11 يىلدىن بېرى بوكس مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىۋاتقان، مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان ۋاقىتلاردا مەيداندا كۆك بايراقنى چىقىرىپ خۇشاللىقىنى ئىپادىلەپ كېلىۋاتقان بوكس ماھىرى بۇغرا ئۆنەر بىلەن ئالپتۇغ ئۆنەر دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى خۇشال قىلماقتا. تۈركىيەنىڭ ئادانا ۋىلايىتىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئاكا-ئۇكا بوكس ماھىرلىرى كەمەرلىرىنىڭ ئۈستىگىمۇ كۆك بايراق چۈشۈرۈۋالغان بولۇپ، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دەرد-پەريادىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. بىز ئاكا-ئۇكا بوكس ماھىرلىرىنى ئامېرىكىدىكى مۇسابىقە مەيدانىدىن تېپىپ تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
«يېقىندا ئامېرىكا ئۆتكۈزۈلگەن بوكس مۇسابىقىسىدە ئۇتۇپ چىققاندىن كېيىن قولىڭىزغا كۆك بايراق ئېلىپ خۇشاللىقىڭىزنى ئىپادىلىگەن رەسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى يېزىشتى. بۇنداق قىلىشىڭىزدىكى مەقسىتىڭىز نېمە؟» دېگەن سوئالىمىزغا بوكس چېمپىيونى بۇغرا ئۆنەر مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز باشلانغۇچتىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاپ كېلىۋاتىمىز. پەقەتلا شەرقىي تۈركىستاننىلا ئەمەس، پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنى قوللاپ كېلىۋاتىمىز. بولۇپمۇ زۇلۇم ئاستىدا تۇرۇۋاتقان تۈركىي مىللەتلەرنى قوللاپ كېلىۋاتىمىز، ئۇلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. بىز تۈرك مىللەتچىسى كىشىلەر. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئۇ يەردە چېمپىيون بولۇش ئەمەس، بوكس مۇسابىقىلىرىگە چىققان ۋاقتىمىزدا تارىخىمىزنى مەدەنىيىتىمىزنى، ئۆتمۈشىمىزنى تونۇتۇشتىن ئىبارەت. بىز تۇنجى قېتىم گېرمانىيەدە خەلقئارالىق بوكس مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئىدۇق. ئۇ ۋاقىتتىمۇ ‹شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك› دېگەن شوئار يېزىلغان لوزۇنكىنى كۆرسىتىپ خىتاينىڭ زۇلۇمىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. ئۇ ۋاقتىدا بوكس مۇسابىقىسى كۆرگىلى كەلگەن كىشىلەر ئەمەس، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەك قىزىققان ئىدى. كېيىن بىر قانچە تېلېۋىزىيەگە چىقىپ ئاڭلاتتۇق. ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردە مايكامنىڭ ئۈستىگە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقىنى چۈشۈرۈپ سەھنىگە چىقتىم. يېقىندا ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇسابىقىدە سەھنىدە كۆك بايراق ئاچتۇق. بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. نۇرغۇن سەنئەتچىلەر ۋە تەنھەرىكەتچىلەر بۇ خىل پائالىيەتلەرنى قىلىشتىن قورقىدۇ.»
«سىز، 10 نەچچە يىلدىن بېرى بوكس بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپسىز، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشىۋېتىپسىز، سىز ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن قاچان، قانداق تونۇشقان؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن دادام مۇرات ئۆنەردىن ئۆگەنگەن. سىزگىمۇ مەلۇم تۇنجى تەربىيە ئائىلىدىن باشلايدۇ. كېيىن ئەتراپتىكىلەردىن ئۆگىنىدۇ. بىز ئاتا-ئانىمىزدىن ئۆگەنگەن. بىز ئاغىزكا تۈركلىرىدىن بولىمىز. شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز. ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان، قازاقىستان ھەممىسى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز. دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا تۈركىي مىللەتلەر بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز.»
«ھازىر ئامېرىكىدا ئىكەنسىز، يېقىندا بىر مۇسابىقىگە قاتنىشىپسىز، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز ئامېرىكىغا 2-ئاينىڭ 14-كۈنى كەلدۇق. بۇ يەردە بوكس مەشىق قىلىۋاتىمىز. بۇ يەردە ئاغىزكا تۈركلىرى بار. ياۋروپادا قولغا كەلتۈرگەن 50 غالىبىيەت ئامېرىكىدىكى بىر غالىبىيەتكە تەڭ. ئامېرىكىدا بوكس بەك تەرەققىي قىلغان بىر تەنتەربىيە تۈرى. بۇ يەردە بىر مۇسابىقىگە قاتنىشىپ بىرىنچى بولدۇق. 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئامېرىكىدا چوڭ بىر بوكس مۇسابىقىسى بار. چوڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى بىلەن توختامنامە تۈزدۇق، بىز قاتناشقان مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن تارقاتماقچى.»
«بۇغرا ئۆنەر ئەپەندى، ھازىرغىچە بوكستا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىڭىز ھەققىدە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئالپتۇغ مېنىڭ ئاكام بولىدۇ. ئۇ مەندىن بىر ياش چوڭ. بىز 10 يىل تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك كوماندىسىدا مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇق. 10 قېتىم تۈركىيە چېمپىيونى بولدۇم. 53 قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشتىم. ئاكاممۇ شۇنداق. ياۋروپادىكى مۇسابىقىدە ئۈچىنچى بولدۇم. دۇنيا بوكس مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچى بولدۇم. 2010-يىلىدىن تارتىپ ئۇستا بوكسچى سۈپىتىدە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىۋاتىمەن. 18 ياش ۋاقتىمدا بۇ ئۇنۋانغا ئېرىشتىم. ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا تۈرك دۇنياسى ياشلىرى ئالتۇن كەمەر بوكس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ چېمپىيون بولدۇم. ئاكام ئالپتۇغ ياۋرۇئاسيا ئالتۇن كەمەر بوكس مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى. 2015-يىلى دۇنيا ياشلىرى بوكس مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدۇم.»
بۇغرا ئۆنەر ئەپەندىنىڭ ئاكىسى ئالپتۇغ ئۆنەرمۇ كىچىك ياشتىن تارتىپ ئۇكىسى بىلەن بوكس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇمۇ ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى چىقىرىدىكەن، كەمەرلىرىگىمۇ كۆك بايراقنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن. بىز ئۇنىڭ بىلەنمۇ تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئالدى بىلەن دۇنيادىكى پۈتۈن تۈركىي مىللەت قېرىنداشلىرىمغا سالام يوللايمەن. ئۇيغۇرلار باشلىق زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان پۈتۈن قېرىنداشلىرىمغا سالام يوللايمەن. ئۇكاممۇ دەپ ئۆتكەندەك بىزنىڭ مەقسىتىمىز زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇش. بىزنىڭ مەقسىتىمىز بۇ زۇلۇمنى ئاڭلىمىغان، كۆرمىگەن كىشىلەرگە ئاڭلىتىش. قولىمىزدىن كېلىشىچە بۇنى قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. خۇدايىم بۇيرۇسا تېخىمۇ زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ چوڭ سورۇنلاردا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزىمىز. بىز ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولىمىز.»
