پالاندۆكەن ئەپەندى: «بىز 76 مىليون تۈركىيە خەلقىغە ۋاكالىتەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئەيىبلىدۇق»

0:00 / 0:00


تۈركىيەدىكى 10 چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ زۇلۇمغا ئايلانغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ خەۋەر تۈركىيەدىكى پۈتۈن تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە گېزىتلەردە ئورۇن ئالدى.

بۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى تۈركىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم مەخسۇس ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پۈتۈن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى قاتناشقان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇ پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 76 مىليون تۈركىيە خەلقىغە ۋاكالىتەن بۇ باياناتنى ئوقۇپ ئۆتكەن تۈركىيە ھۈنەرۋەن - كاسىپلار كونفېدىراتسىيەسى رەئىسى بەندەۋى پالاندۆكەن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بۈگۈنكى بۇ باياناتنىڭ 76 مىليون تۈركىيە خەلقىنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى، خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت مۇناسىۋەتكە قارىماستىن ئۇيغۇرلارنىڭ پەريادىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

- بۈگۈن تۈركىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم مەخسۇس ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بۇنداق چوڭ بىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت نېمە؟ - دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:

- سىزمۇ دەپ ئۆتكەندەك، بۈگۈنكى باياناتىمىز 76 مىليون تۈرك خەلقىنىڭ ئاۋازى ئىدى. كارخانىچىلار، تىجارەتچىلەر، كاسىپلار بىرلىكلىرى، كونفېدىراتسىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى دۆلىتىمىزدىكى 76 مىليون كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار. بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى ياۋروپا بىرلىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەزالىرى. بىز ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ شۇنداقلا دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تارتىش ئۈچۈن. شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزدىن يېقىندىن بېرى نەچچە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىدىنمۇ ئېنىق خەۋىرىمىز يوق. خىتاي ئىشىكنى ئېتىۋېلىپ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىۋاتىدۇ. بىز ئۇ رايونلارغا باردۇق، بىلىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ئېغىز ۋەزىيەتتە تۇرمۇش كۆچۈرىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىمىز. ئۇيغۇرلار بۇنچىۋالا بېسىم ۋە زۇلۇمغا قارشى ئۆز مەۋجۇدىيەتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللاپ قۇۋەتلەيدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۈگۈن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدۇق.

- سىز تۈركىيەدە پۈتۈن ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئەزا بولغان چوڭ بىر كونفېدىراتسىيەنىڭ رەئىسى، سىلەر دۇنيادا ئېغىز ۋەزىيەتتە تۇرغان نۇرغۇن مىللەتلەرگە ياردەم قىلىسىلەر. ئۇيغۇرلارغا ماددى جەھەتتىن ياردەم قىلىش پىلانىڭلار بارمۇ؟ - دېگەن سوئالىمىزغا بەندەۋى پالاندۆكەن ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى:

- بىز ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى پىلانلاۋاتىمىز ۋە ياردەم قىلىۋاتىمىز. ئەمما ئۇلارغا ماددى جەھەتتىن ياردەم قىلىشىمىز توسالغۇغا ئۇچراۋاتىدۇ. بىز تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار كونفېدىراتسىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ياۋرۇپا بىرلىكى دۆلەتلىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكىگىمۇ ئەزا. شۇڭا بىز ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارغىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق كېلەچەكتە ئۇيغۇر رايونىغا ماددىي جەھەتتىنمۇ ياردەم قىلىش يولىنى ئېچىشنى پىلانلاۋاتىمىز.

- ھۆرمەتلىك بەندەۋى پالاندۆكەن ئەپەندى، تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن پۈتۈن ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالساق، خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر يېتىدۇ دەپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دېگەندەك كۆڭۈل بۆلمەي كەلدى. ئەمما سىز خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان كارخانىچىلار، تىجارەتچىلەرنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۈگۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئەيىبلەپ بايانات بەردىڭىز. خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر يېتىدۇ دەپ ئەنسىرىمەمسىز؟ - دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:

- ياق ئەنسىرىمەيمەن. خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋىتىمىز بەكلا ياخشى. بىز پەقەتلا تىجارەت قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئۇ يەردىكى ۋەھشىلىككە قارىتا قاراپ تۇرىشىمىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. كىشىلەر تىجارەتنى نېمە ئۈچۈن قىلىدۇ؟ ياخشى تۇرمۇش كۆچۈرۈش ئۈچۈن قىلىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئىنسان ھەق - ھوقۇقلىرىدىن يوقسۇن، ئەقەللى دىنىي ئىبادىتىنىمۇ قىلالمىسا قانداق بولىدۇ؟ بىزدە بۈگۈن مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن ئەتە سېنىڭ بېشىڭغىمۇ كېلىپ قېلىشى مۇمكىن دەيدىغان بىر ھىكمەتلىك سۆز بار. بۈگۈن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە دەرمان ئىزدىمىسەك، ئەتە بۇنداق بىر دەرت بىزنىڭمۇ بېشىمىزغا كېلىشى مۇمكىن. بىز خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ ياردەم قىلىشقا تىرىشىمىز.

- ھۆرمەتلىك پالاندۆكەن ئەپەندى، بۈگۈن تارىخىي بىر ۋەقە بولدى، 76 مىليون تۈركىيە خەلقىگە ۋاكالىتەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدىڭلار. بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا داۋام قىلامسىلەر؟ - دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:

- بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆزىتىمىز، كۆزىتىش ئۈچۈن بۈگۈن ھەممىمىز بۇ يەرگە جەم بولدۇق. ئەسلىدە بىز بۇرۇندىن تارتىپ بۇ مەسىلىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتاتتۇق. بۈگۈنكى كۈندە پىچاق سۆڭەككە كېلىپ تاقاشتى. ئۇيغۇرلار دۇچار بولىۋاتقان زۇلۇم چىدىغۇسىز ھالغا كەلدى. ئەپسۇسكى دۇنيا دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلار دۇچار بولىۋاتقان بۇ زۇلۇمنى كۆرمەسلىككە سېلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە دۇنيادىكى ھەممە ئىنسان قېرىنداش. بىر - بىرىمىزگە نېمە ئۈچۈن زۇلۇم قىلىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى توختىتىشى كېرەك.