ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇسلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن بىر قىسىم شەھەرلەردىكى ساقچى ۋە ھۆكۈمەت ئىدارىلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن رۇسىيەپەرەس قوراللىق كۈچلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ ۋەزىيەت جىددىيلەشكەندىن كېيىن، ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلدى.
غەرب دۆلەتلىرى ئۇكرائىنادىكى جىددىي ۋەزىيەتكە ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، كىيېۋ دائىرىلىرى تېررورىزمغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۇكرائىنادىكى رۇسلار كىيېۋغا ئەمەس، موسكۋاغا بويسۇنماقچى
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇسىيەگە قوشۇلۇپ كېتىش تەرەپدارلىقىدىكى رۇس ئاھالىلىرىنىڭ كەڭ دائىرىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە قوراللىق كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت ۋە ساقچى ئورگانلىرىنى ئىشغال قىلىۋېلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، دۈشەنبە كۈنى ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى پرېزىدېنتى ئالېكساندىر تۇرچىنوۋ ئۇكرائىنانىڭ فېدېراتسىيەلىك دۆلەت تۈزۈمىگە كۆچۈشى ھەققىدە ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش ئۆتكۈزۈشكە بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا 25-ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمى بىلەن بۇ خىل رېفېراندۇمنى تەڭ ئۆتكۈزۈش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 11-ئاپرېل كۈنى ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى ئارسېنىي ياتسۇنوك دونېتسك خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دونېتسك شەھىرىدە زىيارەتتە بولغاندا شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇس تىللىق خەلقلەرگە يۇقىرى ئاپتونومىيە بېرىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
شەرقىي ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەت كۈنسايىن جىددىيلىشىۋاتقان بولۇپ، رۇسىيە ئەسكەرلىرىگە ئوخشاش كىيىنگەن تولۇق قوراللانغان كىشىلەرنىڭ جۈمە كۈنىدىن تارتىپ يەكشەنبە كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي ئۇكرائىنادىكى سلاۋىيانسك، كراماتورسك، كراسني لىمان، خورلىۋكا قاتارلىق جايلاردىكى ئىچكى ئىشلار ئىدارىلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت بىنالىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خاركوۋ شەھىرىدە ئۇكرائىنالار بىلەن رۇسلاردىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ نامايىشچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان.
دونېتسك شەھىرىدىكى رۇسلار ئىگىلىۋالغان جايلارنى كېڭەيتىشكە كىرىشكەن بولۇپ، دونېتسك جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى قۇرغان موسكۋاپەرەس رۇس ئۆكتىچىلىرى ئۆزلىرى ئىگىلىۋالغان ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت بىناسىنى چىڭ قوغداپ، كىيېۋ ھۆكۈمىتىنى قەتئىي رەت قىلىش پوزىتسىيىسى قوللاندى.
سلاۋىيانسك، دونېتسك ۋە باشقا شەھەرلەردىكى رۇسلار بارىكادىلارنى (مۇداپىئە توسۇقلىرى) قۇرۇپ، ئۆزلىرى ئىگىلىگەن جايلارنى مۇداپىئە قىلماقتا. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇداپىئە توسۇقلىرىنى قۇرۇش ۋە كىيېۋغا قارشى ھەرىكەتلەرگە ھەتتا رۇس ئاياللىرىمۇ قاتناشقان.
سلاۋىيانسك شەھىرىدىكى رۇس ئۆكتىچىلىرى بۇ يەرلەردە ھېچقانداق رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ يوقلۇقىنى، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا ساقچى ئىدارىلىرىنى ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن، ئۇلار ھەتتا «ياردەم بەر رۇسىيە» دەپ شوئار توۋلاشقان.
گەرچە ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇسلارغا يۇقىرى ئاپتونومىيە بېرىش ۋە ئۇكرائىنانى فېدېراتسىيەلىك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش تەكلىپى بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما رۇس ئۆكتىچىلىرىنىڭ يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇش تەلەپلىرىدە چىڭ تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
كىيېۋ ھۆكۈمىتى رۇسىيەپەرەس كۈچلەرنى ئاگاھلاندۇردى
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى، ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە ئۇكرائىنانىڭ «تېررورىزمغا قارشى ھەرىكەت» گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بۆلگۈنچىلەرگە قارشى ئومۇمىي ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. پرېزىدېنت تۇرچىنوۋ ئۇكرائىن كۈچلىرىنىڭ ئومۇمىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى ھەمدە 14-ئاپرېل كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 دىن بۇرۇن رۇس ئۆكتىچىلىرى ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ قورال تاشلاپ، ئۆزلىرى ئىگىلىۋالغان ھۆكۈمەت بىنالىرى ۋە ساقچى ئىدارىلىرىنى بوشۇتۇشى، ئۇنداق بولمىغاندا ئۇلارغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئەمما، ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دونېتسكتىكى رۇسىيەپەرەس كۈچلەر كىيېۋنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشىنى رەت قىلغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۈشەنبە كۈنى يەنە ئۇكرائىن پرېزىدېنتى تۇرچىنوۋ ب د ت باش كاتىپى بان كىمون بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئۇنىڭدىن ب د ت تىنچلىق ساقلاش قوشۇنىنى ئۇكرائىناغا ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان.
ئالېكساندىر تۇرچىنوۋ ئۆزىنىڭ بىر نۇقتىدا رۇسىيەنى شەرقىي ئۇكرائىنادىكى بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ، رۇسىيەنىڭ قىرىم سېنارىيىسىنى قايتا تەكرارلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئۇكرائىنا بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە كېڭىشى ئۇكرائىنا قوراللىق كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىپ، كەڭ كۆلەملىك تېررورىزمغا قارشى ھەرىكەت باشلاشنى قارار قىلدى. بىز رۇسىيەنىڭ قىرىم سېنارىيىسىنى بۇ رايونلاردا قايتا تەكرارلىشىغا يول قويمايمىز» دەپ تەكىتلىگەن.
خەلقئارالىق ئىنكاس
بۇنىڭدىن ئىگىلىرى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، رۇس قوراللىق گۇرۇپپىلىرىنىڭ شەرقى ئۇكرائىنادىكى دونېتسك ئوبلاستىدىكى كراماتورسك، كراسني لىمان قاتارلىق شەھەرلەردىكى ساقچى ئىدارىلىرىگە ۋە ھۆكۈمەت بىناسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ ۋەزىيەتكە ئامېرىكىنىڭ «قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن. ئۇ، بۇ قوراللىق ئادەملەرنىڭ قىرىمدا ھەرىكەت قىلغان رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭكىگە ئوخشاش ھەربىي فورما كىيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جون كېررى موسكۋانىڭ ھازىرغىچە شەرقىي ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قەدەم باسمىغانلىقى ھەمدە ھازىرغىچە چېگرادىكى قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن موسكۋانىڭ ئېغىر ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
بىراق، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ موسكۋانىڭ ئۇكرائىنادىكى بۇ ئىشلارغا ئارىلاشقانلىق تەنقىدىنى ئىنكار قىلغان بولۇپ، ئۇ كىيېۋ ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن ھەم ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ تەقدىرىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەسلىكىنى تەنقىد قىلغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن 21-22-ئاپرېل كۈنلىرى كىيېۋنى زىيارەت قىلىپ، نۆۋەتتىكى كرىزىس مەسىلىسى ھەققىدە ئۇكرائىن رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى، شۇنىڭدەك 17-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت تۆت تەرەپ بىرلىكتە ئۇكرائىنا مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلماقتا.
ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە 16 مىليارد دوللار قەرزى بار
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى ياتسېنوك ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىناغا بىر مىليارد دوللار ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشى ھەققىدىكى كېلىشىمگە ئىمزا قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆزى بويىچە ئالغاندا ئۇكرائىنا ئىقتىسادىي ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا، يەنى ۋەيران بولۇش ھالىتىگە كېلىپ قالغان ئىدى. ئالدىنقى كۈنى رۇسىيە تەرەپ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە 16 مىليارد دوللار قەرزگە بوغۇلغانلىقى،بۇنىڭ ئىچىدە زور مىقداردىكى گاز پۇلىنى تۆلىمىگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. بۇ قەرزلەر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى قىستايدىغان مۇھىم ئامىلغا ئايلانغان. رۇسىيە پرېزىدېنتى ئۆز ۋەكىلىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ قەرزى مەسىلىسى، ۋە گاز مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.
شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇس تىللىق خەلقلەرنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇش ھەرىكەتلىرى رايون ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى جىددىيلەشتۈرمەكتە.