شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى سۈرىيە خەلقىگە ياردەم قولىنى سۇندى

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى سۈرىيە خەلقىگە ياردەم بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى سەپەر قىلىش ئارقىلىق ئىقتىسادى ياردەم توپلىدى ۋە سۈرىيە خەلقى ئەڭ ئېھتىياجىلىق دەپ قارالغان ئۇن ۋە كىيىم - كېچەك سېتىۋېلىپ سۈرىيىگە يەتكۈزۈپ بەردى.

0:00 / 0:00


ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، سۈرىيىدە ھاكىمىيەت بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش باشتا نامايىش بىلەن باشلانغان بولۇپ، كېيىنچە ئىچكى ئۇرۇشقا ئايلاندى. سۈرىيىدە ئىچكى ئۇرۇش يۈز بېرىپ ئارىدىن 20 ئاي ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇرۇش يەنىلا داۋام قىلىۋاتىدۇ، ئۇرۇشتا 60 مىڭدىن ئارتۇق ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلدى. ھايات قالغانلىرى ئۆي - ماكانلىرىنى تاشلاپ باشقا يۇرتلارغا ۋە ياكى باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. سۈرىيىدىكى ئۇرۇشتىن قاچقان كىشىلەرگە تۈركىيە چېگرا دەرۋازىسىنى كەڭ ئېچىۋەتكەن بولۇپ ھازىرغىچە 160 مىڭ سۈرىيىلىك تۈركىيىدە پاناھلىنىپ ياشىماقتا ئىكەن.

بىز بۇ ھەقتە شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائى ئىشلار مەسئۇلى ئابدۇلكەرىم كۇچاردىن مەلۇمات ئالدۇق. ئابدۇلكەرىم كۇچار، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مۇسۇلمانلىق جەھەتتە ئۇرۇش ئىچىدە قالغان سۈرىيە خەلقىگە ياردەم بېرىشنى ئىسلامى قېرىنداشلىق بۇرچ دەپ ئېتىقاد قىلىپ، ياردەم بېرىش ئۈچۈن بىر پائالىيەت باشلىغانلىقىنى نەتىجىدە 20 مىڭ تۈرك لىراسى قىممىتىدە 16 توننا ئۇن ۋە كىيىم - كېچەك سېتىۋېلىپ بىر يۈك ئاپتوموبىلىدا سۈرىيىگە يەتكۈزگەنلىكىنى، 2013 - يىلى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تۈركىيە - سۈرىيە چېگراسى ئەتراپىدىكى ھاتاي شەھىرىگە ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە ئابدۇلكەرىم كۇچار ئۆزى بىۋاسىتە سۈرىيە چېگراسى ئىچىگە ئىككى كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرىپ ياردەم ئەشيالارنى ئېھتىياجىلىق سۈرىيە خەلقىگە تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلكەرىم كۇچار ئەپەندى سۈرىيەدە
ئابدۇلكەرىم كۇچار ئەپەندى سۈرىيەدە


ياردەم ئەشيالارنى سۈرىيىگە ئېلىپ بارغان يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئۈستىگە «شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن سۈرىيىگە ئىنسانىي ياردەم» دەپ تۈركچە ۋە ئەرەبچە ئىككى تىلدا چوڭ خەت يېزىلغان لەۋھە ئېسىلغان.

2012 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خىتاينىڭ رەسمىي زۇۋانى بولغان يەر شارى ۋاقىت گېزىتى قاتارلىق كۆپ ساندا خىتاي ئاخباراتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيىگە مەخپىي بېرىپ سۈرىيە مۇخالىپلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن سۈرىيىگە ئەۋەتكەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا بۇ تەشكىلاتلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى داۋا قىلغان ئىدى. شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بۇنى رەت قىلىپ رەددىيە قايتۇرغان ۋە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ سۈرىيە خەلقىگە ياردەم قىلىشتىكى ئاساسى مەقسىتى نېمە؟ ئۇيغۇرلاردىن ياردەم قوبۇل قىلغان سۈرىيە خەلقى قانداق ھېس - تۇيغۇدا بولدى؟ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ كۆپ ساندا ئېھتىياجلىق ئائىلە بار تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن سۈرىيە خەلقىگە ياردەم قىلىندى؟

بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائى ئىشلار مەسئۇلى ئابدۇلكەرىم كۇچار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.