باش ۋەزىر ئابېنىڭ تۈركىيەگە قىلغان زىيارىتى توغرىسىدا ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى ئىنكاسلار
2013.05.07

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې 3 - ماي تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا، توكيو شەھەر باشلىقى ئىنوسېنىڭ 27 - ئاپرېل نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە قىلغان ئىسلام ئەللىرىگە ۋە تۈركىيىگە بولغان تەنقىدىي سۆزلىرى ئۈچۈن ئۆزرىخالىق ئېيتقان.
ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان «ئاساھى شىمبۇن گېزىتى»نىڭ 5 - مايدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغان ياپونىيە باش ۋەزىرى شىزو ئابې تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەنقەردە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشىدا، توكيو شەھەر باشلىقى ئىنوسېنىڭ 2020 - يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىننىڭ ساھىپخانلىق نامزاتى مەسىلىسىدە ئىسلام دۇنياسىغا ۋە تۈركىيەگە قىلغان تەنقىدىي سۆزلىرى ئۈچۈن ئۆزرىخالىق ئېيتقان. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې جاناپلىرىنىڭ بۇ ئۆزرىخالىقىنى دەرھال قوبۇل قىلىپ،رەھمەت ئېيتقان. كۆرۈشتە باش ۋەزىر ئابې ئەگەر، 2020 - يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىننىڭ ساھىپخانلىقى تۈركىيەگە بېرىلسە، ئۆزىنىڭ تۇنجى بولۇپ تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇخبىرلار ئالدىدا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېغا چاقچاق قىلىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ: «بىز توكيونى ئولىمپىكتىن قالدۇرۇپ قويدۇق. ياپونىيە ئىلگىرى بىر قېتىم ئولىمپىكگە ساھىپخان بولغان، ئابې توكيونى ساھىپخانلىقتىن چېكىندۈرسە، تۈركىيە ساھىپخان بولىدۇ. بۇ بەلكىم توكيو شەھەر باشلىقىغا ياخشى خەۋەر بولىدۇ.» دېگەن. باش ۋەزىر ئابې كۈلۈمسىرىگەن ھالدا : «1964 - يىلى مەن بالا ۋاقتىمدا ئولىمپىك توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن. ياپون خەلقى ئولىمپىكنى سۆيىدۇ.» دېگەن.
مەزكۇر خەۋەردىن مەمنۇن بولغان ياپونىيەلىك ناكو خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
- ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ توكيونىڭ شەھەر باشلىقى ئىنوسېنىڭ قىلغان خاتا تەنقىدىي سۆزلىرى ئۈچۈن تۈركىيىدىن ئەپۇ سورىشى مېنى خوشال قىلدى. ياپونىيە ئەلۋەتتە تۈركىيەدىن، بۇ خاتالىقى ئۈچۈن ئەپۇ سورىشى كېرەك.
«جاپان تىيمېس گېزىتى» نىڭ خەۋرىدە دېيىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سۆھبەتتە،22 مىلياردلىق سودا توختىمى تۈزۈلگەن.
بۇنىڭدا ياپونىيە تۈركىيەنىڭ ئاساسلىقى ئاتوم يادرو ئېنېرگىيىسى قۇرۇش قۇرۇلۇش پىلانىغا تېخنىكا جەھەتتىن ھەمكارلىشىدىكەن. بۇ خىلدىكى ھەمكارلىق توختىمىنىڭ ئىمزالىنىشى تۈركىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتە بېسىلغان مۇھىم قەدەملەردىن بىرى دەپ ھېسابلىنىدىكەن. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بولسا بۇنى، ئۆز - ئارا ئىستراتېگىيىلىك شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ باشلىنىشى دەپمۇ قارايدىكەن. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئاتوم ئېنېرگىيىسى قۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ياپونىيەنىڭ ئېغىر سانائەت قۇرۇلۇش شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان مىتسۇبىشى شىرىكىتى بىلەن فرانسىيەنىڭ ئېنېرگىيە شىركىتى بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىش پىلانلانغان. بۇ پىلان 2017 - يىلى باشلىنىپ 2023 يىلى ئاخىرلىشىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، تۈركىيە بولسا رۇسىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆتلەردىن نېفىت، تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىدۇ. ئەگەر تۈركىيە ئۇچ چوڭ ئاتوم يادرو ئېنېرگىيىسى بازىسى قۇرالىسا، يۇقىرىقى دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىدىغان نېفىت، گازلارنى كېمەيتەلەيدۇ.
باش ۋەزىر شىنزو ئابېنىڭ تۈركىيەدىكى زىيارىتى توغرىسىدا ياپونىيە جەمئىيىتىدە بولۇۋاتقان بىر قىسىم تور بەت ئۇچۇرلىرى ھەققىدە توختالغان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇ ھەقتە توختالدى.
ياپونىيەدە يۇقىرىقى مەتبۇئاتلاردا باش ۋەزىر شىنزو ئابېنىڭ تۈركىيەگە قىلغان زىيارىتىگە يۇقىرى باھالار بېرىلىش بىلەن بىرگە، ياپونىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ئاتوم يادرو ئېنېرگىيىسى قۇرۇش پىلانىغا ھەمكارلىشىشىغا قارشى ماقالىلەرگىمۇ كەڭ ئورۇن بېرىلگەن. «ئاساھى شىمبۇن گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «ئابې ئاتوم يادرو ئېنېرگىيىسىنى ئوتتۇرا شەرققە ئىتتىرىۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىدە دېيىلىشىچە، كۆپلىگەن ياپونلار، بولۇپمۇ ياپون زىيالىيلىرى باش ۋەزىر ئابېنىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىدە تۈركىيە،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاتوم يادرو ئېنېرگىيىسى قۇرۇش پىلانىغا تېخنىكا جەھەتتىن ياردەمدە بولۇش توختاملىرى تۈزگەنلىكىگە نارازى بولغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ياپونىيەدە يۈز بەرگەن 2011 - يىلى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىكى يەر - تەۋرەش، دېڭىز تاشقىنىدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلدى. شۇ قېتىمقى ئاپەتتە ياپونىيەنىڭ فۇكۇشىما ئۆلكىسىدىكى ئاتوم يادرو ئېنېرگىيىسى قۇرۇلۇشى دېڭىز تاشقىنىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، كۆپلىگەن خىمىيىۋىي كېرەكسىز سۇلار دېڭىز - ئوكيانلارغا قويۇلۇپ كەتكەن، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى يېيېشتىن ئۆزىنى تارتتى. شۇ قېتىمقى ئاپەت سەۋەبىدىن ياپونىيەدىن سۇ يولى ئارقىلىق ئامېرىكا، كاناداغا ئېقىپ بارغان ئەخلەتلەرنى تازىلاش ئۈچۈن ياپونىيە بۇ دۆلەتلەرگە بەش مىليون دوللاردىن تۆلەم تۆلىگەن. ياپونىيىدىكى بۇ ئاپەتتىن كېيىن ياپونىيەدىكى ھەر قايسى شەھەرلەردە ھەر ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى كەچتە شەھەر ئاھالىلىرى توپلىشىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاتوم يادرو ئېنېرگىيىسى قۇرۇلۇشىغا قارشى، ئاتوم يادرو ئېنېرگىيىسسىز دۆلەت ۋە شەھەر قۇرۇش توغرىسىدا نامايىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
بۇ ھەقتە توختالغان كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى نىشىخارا ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى:
- باش ۋەزىر ئابېنىڭ تۈركىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى زىيارىتى جەريانىدا ئاتوم يادرو ئېنېرگىيىسى قۇرۇلۇش پىلانى ئۈستىدە توختاملىشىشى مېنى ئەجەپلەندۈردى. ياپونىيەدە يۈز بەرگەن 2011 - يىلىدىكى،يەر تەۋرەش، دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىدە ئاتوم يادرو ئېنېرگىيىسى قۇرۇلۇشىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ياپونلاردىن بىخەتەر جايلاردا ماكانلىشىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان 150 مىڭ كىشى بار. بۇنى چوقۇم باش ۋەزىر ئويلىشىشى كېرەك ئىدى. ئەمما، ھازىرغىچە بۇلارغا ھېچقانداق ئەمەلىي ياردەم ئېلىپ بېرىلمىدى. ياپونىيەگە ئاپەت كېلىپ كەلگەن ئاتوم يادرو ئېنېرگىيىسى قۇرۇلۇشىنى تۈركىيەدەك يەر تەۋرەش كۆپ بولىدىغان دۆلەتتە قۇرۇش مېنى ئەندىشىگە سالدى. مەن بۇنىڭغا قارشى. ئاتوم يادرو ئېنېرگىيىسى قۇرۇلۇشى يەر تەۋرەش، دېڭىز تاشقىنى ۋە باشقا تەبىئىي ئاپەتلەر يۈز بەرگەندە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، ئۇنىڭ تەبىئەتكە، ئىنسانىيەتكە بولغان تەسىرىنى تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.