تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بالىلار بايرىمىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى
2017.04.21
كوجائېلى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن ئۈلگە بولۇش ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان 23-ئاپرېل خەلقئارالىق بالىلار بايرىمى دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كەلگەن ئۆسمۈرلەر كوجائېلى شەھىرىدە سائەت مۇناىرى ئالدىدىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىغىچە يۈرۈش قىلىش بىلەن 20 ئاپرېل پەيشەنبە كۈنى رەسمىي باشلاندى. بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئوغۇل-قىز بولۇپ 23 نەپەر ئۆسمۈر قاتناشتى.
41 دۆلەت ۋە رايوندىن شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن بولۇپ، 1000 نەپەر ئۆسمۈر خوجائېلى شەھىرىگە جەم بولدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىيىملىرى بىلەن بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ شەھەر مەركىزىدە يۈرۈش قىلدى.
ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى لەپىلدىتىپ، شەھەر مەركىزىدىكى يۈرۈشكە قاتناشتى. ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر چىمەن دوپپا كانۋا كۆڭلەك قاتارلىق مىللىي كىيىملىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.
پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا كوجائېلى شەھەر باشلىقى ئىبراھىم قارائوسمانئوغلى، كوجائېلى ۋالىيسى ھەسەن بەسرى گۈزەل ئەپەندىلەر سۆز قىلدى.
شەھەر باشلىقى ئىبراھىم ئەپەندى مۇنداق دېدى: «كۆزىمىزنىڭ نۇرى بالىلار كوجائېلىگە خوش كەلدىڭلار! 23-ئاپرېل كۈنى ھېچ بىر ئۆسمۈر كۆز يېشى قىلمىسۇن. 23-ئاپرېل كۈنى ھېچ بىر ئۆسمۈر يىغلىمايدىغان، قورقمايدىغان بىر دۇنيا قۇرۇش تىرىشچانلىق كۈنىدۇر.»
شەھەر باشلىقى ئىبراھىم قارائوسمانئوغلى سۆزىدە يەنە دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئۇرۇش سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان ياكى ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان ئۆسمۈرلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
شەھەر باشلىقى ئىبراھىم ئەپەندى سۆزىدە يەنە پائالىيەتكە قاتناشقان ئۆسمۈرلەر خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «سىلەر بۈگۈن بۇ يەردە باسقان قېرىنداشلىق قەدەم بىلەن دۇنيا تىنچلىقىغا ھەسسە قوشىسىلەر، ئاللاھ بۇيرۇسا سىلەر چوڭ بولغاندا ئۇرۇش ۋە سۈرگۈن ۋەقەلىرى بولمايدۇ.»
دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كوجائېلىگە كەلگەن ئۆسمۈرلەرنى كوجائېلى خەلقىدىن ھەر بىر ئائىلە ئىككىدىن ئۆسمۈر مېھماننى قارشى ئېلىپ، ئۆيىدە ساھىبخانىلىق قىلغان بولۇپ، كوجائېلى شەھەر باشلىقى تۈركلەرنىڭ مېھماندوستلۇقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتكەن خەلق ئاممىسىغا تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
كېيىن كوجائېلى ۋالىيسى ھەسەن بەسرى گۈزەلئوغلى سۆز قىلىپ، دۇنيانىڭ تۆت ئەتراپىدىن كوجائېلىگە كەلگەن ئۆسمۈرلەرنىڭ كەلگۈسىدە تىنچلىق نامىدا يېڭى بىر دۇنيا قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە «دۇنيادا ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئازاب-ئوقۇبەتكە مۇپتىلا بولغان پۈتۈن ئۆسمۈرلەرگە سالام ۋە سۆيگۈ يوللايمەن» دېدى.
ئۆسمۈر بالىلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى باشلىقى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 20-ئاپرېل كۈنىدىكى پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر شېئىر ئوقۇدى. خوجائېلى شەھەر باشلىقى ئىبراھىم قارائوسمان ئۇغلۇ ۋە كوجائېلى ۋالىيسى ھەسەن بەسرى گۈزەل ئوغلى ئەپەندىگە ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرىدىن دوپپا ۋە تون كىيدۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنى بۇ پائالىيەتكە دەۋەت قىلغانلىقىغا تەشەككۈر بىلدۈرۈلدى، شەرەپ تاختىسى تەقدىم قىلىندى.
بۇ پائالىيەت 9 يىلدىن بىرى كوجائېلىدە ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بالىلارغا ئۆز-ئارا ئۇچرىشىش ۋە تونۇشۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەت ۋە سۆيگۈنى كۈچەيتىپ، تىنچ بولغان دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈپ كېلىنمەكتە ئىكەن.
بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى 23-ئاپرېل كۈنى، خوجائېلى شەھەر باشلىقى ۋە ۋالىيسى قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر ۋە كوجائېلى خەلقى قاتنىشىدىغان چوڭ مۇراسىمدا شېئىر ئۇقۇپ ئۇيغۇر ساما ئۇسسۇلى كۆرسىتىدىكەن، بۇ جەريانىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر مىللىي مەدەنىيەتنى تونۇشتۇرۇپ ھەر خىل پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن.