ئىستانبۇلنىڭ فەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 563-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر مىليون كىشى جەم بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2016.06.01
Istanbul-fethi-563-yilliqi-1.jpg ئىستانبۇلنىڭ فەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 563-يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۆز قىلماقتا. 2016-يىلى 29-ماي، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

29‏-ماي كۈنى ئىستانبۇلنىڭ فەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 563-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ يېڭىقاپى ساھىل مەيدانىدا تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتكە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، باش مىنىستىر بىنئەلى يىلدىرىم، پارلامېنت رەئىسى ئىسمائىل قەھرىمان قاتارلىق ئالىي دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرى قاتناشقان. بۇ پائالىيەتكە بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

پائالىيەت قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. كېيىن ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى قادىر توپباش، ئىستانبۇل ۋالىيىسى ۋاسىف شاھىن، باش مىنىستىر بىنئەلى يىلدىرىم، پارلامېنت رەئىسى ئىسمائىل قەھرىمان، جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتارلىق ئەربابلار ئىستانبۇلنىڭ فەتھى قىلىنغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۆزىدە ئالدى بىلەن بىر قانچە دۆلەت ۋە شەھەرلەرنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ سالام يولىدى بۇ قاتاردا «قىرىمدىن تۈركىستانغىچە كۆزى ياشلىق جوغرايىپىمىزگە سالام يوللايمەن» دېدى.

پرېزىدېنت ئەردوغان سۆزىدە يەنە ئىستانبۇلنىڭ ئەھمىيەتلىك بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «فەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 563-يىلىنى تەنتەنە بىلەن تەبرىكلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەن پۈتۈن كىشىلەرنى تەبرىكلەيمەن. ئىستانبۇلغا كەلمىگەن شائىر ئىلھام ئالالماي سۈكۈتتە قالىدۇ، يازغان شېئىرى كەمچىل قالىدۇ، ئىستانبۇلنى كۆرمەي ئۆتكەن ئۆمۈر كەمچىل ئۆتكەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ شەھەرنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلىشىمىز كېرەك.»

فاتىھ سۇلتان مەھمەت كىم؟

تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى ئىسمائىل قەھرىمان، ئىستانبۇل فەتھىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە فاتىھ سۇلتان مەھمەت توغرىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «19 ياشلىق بىر ياش پادىشاھ ئىستانبۇلنى فەتھى قىلىشقا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ‹بىر كۈنى قۇستانتىنىيە فەتھى بولىدۇ، ئۇنى فەتھى قىلغان قوماندان نېمە دېگەن ياخشى قوماندان، ئۇنى فەتھى قىلغان ئەسكەرلەر نېمە دېگەن ياخشى ئەسكەرلەر› دەپ خۇش خەۋەر بەرگەن بىشارىتىگە نائىل بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ ۋە 21 يېشىدا مەقسەتكە يېتىدۇ. دېڭىز بوغازى زەنجىرلەر بىلەن توسالىغان پەيتتە، قوماندان فاتىھ سۇلتان مەھمەت 1453-يىلى 4-ئاينىڭ 21-، 22-كۈنلىرى 72 كېمىنى قۇرۇقلۇقتا ياغاچ ئۈستىدە سۆرەپ توپخانىدىن قاسىمپاشاغا ئەكېلىدۇ ۋە دېڭىزغا كىرگۈزىدۇ. 53 كۈن مۇھاسىرىگە ئالغاندىن كېيىن ئىستانبۇلنى فەتھى قىلىدۇ ۋە ئاق ئاتقا مىنىپ شەھەرگە كىرىدۇ. نەچچە قېتىم مۇھاسىرىگە ئېلىنىپ فەتھى قىلىنمىغان ئىستانبۇلنى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئالىدۇ ۋە بىزگە ئامانەت قىلىپ مىراس قالدۇرىدۇ. فاتىھ سۇلتان مەھمەت 30 يىل سۈرگەن پادىشاھلىق دەۋردە 25 قېتىم جەڭگە چىققان، ھەر قېتىملىق جەڭدە غەلىبە قازانغان 26-قېتىملىق جەڭگە چىققاندا گەبزەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان..»

پارلامېنت رەئىسى ئىسمائىل قەھرىمان سۆزىدە يەنە فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ شەخسىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «فاتىھ سۇلتان مەھمەتخان 6 تىل بىلىدىغان، ئالىم، ماتېماتىكچى، ماھىر بىر ئوقيا ياسىغۇچى ئىدى. ئۇ يەنە ھەقىقىي بىر شائىر ئىدى. تارىخىمىزدىكى سەلتەنەتلىك شەخسلىرىمىزدىن بىرى ئىدى. پۈتۈن دۇنيادا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتقان تەڭدىشى يوق بىر پادىشاھ ئىدى.»

ئىستانبۇل فەتھىنىڭ 563-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان بولۇپ،بىز بۇ ھەقتە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ئاياللاردىن مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئاياللار بىلەن پائالىيەت مەيدانىدا «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى»نى چىقىرىپ لەپىلدەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

فاتىھ سۇلتان مەھمەت تارىختا ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەت قۇرغانمۇ؟

بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تۈركىيە رادىئو، تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئىستانبۇل باش مۇدىرى دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇلھەمىت ئاۋشارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ دادىسىنىڭ ئەسلى ئۇيغۇرلارغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى تۈركىستان جوغراپىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدا ئوغلىغا ۋەسىيەت قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك فاتىھ سۇلتان مەھمەت، قۇتادغۇبىلىك، ئەتەبەتۇل ھەقايىق قاتارلىق ئۇيغۇر ئالىملار يازغان كىتابلارنى ئەكەلدۈرۈپ ئۆزى ئوقۇغان ۋە شۇ دەۋردىكى شاھزادىلەرنى تەربىيىلەش مەكتىپىنىڭ كۇتۇپخانىغا قويغان.

ئابدۇلھەمت ئاۋشارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ بەزى ئەمىر-پەرمانلىرىنى ۋە فەتھىنامىلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا يازغان.
بۇ ھەقتە تارىخ تەتقىقاتچى مەھمەت دىلباز ئىسىملىك كىشى ئۆزىنىڭ فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ ئۇيغۇرچە پەرمانى دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: «فاتىھ سۇلتان مەھمەت بەزى فەتھىنامىلىرىنى ۋە ئەمىر-پەرمانلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا يازغان. يارلىق دەپ ئاتىلىدىغان فەتھىنامىلەردىن بىرسىنى، شەبىنقاراھىسارنى فەتھى قىلغاندىن كېيىن خوراسان ئەمىرى ھۈسەيىن بايقاراغا ۋە شاھزادە جەمگە 1473-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى يازغان يارلىق ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان.

تارىخ تەتقىقاتچى مەھمەت دىلباز مەزكۇر يارلىقنىڭ قوليازما نۇسخىسىنىڭ سۈرىتىنى ماقالىسىگە كىرگۈزگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.