تۈركىيەدە ئۆي مۈلك سېتىۋېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار نېمەلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟
2013.04.24
تۈركىيە مۇھىت ۋە شەھەرچىلىق مىنىستىرى ئەردوغان بايراقدار ئەپەندىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، چەتئەللىكلەرنىڭ مال - مۈلك ئېگىسى بولۇشى ئاسانلاشتۇرۇلغان. ئۇ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، چەتئەللىكلەرنىڭ تۈركىيەدە ئۆي - ماكان سېتىۋېلىشنى ئاسانلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت تۈركىيەگە چەتئەل مەبلىغىنى تارتىش ئىكەن.
ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدا ماقۇللانغان قانۇنغا ئاساسەن 183 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى تۈركىيەدىن ئۆي - ماكان سېتىۋالالايدىكەن. سېتىپ ئالىدىغان رايون ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنغا مەسىلەن، ھەربىي رايونغا يېقىن بولماسلىقى كېرەك ئىكەن. يەنە بۇ قانۇنغا ئاساسەن ئۆي سېتىۋالغان كىشىلەرگە تۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسىتىمۇ بېرىلىدىكەن. بۇ قانۇن ئۆتكەن يىلى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن كۆپ ساندا ئۇيغۇر تۈركىيەدىن ئۆي - جاي، زېمىن سېتىۋالدى. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈركىيەدە قانداق ئۆي - ماكان سېتىۋېلىنىدىغانلىقىنى بىلەلمىگەن ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە كېلىپ تەمتىرەپ يۈرگەن ياكى ئالدىنىپ كەتكەن. تۈركىيەدە ئۆي - مۈلك ئېلىشنى خالىغان ئۇيغۇرلار قەيەردىن ئالالايدۇ؟ نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ ئىستانبۇلدىن ئۆي - مۈلك ئېلىشنى خالىغان ئۇيغۇرلار قانداق شىركەت ۋە شەخىسلەر ئارقىلىق ئېلىشى كېرەك؟ ئۆي باھاسى قانداق؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئىقتىساتشۇناس ئابدۇرىشىت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.