ئەنقەرە قىزىلئايدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمدا 37 كىشى ئۆلدى، 125 كىشى ئېغىر يارىدار بولدى
2016.03.14
تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەنىڭ مەركىزى قىزىلئاي گۈۋەن باغچىسىنىڭ يېنىدىكى چوڭ يولنىڭ بويىدا كۆپ ساندا ئاپتوبۇس بېكىتى بار يەرگە بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل بىلەن كەلگەن تېررورچى ئاپتوموبىلىنى پارتلاتتى.
يەكشەنبە كۈنى ئاقشام سائەت يەتتىگە چارەك قالغاندا يۈز بەرگەن بۇ ھۇجۇمدا ھازىرغىچە 37 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 125 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
ھۇجۇم ئەنقەرەنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىلىرىدىن بىرى بولغان ئاتاتۈرك كوچىسىنىڭ قىزىلئاي گۈۋەن باغچىسىنىڭ يېنىدىكى ئاپتوبۇس بېكىتىدە كىشىلەر ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇرغاندا، تېررورچى بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل بىلەن قوشۇپ ئۆزىنى پارتلاتقان. بومبىلىق ھۇجۇم نەتىجىسىدە بۇ يەردە كۆپ ساندا كوچا ئاپتوبۇسى، كۆپ ساندا ئاپتوموبىل پۈتۈنلەي ئوت ئىچىدە قالغان. پارتلاشنىڭ شىددىتى ئەنقەرە شەھىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا ھېس قىلىنغان.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋەقەنى تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ جاكارلىدى. بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ئاخباراتنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى. تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى باشچىلىقىدا چاقىرىلغان خەۋپسىزلىك يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفگان ئەلا مۇنۇلارنى دېدى: « بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ كېتىۋېتىپ پارتلىتىش ئارقىلىق تېررور ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى. ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە مۇھىم ئىسپاتلارنى قولغا چۈشۈردۇق. قايسى تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ قىلغانلىقى تەكشۈرۈپ رەسمىي ئېنىقلانغاندىن كېيىن جاكارلىنىدۇ.»
ھۇجۇم يۈز بەرگەنلىكىدىن باش مىنىستىرلىق قورۇ جايىدا خەۋەردار بولغان باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ دەرھال جامائەت خەۋپسىزلىك ئالاھىدە يىغىنى چاقىردى. يىغىنغا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى ۋە ئادالەت مىنىستىرى قاتارلىق كۆپ ساندا ئالىي رەھبەر قاتناشتى.
يىغىن ئاخىرىدا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفگان ئەلا ئەپەندى ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن بايانات بېرىپ، تېررورچىلارنىڭ مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنۇلارنى دېدى: « بۇنى قىلغانلار ھەرگىز مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. تۈرك مىللىتى نۇرغۇن توسالغۇلاردىن ئۆتۈپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان. بۇ خىل ھۇجۇملار مىللىتىمىزنىڭ، خەلقىمىزنىڭ ئىرادىسىنى ئاجىزلىتالمايدۇ. تېررورغا قارشى كۈرىشىمىزنى بۇ خىل ھۇجۇملار توسالمايدۇ. بىز تېررورنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىغىچە كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. »
تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى ئىيۇردانىيەگە ئېلىپ بارىدىغان رەسمىي زىيارىتىنى بىكار قىلدى. جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ ئەزەربايجانغا قىلماقچى بولغان رەسمىي زىيارىتىنى ئىككىنچى قېتىم كېچىكتۈردى ۋە مەزكۇر تېررور ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى. ئارقىدىنلا تۈركىيە پارلامېنت باشلىقى ئىسمائىل قەھرىمان، ئۆتكۈچى پارتىيە رەھبەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ تېررورلۇق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى ۋە يېقىنلىرى ئۆلگەن ۋەتەنداشلارغا سەۋر تىلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ھۇجۇمنى پ ك ك تېررور تەشكىلاتى دەپ ئاتىلىدىغان كۇرد قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ياكى دائىش تېررور تەشكىلاتىنىڭ قىلغانلىقى ھەققىدە پەرەزلەر مەۋجۇت. ئەمما ھازىرچە ھېچقايسىسى ھۇجۇمنى تېخى ئۈستىگە ئالمىغان.
ۋەقە يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەدىن ھال سورىغان ۋە تېررورچىلارنى ئەيىبلىگەن بايانلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. ۋەقە يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى John R. Bass ئەنقەرەدىكى بۇ ھۇجۇمدىن تۈپەيلى ماتەمگە چۈمگەنلىكىنى، دەھشەتلىك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
بىز ئەنقەرەنىڭ ئەڭ ئاۋات مەركىزىدە 13-مارت كۈنى ئاقشام سائەت يەتتىگە چارەك قالغاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنىستۇتىتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇ، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ تەسىرى بىلەن تېخىمۇ كۆپ تېررورلۇق تەشكىلاتلار بىلەن كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر قېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، تۈرك خەلقىنىڭ قوللىشى بىلەن تۈركىيە دۆلىتىنىڭ تېررورغا قارشى كۈرەشتە غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيەدە ئوتتۇرا شەرقتىكىگە ئوخشاش ئىچكى ئۇرۇش چىقمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ قېتىمقىسى، كېيىنكى 5 ئاي ئىچىدە ئەنقەرەدە ئېلىپ بېرىلغان ئۈچىنچى قېتىملىق ھۇجۇم، ئۆتكەن يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەنقەرە پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىشتا 104 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى. بۇندىن 25 كۈن بۇرۇن ئەنقەرەنىڭ مەركىزىدىكى تۈركىيە ئارمىيىسى باش شتابى، پارلامېنت بىناسى يېقىنىدىكى مەراسىم كوچىسىدا يۈز بەرگەن تېررور ھۇجۇمىدا 28 كىشى ئۆلگەن ئىدى.