ئىستانبۇلدا مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە تۈركلەر خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
2019.01.28

26-يانۋار كۈنى كەچقۇرۇن ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا 30 تۈرك تەشكىلاتنىڭ بىرلەشمىسى بولغان «زەيتىنبۇرنۇ قېرىنداشلىق مۇنبىرى» بىلەن «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» نىڭ ھەمكارلىقىدا زور تىپتىكى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇلدى. نامايىش جەريانىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى مۇستەبىت سىياسەتلىرى پاش قىلىندى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق تۈرك بايرىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا زەيتىنبۇرنۇ 15-ئىيۇل مەيدانىغا جەم بولدى. ئۇ يەردىن زەيتىنبۇرنۇنىڭ مەركىزى بولغان 58-يولدا يۈرۈش قىلىپ، يولنىڭ ئاخىرىغىچە شوئار توۋلاپ ماڭدى. بۇ نامايىشقا ئۇيغۇر، تۈركلەردىن بولۇپ 2000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
نامايىشچىلار بىردەك «قىزىل خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!»، «شەرقىي تۈركىستان يالغۇز ئەمەس» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار توۋلاپ يۈرۈش قىلدى. ئىككى كىلومېتىرغا يېقىن يۈرۈش قىلغاندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى. مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئالدى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» گە ۋاكالىتەن «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلدى.
«خىتاينىڭ چۈشى قاباھەتلىك قارا بېسىشقا ئايلىنىدۇ»
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان مۇنداق دېدى: «بۈگۈن قېرىنداشلىرىمىز شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدى. بۇ گۈزەل ئۈلگىنىڭ ئىستانبۇل ۋە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بولۇشىنى خالايمىز. شەرقىي تۈركىستان ئۇزۇن يىللاردىن خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا ئاسسىمىلياتسىيە، سۈرگۈن، دىنى ۋە مىللىي بېسىملار ئىچىدە ئىڭرىماقتا. ئەمما خەلقىمىز شۇنچىۋالا زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا، ئۆزىنى ساقلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاي دىنىمىزنى يوق قىلىشقا ئۇرۇندى، قۇرئانلىرىمىزنى كۆيدۈردى. مەسچىتلىرىمىزنى يىقىتتى، بىراق ئىنسانلىرىمىز قۇرئاننى يۈرەكلىرىدە ساقلىدى. دىنىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى ھەر زامان قوغداپ، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلدى. خىتاي 2050-يىلىغا بارغاندا دۇنيانىڭ 1-نومۇرلۇق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلىتى بولۇش چۈشىنى كۆرۈۋاتىدۇ. بۇ چۈشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن خىتاي قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان يەرلىك ئىنسانلارنى لاگېرغا توپلىدى. ئۆيلىرىمىزگە خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلماستىن تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ھالبۇكى، ئاچا-سىڭىللىرىمىز ۋە ئاكا-ئىنىلىرىمىزنىڭ ئاھۇ-پەريادلىرى دۇنياغا يەتتى. خىتاي ئاۋازىمىزنى كېسىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئاۋازىمىز ئاخىرى تۈركىيەگە، مالايشىياغا، ھىندونېزىيەگە ئاڭلىتىلىۋاتىدۇ ۋە تارقىلىۋاتىدۇ. خۇدايىم بۇيرۇسا، خىتاينىڭ بۇ چۈشى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بۇ چۈش خىتاي ئۈچۈن پەقەتلا قاباھەتلىك بىر قارا بېسىش بولۇپ قالىدۇ، خالاس.»
شۇنىڭدىن كېيىن زەيتىنبۇرنۇ قېرىنداشلىق مۇنبىرىگە ۋاكالىتەن «ئېگىتىم بىر سەن»، يەنى مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىستانبۇل رەئىس ۋەكىلى ئەخمەت جۇشقۇن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملارغا لەنەت ئوقۇش، ‹مۆمىنلەر چوقۇم قېرىنداشتۇر› دېگەن ئىلاھىي بۇيرۇقنى ئورۇنداش ئۈچۈن بىز بۇ يەرگە جەم بولدۇق.»
«3 مىليون شەرقىي تۈركىستانلىق جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، سىستېمىلىق ھالدا ھەر خىل ئىسكەنجىلەرگە ئۇچرىماقتا»
ئەخمەت جۇشقۇن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇم توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇم بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ، لاگېرلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. زالىم خىتاي شەرقىي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تەقىب سىياسەتلىرى نەسىللەرنى بۇزماقتا، مۇسۇلمانلارنىڭ جان ۋە ماللىرىغا سۇيىقەست قىلماقتا. بۇنىڭغا قانائەت قىلماستىن خىتاي يەنە گىتلېرنىڭ ناتسىستلار لاگېرلىرىنى ئەسلىتىدىغان جازا لاگېرلىرىغا نەچچە مىليون شەرقىي تۈركىستانلىق ئەر-ئايال ۋە بالىلارنى قاماپ قويدى. ھازىر 3 مىليون شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلار ‘قايتا تەربىيىلەش’ نامى ئاستىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، سىستېمىلىق ھالدا ھەر خىل ئىسكەنجىلەرگە ئۇچرىماقتا. خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى، تۇغۇت چەكلەش ۋە كۆچمەن خىتايلارنى يۆتكەش سىياسەتلىرى نەتىجىسىدە رايوننىڭ نوپۇس تەڭپۇڭلۇقى بارغانسېرى ئۆزگىرىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا بېسىم، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىماقتا. بىز زەيتىنبۇرنۇ قېرىنداشلىق مۇنبىرى تەشكىلاتى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»
ئەخمەت جۇشقۇن ئەپەندى سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىشنىڭ زالىمنى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇمنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز. ھەر زامان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىمىزنى بۇ نامايىشىمىز ئارقىلىق ئىپادە قىلىمىز. خىتاي دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا بىر قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ ۋە بۇنىڭغا ھېچ كىمدىن ئاۋاز چىقمىدى. زالىمنى كۈچلۈك قىلغان نەرسە دەل ئىنسانلارنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىشىدۇر. بىز زەيتىنبۇرنۇ قېرىنداشلىق مۇنبىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر زامان ھەقنىڭ تەرىپىدە تۇرۇپ، ھەقسىزلىقنىڭ قارشىسىدىن چىقىپ، زۇلۇمغا ھېچ بىر زامان سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىمىز نى بىلدۈرىمىز. زالىمغا قارشى مەزلۇملارنىڭ قېشىدا بولىدىغانلىقىمىزنى قايتا-قايتا ئېلان قىلىمىز.»
بۇ نامايىشقا قاتناشقا مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى نامايىشقا كۆپلىگەن تۈرك جامائىتىنىڭ قاتناشقانلىقىدىن بەكمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈرك خەلقىگە ياخشى ئاڭلىتىش ئاڭلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.