تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە قاتارلىق شەھەرلىرىدە 15-ئىيۇل جۈمە كۈنى كېچىدىن باشلىنىپ شەنبە كۈنى ئەتىگەنگىچە داۋام قىلغان ھەربىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشى مەغلۇپ بولغان بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۈرك خەلقى شەنبە كۈنى ھەر قايسى شەھەرلەردە كوچىلارغا چىقىپ، ئۆز غەلىبىسىنى تەبرىكلەشتى.
توقۇنۇش ۋە نامايىشلاردىن كېيىن تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردۇغان شەنبە كۈنى تۈرك خەلقىگە بايانات بېرىپ ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ ئاياغلاشقانلىقى ھۆكۈمەتنىڭ يەنىلا ھاكىمىيەت بېشىدا ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم شەنبە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بۇ جەرياندا ئاز دېگەندە 165 ئادەم ئۆلۈپ، 1 مىڭ 440 ئادەم ھەر خىل دەرىجىدە يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋە بۇنى «دېموكراتىيە تارىخىغا سۈرتۈلگەن قارا داغ» دەپ سۈرەتلىدى.

تۈركىيە تاشىقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇش ئوغلۇ گىرېك دائىرىلىرىدىن بۇ 8 نەپەر تۈرك ھەربىي خادىمىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
تۈركىيە ھەربىي خادىملىرىنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى ھەققىدە توختالغان گىرېتسىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئولگا گېروۋاسىلى يازما باياناتىدا خەلقئارا قانۇن بويىچە بۇ 8 نەپەر خادىنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىغا قاراپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان «ھامىي» ( گاردىيان) گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رەجەپ تاييپ ئەردۇغان جۈمە كۈنى كەچتە يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشىدا نۆۋەتتە ئامېرىكىدا پاناھلانغان تۈرك دىنىي ئەرباب پەتقۇللا گۈلەننىڭ قولى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۈركىيە پرېزىدېنت ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە 2 مىڭ 839 ئوفىتسېر قولغا ئېلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ھەربىي ئۆزگىرىشكە مۇناسىۋەتلىك 8 نەپەر تۈرك ھەربىي ئەمەلدارى گىرېتسىيەگە ھەربىي تىك ئۇچار بىلەن كېلىپ قونۇپ سىياسىي پاناھلىق ئىزدىگەن.
ۋالستىرى ژۇرنال گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان گىرېك ھۆكۈمەت خادىمى بۇلارنىڭ يۇقىرى مايور دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان ھەربىي ئۆزگىرىشنى قوللىغان ئوفىتسېرلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، گۈلەن ئەپەندى ئۆز تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ھەربىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلىگەن.
نۆۋەتتە بۇ نۆۋەتلىك ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ ئارقىسىدا زادى كىملەرنىڭ بارلىقى تولۇق ئاشكارا بولمىدى.
ھەربىيلەرنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن يېڭىلىق ئەمەس. تۈركىيەدە 1960- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە جەمئىي 6 قېتىم ھەربىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشى يۈز بەرگەن. بۇنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 4 قېتىملىقى تولۇق غەلىبە قىلغان ئىدى.