داۋۇت ئوغلۇ: مەن تۈركىيىنىڭ تەقدىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئورتاق ئىكەنلىكىنى جاكارلايمەن

0:00 / 0:00

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى دمىترى مېزېنتسېۋ، «دىئالوگ ئورتاقلىقى»لىق توختامنامىسىگە قول قويدى.

ئەمەت داۋۇت ئوغلۇ مۇخبىرلارغا «ئەمدى بىز بۇ توختامنامىغا قول قويغاندىن كېيىن مىڭ يىلدىن بېرى بىرلىكتە ياشىغان دۆلەتلەردىن تەركىپ تاپقان بىر ئائىلىگە ئەزا بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ناھايىتى خۇرسەنمەن. مەن تۈركىيىنىڭ تەقدىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئورتاق ئىكەنلىكىنى جاكارلايمەن» دېدى.

قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىگە رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن بارغان ئەخمەت داۋۇتوغلۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى دمىتري مېزېنتسېۋ بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان. ئۇچرىشىشتا تۈركىيە بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. ئاخىرىدا «دىئالوگ ئورتاقلىقى» توختامنامىسى تۈزۈلگەن.

ئەخمەت داۋۇتوغلۇ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ توختامنامىنىڭ تۈركىيە بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ ماڭىدىغان ئۇزۇن سەپەرنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئالماتادا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا يەنە، ئۆتكەن يىلى 6 - ئايدا بېيجىڭدا چاقىرىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى ئالىي يىغىنىدا تۈركىيىگە «دىئالوگ ئورتاقلىقى» سالاھىيىتى بېرىلگەنلىكىنى كۆرسەتتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇنىڭ بۇ باياناتى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولالامدۇ؟ بولغان تەقدىردە، ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنسىرىشى ئورۇنلۇقمۇ؟ دېگەن سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئامېرىكا مىشىگېن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور تىمۇر قوجائوغلۇ ۋە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پروفېسسور دوكتور تىمۇر قوجائوغلۇ تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولسا خىتاينىڭ تەشكىلاتتىكى كۈچىنىڭ ئاجىزلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ تۈركىيەنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.