پۈتۈن تۈركىيەدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى
2016.07.21

15-ئىيۇل كۈنى كېچىدە تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىش 12 سائەتلىك توقۇنۇشتىن كېيىن تۇنجۇقتۇرۇلغان بولسىمۇ، تۈركىيەدە بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ گۇمانلانغان كىشىلەرنى تازىلاش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا. 20-ئىيۇل كۈنى دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە دۆلەت بىخەتەرلىك يىغىنى بىلەن ھۆكۈمەت كابىنېتى يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پۈتۈن تۈركىيەدە 3 ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت كابىنتىمىز بۇلارنى تازىلاش توغرىسىدا پۈتۈن تۈركىيەدە 3 ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى.»
مەزكۇر قارارنى مىللىي بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مىنىستىرلار كابىنېتى ماقۇللىغان، مەزكۇر قارارنى ئىككىلا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ھەربىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنغان تېررور تەشكىلاتىنىڭ بارلىق ئۇنسۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن دۆلىتىمىزدە ئاساسىي قانۇنىمىزنىڭ 120-ماددىسىغا ئاساسەن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىشنى، ھۆكۈمەتكە تەكلىپ سۈپىتىدە سۇنۇشنى قارارلاشتۇردۇق» دېدى. ئۇ مەزكۇر قارارنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
مىللىتىمگە شۇنى دېمەكچىمەن، ئەمدى جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى. ئەمدى ۋالىيلارنىڭ ھوقۇقى تارتىۋېلىنىپ، پۈتۈن ھوقۇق ئارمىيىگە بېرىلەمدۇ دەپ قالماڭلار. بۇنداق بولمايدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە، ۋالىيلىرىمىزنىڭ ھوقۇق دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ. قوراللىق ئارمىيەمىز ۋالىيلىرىمىزنىڭ بۇيرۇقى ئاستىدا، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا قېيىن ۋەزىيەتتىن ئۆتۈشكە تىرىشىمىز. بىز دېموكراتىيەدىن ۋاز كەچمىدۇق، بۇندىن كېيىنمۇ ۋاز كەچمەيمىز. قوراللىق ئارمىيەمىز ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى ئاستىدادۇر. ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ. بىز ئەسكەرلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئارمىيەمىز ئىچىدىكى گۇماشتىلىرىنى تازىلايمىز.»
دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دېموكراتىيەنى ئازايتىش ئۈچۈن ئەمەس، كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ قارارنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قارار دېموكراتىيەگە، قانۇنغا ۋە ئەركىنلىكلەرگە قارشى ئەمەس، ئەكسىچە بۇ قىممەت قاراشلىرىنى قوغداش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن ماقۇللاندى.»
ئۇ، 1980-يىلى بىلەن 1960-يىلى مەيدانغا كەلگەن ھەربىي ئۆزگىرىش ھەققىدىمۇ توختالدى: «دۆلىتىمىز تارىخىدا تۇنجى قېتىم، بىر ھەربىي ئۆزگىرىش بىۋاسىتە خەلق تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى. بۇ ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش تۈركىيەدە كىملەرنىڭ جېنىنى تىكىپ قويۇپ دېموكراتىيەنى قوغدىغانلىقىنى، كىملەرنىڭ دىكتاتورلارنى قوللىغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويدى. تۈرك ئارمىيەسىنىڭ ھەر دەرىجىلىك قوماندانلىرى، ئارمىيەمىز ۋە تۈرك خەلقى دېموكراتىيەنى قوللىدى.»
7-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاقشام تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پۈتۈن تۈركىيەدە 3 ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، قارار كېچە سائەت بىردە رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنىپ ئىجرا قىلىندى. مەزكۇر قارار 90 كۈنگىچە كۈچكە ئىگە بولۇپ، ۋەزىيەت ياخشىلانمىسا ئۇزىتىلىدىكەن.
جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش خەلقنىڭ ھاياتىغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟
بۇ قاراردا تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى كېڭەيتىلگەن. ھۆكۈمەتكە قانۇنغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ھۆججەت چىقىرىش ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھوقۇقى بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ بەزى رەسمىيەتلىرى تېزلەشتۈرۈلگەن. بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغانلارغا ئۈچ ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن. بۈگۈن ھۆكۈمەت تارمىقىدا جىددىي ھالەت كومىتېتى قۇرۇلىدىكەن. ۋىلايەت ۋالىيلىرى بۇ كومىتېتنىڭ يوليورۇقى بىلەن خىزمەت قىلىدىكەن. ھەرقايسى ۋىلايەتلەردىكى ھەربىي قوماندانلىقلار ۋالىيلارنىڭ بۇيرۇقى ئاستىدا بولىدىكەن. كومىتېتنىڭ بۇ ئۈچ ئاي ئىچىدە ئېھتىياج تۇيۇلسا، كوچىغا چىقىشنى چەكلەش، مەكتەپلەرنى تەتىل قىلىۋېتىش، كىنو، تىياتىر، ئاشخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى تاقىۋېتىش ھوقۇقى بار ئىكەن. قانۇندا 18 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان تۈرك ۋەتەنداشلىرىنىڭ جىددىي ھالەت تۈپەيلى تاپشۇرۇلغان خىزمەتنى ئادا قىلىش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، 3 ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش قارارىنىڭ خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ پەقەتلا ھەربىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بارغان قوراللىق تېررورچىلارنىڭ ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ گۇماشتىلىرىنى تازىلاش ئۈچۈن ئېلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.
بۈگۈن تۈركىيە پارلامېنتىدا 461 پارلامېنت ئەزاسى ئىشتىراك قىلغان يىغىندا تۈركىيەدە ئۈچ ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش قارارى 346 ئوي بىلەن قوبۇل قىلىندى.
بەزى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، تۈركىيەدىكى بەزى ئۆكتىچى پارتىيەلەر تۈركىيەدىكى جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش قارارىنىڭ تۈرك خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىشىدىن ئەنسىرەشمەكتە.