ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىدە ئېچىلغان كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى يىغىنىدا رابىيە قادىر خانىم يەنە قىزغىن ئالقىشلاندى
2013.12.06
بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىدە ئېچىلغان 2013 - يىللىق لانتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى يىغىنىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم يەنە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. ئامېرىكا دۆلەت ئەربابلىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى ۋە دۇنياۋىي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بولۇپ 500دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بۇ مۇراسىمدا، رابىيە خانىم ئالدىنقى رەتتە ئورۇن ئالغاندىن باشقا، يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ ئالاھىدە تونۇشتۇرۇشىغا ۋە يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
يىغىندا مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھىللارىي كىلىنتون خانىم، سەھنىدىكى سۆزىنى تاماملىغاندىن كېيىن رابىيە خانىمنىڭ ئالدىغا بېرىپ كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھەم قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر:
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىدە ئېچىلغان 2013 - يىللىق لانتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپات مۇاراسىمىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرلىكتە مۇئاۋىن رەئىس ئۆمەر قاناتمۇ قاتناشقان. شۇڭا بىز بۇ يىغىندىكى ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئۆمەر قانات ئەپەندىدىن ئىگىلىدۇق:
سوئال: ئاڭلىساق، بۈگۈنكى يىغىندا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم يەنە قىزغىن ئالقىشلىنىپتۇ، ئالدى بىلەن مۇشۇ ھەقتە بىر مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز؟
جاۋاب: شۇنداق. يىغىندا رابىيە خانىمغا ئەڭ ئالدىنقى رەتتىن ئورۇن بېرىلدى؛ يىغىن رىياسەتچىسى - ئامېرىكا ئەركىنلىك ئۆيىنىڭ باشلىقى كاترىنا خانىم، مۇكاپات ساھىبى ھىللارىي كلىنتوننى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەڭچىسى، دۇنياۋىي كۆلەمدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان رابىيە قادىر خانىممۇ ئارىمىزدا» دەپ تونۇشتۇردى ۋە رابىيە خانىمنى ئورنىدىن تۇرۇشقا دەۋەت قىلدى. رابىيە خانىم ئورنىدىن تۇرغىنىدا، پۈتۈن زالدا گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىدى.
سوئال: يىغىندا كىملەر بارتى، قانچىلىك كىشى قاتناشقان؟
جاۋاب: يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى ئەلچىلىرى، ھەرقايسى خەلقئارالىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ئامېرىكىدىكى ۋەكىللىرى بولۇپ 500 گە يېقىن كىشى قاتناشقان. يىغىندا مۇكاپات ساھىبى ھىللارىي كىلىنتون خانىم، مۇراسىم سۆزىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن سەھنىدىن چۈشۈپ، رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئالاھىدە كۆرۈشتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۇچۇن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھەم يېقىندىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە رابىيە خانىمنى ئىككىنچى قېتىم كۆرۈۋاتقانلىقىنى، تۇنجى قېتىم بېيجىڭ دۇنيا ئاياللىرى يىغىنىدىكى ئۇچرىشىشىنىڭ ئېسىدە بارلىقىنى بايان قىلدى.
سوئال: پرېزىدېنت ئوباما نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالغان چېغىدا، دۇنيادا بۇ مۇكاپاتقا مەندىنمۇ بەكرەك مۇناسىپ ئادەملەر بار دېگەن ئىدى؛ سىزنىڭچە ھىللارىي خانىمنىڭ رابىيە خانىمغا ئالاھىدە بىلدۈرۈۋاتقان بۇ ھۆرمىتى شۇنىڭغا ئوخشاش «بۇ مۇكاپاتقا سىز ئەڭ مۇناسىپ» دېگەن مەنادىمۇ ياكى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش مەنىسىدىمۇ؟
جاۋاب : مەنچە ھەر ئىككىسى. دېگىنىڭىزدەك، ھىللارىي خانىم مۇراسىم سۆزىدە دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئۆزىدىن كۆپ بەدەل تۆلىگەن، خىزمەت قىلغان، قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بايان قىلدى ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈردى.
سوئال: خەۋىرىڭىزدە بار، بۇ، رابىيە خانىمنىڭ چوڭ خەلقئاراۋىي سورۇنلاردا بۇنداق قىزغىن ئالقىشلىنىشى تۇنجى قېتىم ئەمەس. بۇندىن ئاۋۋالقى مۇشۇ خىل سەھنىلەردىن بىر - ئىككىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا ئەسلىتىپ ئۆتسەك؟
جاۋاب: شۇنداق، بۇ قېتىم رابىيە خانىم بىلەن كۆرۈشكەن ھىللارىي خانىم ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھەم 2016 - يىلى پرېزىدېنت نامزاتى بولۇشى ئېھتىمالى تەخمىن قىلىنىۋاتقان بىر شەخس؛ بۇرۇن جورجى بۇش رابىيە خانىم بىلەن پراگدا ئېچىلغان بىر خەلقئارالىق يىغىندا كۆرۈشكەن ۋە يىغىن ئەھلىگە تونۇشتۇرغان. جورجى بۇشنىڭ ئايالى لاۋرا بۇش خانىممۇ رابىيە خانىمنى قوبۇل قىلغان. كانادا باش مىنىستىرىمۇ شۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رابىيە خانىمنى قوبۇل قىلدى. ئۇ قاتناشقان يىغىنلىرىدا داۋاملىق يىغىن ئەھلىنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولۇپ كەلدى.
سوئال: ئاخىرىدا بۈگۈنكى يىغىندا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن لانتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى ھەققىدە قىسقىچە بىر مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز؟
جاۋاب: بۇ مۇكاپات مەشھۇر ئامېرىكا دۆلەت ئەربابى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى توم لانتوس ئەپەندى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ نامىدا قۇرۇلغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان مۇكاپات، ھازىرغىچە بۇ مۇكاپاتقا دالاي لاما، چېڭ گۇاڭچېڭ قاتارلىق كىشىلەر نائىل بولدى.