تۈركىيە، قازاقىستاندىكى فەتھۇللاھچىلار ئاچقان مەكتەپلەرنى ئېتىۋېتىشىنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.08.09
turkiye-herbiy-ozgirish-urunishi-2016.jpg تۈركىيەدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشىنى جەريانىدىكى كۆرۈنۈشلەر
RFA/Arslan


15 - ئىيۇل كۈنى تۈركىيەدە مەيدانغا كەلگەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى قازاقىستان دۆلىتىدىن قازاقىستاندىكى فەتھۇللاھ گۈلەنچىلەر ئاچقان 33 مەكتەپنى تاقىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. قازاقىستان دۆلەت رەئىسى نۇرسۇلتان نازاربايېف 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تۈركىيەدە ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، مەزكۇر مەكتەپلەرنىڭ قازاقىستان مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ كونترولى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كۆپىنىڭ قازاقىستان ۋەتەندىشى ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە قارار بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان قازاقىستان دۆلەت رەئىسى نۇرسۇلتان نازاربايېفنى ئەنقەرە بەشتەپەدىكى ئوردىسىدا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتىۋالدى. ئارقىدىن ئىككى دۆلەت رەئىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىش باشلاندى. ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇلار بىرلىكتە مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قازاقىستان تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى ئىكەنلىكىنى، قازاقىستاننىڭ تۈركىيەنىڭ شەرققە ئېچىلىدىغان دەرۋازىسى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە بولسا قازاقىستاننىڭ غەربكە ئېچىلىدىغان دەرۋازىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە قازاقىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى ھېسابلىنىدۇ. 2011 - يىلى قۇرۇلغان ئىستراتېگىيە كونسىيىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنىنى دۆلىتىمىزدە يېقىندا ئۆتكۈزىمىز. تۈركىيە بىلەن قازاقىستان تارىخىي يىپەك يولىنى قايتا جانلاندۇرۇشتا مۇھىم ئىككى دۆلەت. ئەھمەت يەسىۋىي تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان تۈركىستان شەھىرى ئوتتۇرا ئاسيا بىلەن تۈركىيەنى بىر - بىرىگە باغلىغان مەنىۋىي كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇ تارىخىي رىشتىمىزنى كۈچەيتىشكە تىرشىشىمىز كېرەك.»

ئارقىدىن قازاقىستان دۆلەت رەئىسى نۇرسۇلتان نازاربايېف باياناتىدا 15 - ئىيۇلدا ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەش، يارىدار بولغانلارغا ئاللاھتىن شىپا تىلەش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

بىر مۇخبىرنىڭ «قازاقىستان فەتھۇللاھ گۈلەن تېررورر تەشكىلاتىنىڭ قازاقىستاندىكى 33 مەكتىپىنى ئېتىۋەتمەيدىغانلىقىنى دېگەن ئىدى. بۇ ھەقتە ئىككى دۆلەت رەئىسى مۇزاكىرە ئېلىپ باردىڭلارمۇ ؟» دېگەن سوئالىغا رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇنداق جاۋاب بەردى: «قازاقىستاندىكى فەتھۇللاھچى تېررورر تەشكىلاتىنىڭ مەكتەپلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. تۈركىيە مائارىپ فوندى بىلەن قازاقىستان مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ. مۇزاكىرە ئاخىرىدا قارار بەرمەكچى. دۆلەت رەئىسى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ تۈركىيەنىڭ دۈشمىنى بىزنىڭمۇ دۈشمىنىمىزدۇر سۆزى مېنى بەك تەسىرلەندۈردى. ھازىر قازاقىستاندا 33 مەكتىپى بار. تىزىملىكىنى بەردۇق. مۇزاكىرە نەتىجىسىدە قارار بېرىمىز.

بۇرسا ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى مەمەت يۈجە ئەپەندى قازاقىستاندا «خىزمەت ھەرىكىتى» نىڭ 33 مەكتىپى بارلىقىنى، ئەمما دۆلەتنىڭ كونترولى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندىكى مەكتەپلەرگە قارىتا تەكشۈرۈش قاتتىق. ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەكتەپلەرنىڭ زىيىنى ئاز. ھۆكۈمەتنىڭ كونترولى سىرتىدا بىر ئىش قىلىشى مۇمكۇن ئەمەس. شۇڭا بۇ مەكتەپلەر توغرىسىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن قازاقىستان ھۆكۈمىتى ياخشى مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.»

قازاقىستان سۇلايمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دىلنارە قاسىموۋا خانىم جەنۇبىي قازاقىستان بىلەن قازاقىستاننىڭ باشقا جايلىرىدا كۆپ ساندا تۈرك مەكتىپى بارلىقىنى، بۇ مەكتەپلەرنى تۈركىيەنىڭ مەكتىپى دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى تۈركىيەنىڭ كونترولى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دىلنارە قاسىموۋا خانىم قازاقىستاندا ئېچىلغان تۈرك - قازاق مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

دىلنارە قاسىموۋا خانىم تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا دۇنيادا 100 ئەتراپىدا دۆلەتتە فەتھۇللاھچىلار ئاچقان مەكتەپلەر بار بولۇپ، بۇ مەكتەپلەر مەسىلىسى ھازىر تۈركىيە بىلەن ئۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مەسىلىگە ئايلانماقتا. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى قازاقىستان بىلەن تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئۆرنەك بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار 1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يېمىرىلگەندىن كېيىن تۈركىيە دۆلىتى ۋە تۈركىيەدىكى بەزى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە مەكتەپ ئېچىشقا باشلىغان ئىدى. 1994 - يىلى ئۆزبېكىستان بىلەن تۈركىيە دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يىرىكلەشكەندىن كېيىن، ئۆزبەكىستان تۈرك مەكتەپلىرىرىنى ئېتىۋەتكەن ئىدى. باشقا جۇمھۇرىيەتلەردە بۇ مەكتەپلەر ھازىرغىچە پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.