ئېلى ئەكبەر: «تۈركلەر ئۈچۈن تۈركىيە قانداق مۇھىم بولسا، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم»
2019.01.07
ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە يۈرۈش قىلغان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئەنقەرەگە 80 كىلومېتىر قالغان جايدىكى قىزىلجاھامام ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنىدا تۈركىيە ساقچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئەنقەرەگە كىرگىلى قويمىغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنمىگەنلىكىنى، تۈركلەر ئۈچۈن تۈركىيە قانچىلىك مۇھىم بولسا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ شۇنچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
3-يانۋار كۈنى تۈركىيە ساقچىلىرى ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە يۈرۈش قىلىۋاتقان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرنى ئەنقەرەدىن 80 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قىزىلجاھامام ناھىيەسىدە توسۇۋالغان ئىدى. تۈركىيە جامائەت خەۋپسىزلىكى ساھەسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرە نەتىجىسىدە ساقچىلار ئۇيغۇرلارنى ئەنقەرەگە كىرمەي قىزىلجاھامامدا مەتبۇئات باياناتى بەرگەندىن كېيىن ئىستانبۇلغا قايتىشقا مەجبۇر قىلغان.
بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى 5-يانۋار شەنبە كۈنى قىزىلجاھامام شەھەر مەركىزىدىكى «15-ئىيۇل شېھىتلار مەيدانى» دا ئۆتكۈزۈلدى. تۈركچە مەتبۇئات باياناتى ئوقۇلۇشتىن بۇرۇن ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە يۈرۈش قىلىش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغانلاردىن ئېلى ئەكبەر ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ، سۆزىدە ئۆزلىرى ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە 21 كۈن يۈرۈپ، ئەنقەرەگە ئاز قالغاندا چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ھەق-ھوقۇقلىرى داۋاسىدىن قايتمايدىغانلىقىنى، «تۈركلەر ئۈچۈن تۈركىيە قانچىلىك مۇھىم بولسا، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شۇنچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكى» نى تەكىتلىدى.
ئەردوغانغا يېزىلغان بۇ خەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى ئېغىر ۋەزىيىتى بايان قىلىنغاندىن سىرت تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئېلى ئەكبەر ئەپەندى ئۆزى يېتەكلىگەن بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ۋە تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەلەپ خېتى تاپشۇرۇش ئۈچۈن يولغا چىققان بولسىمۇ، بىراق ئەنقەرەگە ئاز قالغاندا ئىستانبۇلغا قايتىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، لېكىن ئۆز پائالىيەتلىرىنى توختاتمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
5-يانۋار كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دا، نۆلدىن تۆۋەن 5 گرادۇس سوغۇق ۋە قار يېغىۋاتقان ئەھۋالدا قىزىلجاھامام ناھىيە مەركىزىدىكى مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتىدە مەزكۇر پىيادە يۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان لوقمان ئابلا ئەپەندى باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى. بايانات تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يازغان خەت ئاساسىدا تەييارلانغان بولۇپ، باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مەزلۇم، ئېزىلگەن مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى سىلەرگە ئاڭلاتقىلى، تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان زۇلۇمغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىمىزنى ئاڭلاتقىلى كەلدۇق. خىتاي دىنىمىزنى ئۆگىنىشنى جىنايەت ھېسابلاپ دىنىنى ئۆگەنگەن ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلدى. بالا تۇغۇشنى جىنايەت ھېسابلاپ ئاتا-ئانىلىرىمىزنى تۈرمىگە تاشلىدى. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورسىقىدىكى بالىلارنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋەتتى. ئۇلۇغ ئاللانىڭ ئۆيى بولغان مەسچىتلىرىمىزنى چېقىۋەتتى. ئاللانىڭ سۆزى بولغان قۇرئانى كەرىمىنى زەھەرلىك ئەپيۈن دەپ ئەخلەت ساندۇقلىرىغا تاشلىدى ۋە كۆيدۈردى. ساقال قويغان، رومال ئارتقانلارنى ئەسەبىي ئۇنسۇر، تېررورچى دەپ، ئاي يۇلتۇزلۇق مايكا كىيگەنلەرنى پانتۈركىست دەپ جازالىدى.»
مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن 70 ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئاپتوبۇس بىلەن ئىستانبۇلغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار شۇ كۈنى ئاخشام ئىستانبۇل سافاكۆي رايونىغا يېتىپ بارغاندا، ئۇلارنى كۆك بايراق ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار كۈتۈۋالدى.
تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئېلى ئەكبەر ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 9 ئۇيغۇر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىگە قارىتا تۈركىيە خەلقىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتىش شۇنداقلا تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان بىر پارچە خەتنى ئۆز قوللىرى بىلەن تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ پىيادە يولغا چىققان ئىدى. 2019-يىلى، 3-يانۋار كۈنى ئەنقەرەگە 80 كىلومېتىر قالغان قىزىلجاھامام ناھىيەسىدە 20 دەك ساقچى ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ، ماڭغىلى قويمىغان. يولدا قېتىلغانلار بىلەن قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ سانى 5-يانۋار كۈنى 70 كە يەتكەن ئىدى. پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا بەرمەكچى بولغان خەتنى ئەنقەرە جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى «بىز يەتكۈزۈپ بېرىمىز» دەپ ئېلىپ قالغان. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ تەلەپ خېتىنىڭ ئەردوغانغا يەتكەن-يەتمىگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.