خەلقئارا ئەمگەك قانۇنى، تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك رەسمىي گېزىتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن رەسمىي يولغا قويۇلدى. مەزكۇر قانۇندا كۆرسىتىلىشىچە، ئىشلەش رۇخسىتى يوق چەتئەللىكلەر تۈركىيەدە ئىشلىيەلمەيدىكەن.
بۇ قانۇنغا ئاساسەن، ئىشلەش رۇخسىتى ئالماي تۇرۇپ بىر شىركەت ياكى مەلۇم بىر خىزمەت ئورنىدا ئىشقا كىرگەن چەتئەللىكلەرگە 2 مىڭ 400 تۈرك لىراسى، يەنى 815 دوللار، ئۆز ئالدىغا ئىش يېرى ئاچقانلارغا 4 مىڭ 800 تۈرك لىراسى،يەنى 1600 دوللار، ئىش يېرىدە رۇخسەتسىز چەتئەللىك ئىشلەتكەنلەرگە 6 مىڭ تۈرك لىراسى،يەنى 2035 دوللار جەرىمانە تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىنىدىكەن.
8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەستىقلىشى بىلەن يولغا قويۇلغان 6735 - نومۇرلۇق، خەلقئارا ئەمگەك قانۇنىنى ماقۇللاشتىكى سەۋەب، چەتئەللىكلەرنىڭ تۈركىيەدە قاچاق ئىشلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىختىساسلىق چەتئەللىكلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.
مەزكۇر قانۇن نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
تۈركىيە رەسمىي گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان قانۇندا كۆرسىتىلىشىچە قانۇن تۈركىيەدە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان ياكى ھازىر خىزمەت قىلىۋاتقان، تۈركىيەدىكى كارخانىلاردا پراكتىكا قىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان ۋە پراكتىكا قىلغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
تۈركىيە ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مىنىستىرلىقىدا چەتئەللىكلەرنىڭ تۈركىيەدە ئىشلەش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ تەكشۈرۈپ بېكىتىش كومىتېتى قۇرۇلىدىكەن. تۈركىيەدە ئىشلەشنى خالايدىغان چەتئەللىكلەر ئىشلەش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان ئىدارە جەمئىيەت، شىركەت ۋە كارىخانىلار، مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ئىلتىماسىنى سۇنىدىكەن. ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىشنى خالايدىغانلار ئۆزلىرى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدىكەن.
ئىشلەش رۇخسىتى بولمىغانلار تۈركىيەدە خىزمەت قىلالمايدىكەن
مەزكۇر قانۇندا كۆرسىتىلىشىچە، ئىشلەش رۇخسىتى بولمىغان چەتئەللىكلەر تۈركىيەدە ھېچقانداق بىر يەردە ئىشلىيەلمەيدىكەن ياكى ئىشلىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. سەھىيە ۋە مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغانلار رۇخسەت چىقىشتىن بۇرۇن ۋاقىتلىق رۇخسەت ئېلىپ ئىشلەپ تۇرسا بولىدىكەن.
تۈركىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئىقامەت ئېلىپ تۇرۇۋاتقان ياكى 8 يىلدىن بېرى ئىشلەش رۇخسىتى بار كىشىلەر، مۇددەتسىز ئىشلەش رۇخسىتىگە ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن.
مۇددەتسىز ئىشلەش رۇخسىتىگە ئىگە بولغان چەتئەللىكلەر تۈرك ۋەتەنداشلىرى ئىگە بولغان ھەق - ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولالايدىكەن. ئەمما سايلاش، سايلىنىش، دۆلەت كادىرى بولۇش ۋە ھەربىي سەپكە قاتنىشىش ھوقۇقى بولمايدىكەن.
شىمالىي سىپۇرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن تۈركلەر، ئىلمىي تەتقىقاتچىلار، سەنئەتچىلەر، داڭلىق كىشىلەر، مۇۋەپپەقىيەتلىك چەتئەللىكلەر ئىشلەش رۇخسىتى ئالغاندا ئۇلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىلىدىكەن.
يېشىل كارت قانۇنى بويىچە، خەلقئارالىق ئەمگەك كۈچى سىياسىتى مەسلىھەت كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىشلەش رۇخسىتى ئېلىپ ئىشلىسە بولىدىكەن. تۈركىيە ئالىي مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرگەن ئىنژېنېرلار ۋە بىناكارلار ئىشلەش رۇخسىتى ئېلىش شەرتى بىلەن ۋاقىتلىق كەسپىنى قىلالايدىكەن.
بۇ قانۇنغا ئاساسلانغان نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيەدە ئىشلەپ جان بېقىشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بۇ ھەقتە ئىقتىسادشۇناس ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى، بۈگۈن يولغا قويۇلغان مەزكۇر قانۇننىڭ نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرغا، بولۇپمۇ كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەگە كەلگەن مىڭلىغان مۇساپىر ئۇيغۇرغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى كېيىنكى يىللاردا ئىستانبۇلغا كەلگەن ئۇيغۇرلار ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتىمەستىن ئىش يېرى ئېچىپ، كۆپ پۇل زىيان تارتىپ كەتكەنلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن بويىچە ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان ئىقتىسادشۇناس ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى ئىشلەش رۇخسىتى ئالماي تۇرۇپ بىر شىركەت ياكى مەلۇم بىر خىزمەت ئورنىدا ئىشقا كىرگەن چەتئەللىكلەرگە ئېغىر جەرىمانە قويۇش قانۇنى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ كۆپ ساندا ئۇيغۇرغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى شۇڭا ئاشخانا ئاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە رەسمىيەتلىرىنى ئۆتۈۋېلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇ تۈركىيەدە ئىگىلىك تىكلەشنى خالايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسلىھەتچى شىركەت ۋە ئادۋوكاتلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ئۆمەر تابىپ ئەپەندى تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقىنىڭ تۇرۇش رۇخسىتى ياكى نوپۇسىنىڭ بولماسلىقى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەدىكى يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قانۇن بۇرۇنقى مۇشۇ خىلدىكى قانۇنلارغا قارىغاندا سىستېمىلىقراق بولۇپ، بۇرۇنقى قانۇندا جەرىمانە سوممىسى ئاز ئىدى، بۇ قېتىمقىدا ئۆستۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە خەلقئارا ئەمگەك قانۇنىغا ماسلاشتۇرۇلغان ئىكەن. بۇرۇنقى قانۇن بويىچە ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇساپىرلارنىڭ ئىشلىشىدا بەزى كەڭچىللىكلەرنى قىلغىلى بولاتتى، بۇ قېتىمقى قانۇن كۈچەيتىلگەن.
0:00 / 0:00