تۈركىيەنىڭ «ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلىكى» ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزدى

0:00 / 0:00


تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بايان قىلىشماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيەدىكى چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى «تۈركىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىلرىكى»مۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.

مەلۇمكى، تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرماقتا. بۇ ئەھۋال تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرمەكتە. چۈنكى دېموكراتىيەلىك دۆلەتلەردە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتكە بولغان تەسىرى ناھايىتى كۆپ. بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بۇندىن كېيىنكى خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزگەنلىكىنى بايان قىلغان،«تۈركىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلىكى» رەئىسى ئەرگۈن ئاتالاي ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق دېگەن سۇئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى.

«تۈركىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 63 يىلدىن بېرى دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى ۋە ئىشچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش بىلەن بىرلىكتە، دۇنيانىڭ قەيىرىدە تۈرك بولسا، نەدە مۇسۇلمان بولسا ئۇلارنىڭ دەرت - پەريادىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان چوڭ بىر ئاممىۋى تەشكىلات. تۈركىيە ئىشچى ئۇيۇشمىلىرى بىرلىكىنىڭ بىر مىليون ئەزاسى، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 500دىن ئارتۇق شۆبىسى مەۋجۇت. بىز تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى.»

ئەرگۈن ئاتالاي ئەپەندى تەشكىلاتىڭىز تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نېمە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقچى؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:

«خىتايدىكى زۇلۇم ۋە ۋەھشىيلىك توغرىسىدا ئۆتكەن ھەپتە بىر مۇزاكىرە يىغىنى چاقىرىپ، چوڭ بىر يىغىن ئۆتكۈزۈشنى، ھەتتا بۇ ھەقتە كەچ قالغانلىقىمىزنى دېيىشكەن ئىدۇق. بىز ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ پائالىيەت ئېلىپ بارىمىز. بۇ پائالىيەتلىرىمىز تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىدۇ. بىز تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى داۋاملىق ھالدا تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىمىز ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيمىز. شۇنداقلا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىكى ئىشچى ئۇيۇشمىلىرى بىرلىكلىرىگىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىمىز. بىزنىڭ بۇ كۆرۈشىمىز خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى بەرگىچە داۋاملىشىدۇ.»

ئۇ،«ئۇيغۇر مەسىلىسى سىزچە قانداق بىر مەسىلە؟» دېگەن سوئالىمىزغا بەرگەن جاۋابىدا، ئۇيغۇر مەسىلىنىڭ پەلەستىندىكى، سۈرىيەدىكى، مىسىردىكى ۋە ئارىقاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسىدىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«تۈرك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى پەلەستىندىكى، مىسىردىكى، ئىراقتىكى، ئارىقاندىكى مەسىلىلەرگە ئىگە چىقىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇلاردىنمۇ مۇھىم بىر مەسىلە. بۇنى كۆزىتىش، بۇنى ھەر دائىم كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى كېرەك. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەممەيلەن تۆھپە قوشۇشى كېرەك. مەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئاللاھ سىلەرگە يار - يۆلەك بولسۇن، بىز تۈركىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر دائىم يېنىڭلاردا بولىمىز.»

تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلسەك خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت مۇناسىۋىتىمىزگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ، بۇ مەسىلىگە دېگەندەك كۆڭۈل بۆلمەي كېلىۋاتىدۇ. بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سىلەر نېمە قىلماقچى دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:

«بىز ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ مەسىلىگە تىجارەت جەھەتتىن قارىمايمىز. ئۇيغۇرلار تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتىدۇ. تىجارىي مەنپەئەتتىن، پۇلدىنمۇ مۇھىم بولغان ئەركىنلىكتۇر. بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز. ھۆكۈمەتكە ئەركىنلىكنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىمىز. دۆلىتىمىزنى باشقۇرىۋاتقان رەھبەرلىرىمىز شۇنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەككى، ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى ھەممىدىن ئەلا. بىز بىر مىليون ئەزاسى بار، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپىمىزگە قويدۇق، بۇندىن كېيىن داۋاملىق ھالدا بۇ مەسىلىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىمىز.»