تۈركىيەدىكى تۈزۈم ئۆزگىرىش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر تەشكىلات مەسئۇللىرىمۇ قاتناشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.07.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
rejep-tayyip-erdoghan-tuzum-ozgurush.jpg تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەدىكى تۈزۈم ئۆزگىرىش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا. 2018-يىلى 9-ئىيۇل، ئەنقەرە.
AP

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 95 يىللىق پارلامېنت تۈزۈمىگە خاتىمە بېرىپ، جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمىگە ئۆتتى.

بۇنى دۇنياغا جاكارلاش ئۈچۈن 9-ئىيۇل كۈنى ئاخشام تۈركىيە دۆلەت رەئىسى سارىيىدا تەنتەنىلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا بەزى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت رەئىسلىرى، پارلامېنت باشلىقلىرى، باش مىنىستىرلىرى ۋە مىنىستىرلار شۇنىڭدەك تۈركىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن بولۇپ، 10 مىڭ ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى. تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى مەسئۇلى ھىدايەت ئوغۇزخان، قاھرامانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىم بوغدا ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نەشرىيات ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرى جېلىل تۇران ئەپەندىلەر قاتناشتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 12-نۆۋەتلىك دۆلەت رەئىسى، پرېزىدېنتلىق تۈزۈمىنىڭ قۇرغۇچىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇراسىمدا سۆز قىلدى.

مۇراسىمغا تەكلىپ بويىچە ئىشتىراك قىلغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى مەسئۇلى ھىدايەت ئوغۇزخان ئەپەندى، مۇراسىمغا كۆپ ساندا دۆلەت رەھبەرلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى قاتارىدا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئۆزلىرىنىڭمۇ تەكلىپ قىلىنىپ، مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھىدايەت ئوغۇزخان ئەپەندى تۈركىيەنىڭ بۇرۇنقى پارلامېنت تۈزۈمىدىن پرېزىدېنتلىق تۈزۈمىگە ئۆتكەنلىكىنى، بۇ تۈزۈمنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە يەرلىشىش ۋە باشقا مەسىلىلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نەشرىيات ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرى جېلىل تۇران ئەپەندى ئۆزىنىڭ مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، بەك تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

پرېزىدېنتلىق تۈزۈمگە كۆچۈشنىڭ تۈركىيەگە سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، دېموكراتىك جەريانلار ۋە خەلقئارالىق ئورۇن قاتارلىق تۈرلۈك تەرەپلەردىن نېمە پايدىلارنى ئېلىپ كېلەر؟ دېگەندەك مەسىلىلەر بويىچە تۈركىيەدە مۇنازىرىلەر ۋە ھەر خىل كۆز قاراشلار ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا. بۇ خىل تۈزۈمنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدىمۇ ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت.

ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە 95 يىلدىن كېيىن يېڭى دۆلەت تۈزۈمىگە ئۆتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ پرېزىدېنتلىق تۈزۈمىگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى، لېكىن تۈركلەر ئۆزىگە خاس مەدەنىيەتكە ئىگە بولغاچقا ئىجرا قىلىشتا بەزى ئوخشىماسلىقلار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتايغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ مۇھىم مەسلىھەتچىسىنى خىتايغا باش ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىنى، بۇنداق بولغاندا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مەسىلە بولغان ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ كۈن تەرتىپكە كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقىمۇ تىرىشىدىغان بىر سىياسەت ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى مۇنبىرى مەسئۇلى ھىدايەت ئوغۇزخان ئەپەندى يېڭى مىنىستىرلار كابىنېتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغان مىنىستىرلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن پايدىلىق يول تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغان قاھرامانماراش سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئالىم بوغدا ئەپەندى بۇ تۈزۈمدە پارلامېنت بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىككىگە ئايرىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇندىن كېيىن «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى»نى پارلامېنت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىغا كۆپرەك ئاڭلىتىپ، ھۆكۈمەتكە تەسىر يەتكۈزۈشكە تىرىشىش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن 26 يىل بىر پارتىيە تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان بولۇپ، 1946-يىلى كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈمگە ئۆتكەن ئىدى. تۈركىيە پارلامېنتى 1920-يىلىدا ئەنقەرەدە تۇنجى يىغىنىنى ئاچقان بولۇپ، 94 يىلدا 27 قېتىم پارلامېنت ئەزاسى سايلىمى ئۆتكۈزگەن. ھازىرغىچە دۆلەت رەئىسى پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن سايلىناتتى. بۇ قېتىمقى سايلامدا دۆلەت رەئىسى خەلق تەرىپىدىن سايلاندى. بۇرۇن 26 مىنىستىرلىق، باش مىنىستىر تەرىپىدىن باشقۇرۇلاتتى. يېڭى تۈزۈمدە بەزى مىنىستىرلىقلار قىسقارتىلىپ، مىنىستىرلىق سانى 16 گە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ مىنىستىرلىق، يەنى مىنىستىرلار كابىنېتى پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.