرى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى سىنان ئۇگان ۋە ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى گانىرا پاشايىۋا خانىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئۇلار يەنە رادىئومىز ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سالام يوللاپ ئۇلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا ھەر زامان تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سىنان ئوگان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قانداق قارايسىز دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستاندا ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار بار، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، ئانا تىلىدا يېزىش ۋە ئوقۇش قىيىنچىلىقى بار، شەرقىي تۈركىستاندا ھەر نەرسە قىيىن، ياشاشمۇ قىيىن مەسىلە. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشمۇ قىيىن بىر مەسىلە، چۈنكى خىتاي پۈتۈن دۇنيانى ئىقتىسادىي كۈچى بىلەن بېسىم ئاستىغا ئېلىۋاتىدۇ. بۇ توغرىدا تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشقا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. ئەمما، بۇ مەسىلە ماددىي جەھەتتە تەڭدىشى يوق ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەرگە ھەم تۈرك ھەم مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قارىشىمىز كېرەك، ئوخشاش ۋاقىتتا بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قارىشىمىز كېرەك. بۇ مەسىلىنى بىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دەپ قارىشىمىز كېرەك. بىز ھەر زامان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولىمىز. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاددىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىغىمۇ ھۆرمەت قىلىمىز. مەن تۈركىيە پارلامېنتىدا بىر پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمەن، سىرتلاردا بىر ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقلىق داۋاسىغا دەستەك بېرىۋاتىمەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ دەستەك بېرىشنى داۋام قىلىمەن.

سىنان ئوگان يەنە ئۇيغۇرلارغا دېمەكچى بولغان سۆزىڭىز بارمۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بىزنىڭ ئۇلارنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى، تۈركىيىدە ئۇلار ئۈچۈن قەلبى سۇقۇۋاتقان قېرىنداشلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلسۇن. ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنى ئۇزاقتا، يالغۇز قالغاندەك ھېس قىلمىسۇن. شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئاتا يۇرتىمىزدۇر، بىز تۈرك مىللىتى ئۇلار بىلەن پۈتۈن بىر مىللەت. تۈرك مىللىتىنىڭ بىر پارچىسى شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتىدۇ، بىز بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمىز. بىز ھەر زامان ئۇلارنىڭ يېنىدا بولىمىز، ئۇلارنىڭ ئاۋازى بولىمىز، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بۇ يەرگە تارتىدۇ. بىزنىڭ قەلبىمىز ئۇ يەرگە تارتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەرگىز يالغۇز ھېس قىلمىسۇن، ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، ئىنشائاللا.

ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى: مەن ھەر يەردە يىغىنلاردا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتىمەن

بىز، ئىستانبۇلدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى گانىرا پاشايىۋا خانىم بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى گانىرا پاشايىۋا خانىم، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئەلۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز، قېنىمىز، جېنىمىز بىر بولغان قېرىنداشلىرىمىزدۇر. مەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بەزى رايونلىرىنى زىيارەت قىلدىم، ئۇ يەرنى ياخشى بىلىمەن. شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئالدى بىلەن نېمە قىلىشىمىز كېرەك دەپ سورالغاندا، ئەلۋەتتە، بىز پۈتۈن خەلقلەرگە شەرقىي تۈركىستاننى ئاڭلىتىشىمىز كېرەك، دۇنيا جامائىتى تارىخىمىزنى بىلىشى كېرەك، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنى بىلىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىنى بىلىشى كېرەك. ئۇ يەردىكى ئىنسانلىرىمىزغا قانداق ياردەم قىلىشنى ئۆگىنىشى كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا ئەڭ چوڭ دىئاسپورا تۈرك دىئاسپوراسىدۇر، ئەمما بىزنىڭ دىئاسپورامىز بۆلۈنگەن ۋەزىيەتتە. تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، شەرقىي تۈركىستان دېگەن ئىسىملار بىلەن بۆلۈنگەن بىر ئەھۋالدا. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ مەسىلىلىرىمىزنى ھەر يەردە ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. تۈرك دىئاسپوراسى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە بىزنىڭ ئىنسانلىرىمىزنىڭ مەسىلىرىنى، قىيىنچىلىقلىرىنى، دۆلەتلەردە، تەشكىلاتلاردا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشى كېرەك. ئۇلارغا بىرلىك - باراۋەرلىك ئىچىدە دەستەك بېرىش بەك مۇھىم. ئەلۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىلىرىنى، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چارە ئىزدەش، ھەمكارلىشىش، يېنىدا بولۇش دۇنيانىڭ ھەر يېرىندىكى تۈرك ئىنسانلارنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر ۋەزىپىلىرىدىن بىرىدۇر.

ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى گانىرا پاشايىۋا، ئۇيغۇرلارغا دېمەكچى بولغان قوشۇمچە سۆزىڭىز بارمۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: مەن سىلەرنىڭ بۇ رادىئو ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا سالام يوللايمەن. ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، ئۇلارنىڭ قايغۇلىرى ۋە قىيىنچىلىقلىرى بىزنىڭ قايغۇ ۋە قىيىنچىلىقلىرىمىزدۇر. شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپ مەسىلىلىرى بار. تۈرك دۇنياسىنىڭ كۆپلىگەن مەسىلىلىرى بار، مەن ھەر يەردە يىغىنلاردا، دوستلىرىم بىلەن ئولتۇرغاندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتىمەن. ئىنشائاللا ھەممىمىز بىرلىكتە تېخىمۇ كۆپ قوللاپ - قۇۋۋەتلەپ بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.