د ئۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە پارلامېنتىدا بىر يۈرۈش ئۇچرىشىشلار ئېلىپ باردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.11.15
Numan-qurtulmush-tumturk.JPG د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى مۇئاۋىنى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى بىلەن. 2016-يىلى 11-نويابىر.
RFA/Erkin Tarim

11-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە خىتاي باش مىنىستىر مۇئاۋىنى ۋاڭ ياڭ تۈركىيەگە رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بېرىپ بىر قاتار توختامنامىلەرگە قول قويغاندىن سىرت، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بۇنىڭدىن ئەندىشىلەنگەن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەنقەرەگە كېلىپ، مۇناسىۋەتلىك مىنىستىر ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باياناتچىسى ئابدۇقادىر تۈمتۈرك ئەپەندى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت 11-ئاينىڭ 9-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ دۆلەت مىنىستىرى مۇئاۋىنى نۇمان قۇرتۇلمۇش، تۈركىيە يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق مىنىستىرى فارۇق چېلىك ئەپەندى ۋە بەزى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلار ئۇچرىشىشتا نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر تۈرلۈك بېسىملارنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيە پارلامېنت بىناسى ئىچىدىكى زىيارىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مىكروفونىمىزنى ئۇلارغا ئۇزاتتۇق. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا تۈركىيە باش مىنىستىر مۇئاۋىنى پروفېسسور دوكتور نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى ۋە تۈركىيە يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق مىنىستىرى فارۇق چەلىك ۋە بەزى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان خىتاي بېسىمى بىلەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى ئابدۇقادىر تۈمتۈرك ئەپەندى، تۈرك رەھبەرلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئابدۇقادىر تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ خىل لوبىيچىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇزۇن ۋەدىلىك جەھەتتىن قارىغاندا ئۈنۈمىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۇ خىل ئۇچرىشىشلارغا داۋاملىق ئىشتىراك قىلىۋاتقان ژۇرنالىست ئازادجان بۇغرا ئەپەندى كېيىنكى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل يوللار بىلەن تۈرك خەلقىنىڭ كۆزىنى بوياش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇنىڭغا قارشى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ 11-ئاينىڭ 9-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا تۈرك رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ ئۇچرىشىشلىرى خىتاي باش مىنىستىر مۇئاۋىنى ۋاڭ ياڭ تۈركىيەدىن ئايرىلغان كۈنىنىڭ ئەتىسىلا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.