تۈركىيەدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇشتىن كېيىنكى ئەڭ يېڭى ۋەزىيەت

0:00 / 0:00

15-ئىيۇل كۈنى كېچىدە تۈركىيەدە ھەربىي ئۆزگىرىش ئېلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، 12 سائەتلىك توقۇنۇشتىن كېيىن تۇنجۇقتۇرۇلغان بولسىمۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى خەلقنى مەيدانلارنى بوش قويۇپ بەرمەسلىككە چاقىرماقتا. شەنبە كۈنىدىن بېرى تۈرك خەلقى ھەربىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنغان ئەسكەرلەرگە لەنەت ئوقۇماقتا. بۈگۈن ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى تۈركىيە پارلامېنتىدا قىلغان نۇتقىدا ھەربىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنغانلارنى ئەيلىدى.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ قېتىمقى ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسىنىڭ ۋەھىمىلىك بولغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 240 كىشىگە چىقتى، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى 6884 كە چىقتى.

تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا 19-چېسلا كەچكىچە بولغان ئارىلىقتا مائارىپ ساھەسىدىكى 15 مىڭ 200 ئوقۇتقۇچى خىزمىتىدىن بوشىتىۋېتىلدى. باش مىنىستىرلىقتا ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەردىن 257 كادىر ئىشتىن چىقىرىۋېتىلدى. تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىدىن 100 خىزمەتچى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن 8777 كىشى خىزمىتىدىن بىكار قىلىنىپ سوتلىنىشقا باشلاندى. ھۆكۈمەت تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە فاكۇلتېت مۇدىرلىرىدىن بولۇپ 1 مىڭ 577 مۇدىرنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. تۈركىيە باش مىنىستىرلىق تارمىقىدىكى دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدىن 492 خىزمەتچى ئىشتىن چىقىرىۋېتىلدى.

ياۋروپا پارلامېنتى بۈگۈن كۆپ كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، خىزمەتتىن چىقىرىلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى، ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن تۈركىيەدە دېموكراتىيەنىڭ كۈچىيىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

«ئامېرىكىدا بۈگۈن» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامامۇ سەيشەنبە كۈنى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن ۋە تۈركىيەنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلانغان ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئەپەندى 15-ئىيۇل كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى ئارمىيە ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋالغان فەتھۇللاھ گۈلەن تەشكىلاتى ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۈگۈن تۈركىيە ئادالەت مىنىستىرى بېكىر بوزداغ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا بۈگۈن ئامېرىكىغا رەسمىي تەلەپ خېتى ئەۋەتىپ، فەتھۇللاھ گۈلەننى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر تۈركىيەنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بۇ ھەقتە ماتېرىيال يوللىغانلىقى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كېلىشىملەرگە ئاساسەن بۇنىڭغا قاراپ چىقىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بۇ ماتېرىياللارنىڭ رەسمىي قانۇنىي ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپى ھاسىل قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدىغان يەردە ئەمەسمەن. بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىنتايىن مۇپەسسەل شەرھلەنگەن تەرتىپلەر بار.»

بىز بۇ يېڭى ۋەزىيەت توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە بەزى تۈرك مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ بۇ ھەربىي ئۆزگىرىشكە قوماندانلىق قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرسە قايتۇرۇپ بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى كۆپ ساندا كادىرلارنى خىزمەتتىن چىقىرىۋېتىشىدىن دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆتكۈنچى بىر تەدبىر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۇ، تۈركىيە تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان سىياسىي ئۆزگىرىش ۋەقەسى بولۇپ، ئەينى چاغدا تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدىكى بىر گۇرۇھ ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن ھاۋا ئارمىيەسىدىكى قوماندانلار كېچە سائەت 10 ئەتراپىدا تانكىلار بىلەن تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىدارىسىگە بېسىپ كىرىپ، تېلېۋىزىيىدە بايانات ئوقۇتتى، ئەنقەرەنىڭ كۆلبېشى رايونىدىكى ئالاھىدە ساقچى ئىدارىسىگە ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كېلىپ، توقۇنۇشتا 47 ئالاھىدە ساقچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئېلىپ بارغان ھەربىي قوماندانلارنىڭ كۆپى تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، تىكئۇچار ئايروپىلان بىلەن گىرېتسىيەگە قاچقان 8 ئەسكەر سوتلانماقتا. ئۇلار گىرېتسىيەدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن.

تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم بۇ ھەقتە بۈگۈن تۈركىيە پارلامېنتىدا قىلغان نۇتقىدا، «بۇ ۋەقەدە شېھىت بولغانلارنىڭ قېنى يەردە قالمايدۇ، جىنايەتچىلەر ئەڭ ئېغىر شەكىلدە جازالىنىدۇ، ئەمما قانۇن بويىچە» دېدى.

بۇ يىل 75 ياشلىق فەتھۇللاھ گۈلەن نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە شتاتىدا پاناھلانغان بولۇپ، ئۇ ئەينى يىللاردا تۈركىيەدە باش كۆتۈرگەن «خىزمەت ھەرىكىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ 1999-يىلى سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن تۈركىيەدىن ئامېرىكىغا كېلىپ يەرلەشكەن ۋە شۇندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتمىغان.

تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ يىل ماينىڭ ئاخىرى فەتھۇللاھ گۈلەن ھەرىكىتىنى تېررورلۇق گۇرۇپپىسى، دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ پېيىغا چۈشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ھالبۇكى فەتھۇللاھ گۈلەن بۇ قېتىمقى ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.