گېرمانىيە ھۇمبولت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2018.11.06

گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدىكى ھۇمبولت ئۇنىۋېرسىتېتىدا 6-نويابىر كۈنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇتەخەسسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەر «خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەن. شۇنىڭدەك يىغىندا خىتاينىڭ رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى قانداق توسۇش توغرىسىدا پىكىر تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىلگەن. مەزكۇر يىغىن مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر قاتار زەنجىرسىمان پائالىيەتلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر.
ھۇمبولت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىننى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ يىغىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 6-نويابىر كۈنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى «قەرەللىك كۆرۈپ چىققان»، شۇنىڭدەك يىغىندا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، چېخىيە، گوللاندىيە، فىنلاندىيە، نورۋېگىيە. . . . قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينى ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشقا چاقىرغان كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن.
ھۇمبولت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مەزكۇر يىغىنغا ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبىرى ئەنۋەرجان ئەپەندى بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گېرمانىيە شۆبىسىنىڭ خادىمى ئانتونىيا كۇپا خانىم رىياسەتچىلىك ۋە ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن. ئەنۋەرجان ئەپەندى سەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىننىڭ تېمىسى ۋە مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى يىغىن ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنى ۋە خەلق ئاممىسىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىدىكى دەرد-ئەلەم، ئىلھام توختىنىڭ ئاقىۋىتى توغرىلىق شۇنداقلا خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ، دەپ ئاتالغان يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پىلانى توغرىلىق مەلۇماتقا ئىگە قىلىدىغان بىر يىغىن. بۇ يىغىنغا ئىسپانىيەدىن، فىرانسىيەدىن، گېرمانىيەدىن 3 كىشى تەكلىپ قىلدۇق. بۇ 3 كىشى ئۇيغۇرلارنى ياخشى تونۇيدىغان، يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى توغرىلىق خەلقئارادا پائالىيەت كۆرسەتكەن مۇتەخەسسىسلەر. بۇلار ئۆزلىرىگە ئاجرىتىلغان ۋاقىت ۋە تېمىلاردا مەلۇمات بېرىدۇ».
ئىسپانىيەلىك سابىق دىپلومات جۇئان مەنۇئېل نادال لاپاس ھۇمبولت ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بەرگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇ يىغىندا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانى»، ئۇيغۇر رايونىنىڭ گېئو-ئىستراتېگىيەلىك رولى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا بولغان تەسىرى توغرىسىدا سۆزلىگەن. جۇئان مەنۇئېل نادال لاپاس يىغىن باشلىنىشنىڭ سەل ئالدىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى كۆز قارىشىنى شەرھلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەندە شۇنداق تەسىرات باركى، خىتاينىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ناھايىتى ئېغىر. شى جىنپىڭنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانى شىنجاڭدىن ئۆتىدۇ. شىنجاڭ بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانىنىڭ غەلىبە قىلىش-قىلماسلىقىدا ئاچقۇچلۇق ئامىل. شۇڭا، مېنىڭ قارىشىمچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا قانداق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈشكە دائىر مەسىلىلەردە يول قويۇش مۇمكىنچىلىكى كۆپ ئەمەس. بۇ پەقەت مېنىڭ قارىشىم. مېنىڭ دوكلاتىم شىنجاڭنىڭ گېئو-ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن خىتاي ئۈچۈن ئۇنىڭ تاشقى ۋە ئىچكى سىياسىتىدە قانچىلىك مۇھىملىقىنى شەرھلەشكە مەركەزلىشىدۇ. شۇڭا، خىتاي دائىرىلىرى بۇ رايوندا كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغاندەك قىلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ خىل يۈزلىنىش رايوندىكى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئەندىشە قىلارلىق ھادىسىدۇر».
ھۇمبولت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يىغىندا يەنە فىرانسىيەلىك خىتايشۇناس مارىي خولزمەن خانىم بىلەن گېرمانىيە «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېلىئۇس دوكلات بەرگەن. مارىي خولزمان سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا ئۇ پەقەت ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسىنى قوبۇل قىلغاندىلا ئاندىن ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى كەسكىن ئېيتىش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خولزمان مۇنداق دەيدۇ: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە دەيدىغان ئاساسلىق مەسىلە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيە تۈزۈپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مىليونلىغان دوللار مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق زور ئۇل-ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىغا قارىتا، بىز سېنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭنى پەقەت سەن ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسىنى قوبۇل قىلساڭ قوللايمىز ياكى سېنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىمىز دېيىشتۇر. ھەر قانداق بىر ئىنسان ئەگەر جىنايەت سادىر قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئادىل سوتلىنىش، ئادىل جازالىنىش ھەققى بار. ئەلۋەتتە ھېچكىم سادىر قىلمىغان بىر قىلمىشى ئۈچۈن جازالىنىشقا لايىق ئەمەس. بىراق، بىز ھازىر خىتايدا ئۇنىڭ خالىغان كىشىنى، خالىغان ئۇسۇلدا جازالاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتىمىز.»
ئۇ يەنە دۇنيانىڭ زور داۋالغۇشقا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ ئەھۋالدا بىز ئۆزىمىزنىڭ قىممەت قارىشىدا ناھايىتى ئېنىق بولۇشىمىز كېرەك» دېدى. خولزمەن خانىم مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتايغا ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇلارنىڭ بەخت-سائادىتىنى قوغدايدىغان نورمال بىر دۆلەت بولۇپ، دۇنياغا مەنسۇپ بولۇشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ساۋاق بەرمىسە، باشقا بىنورمال دۆلەتلەرنى نورمال دۆلەتلەر قاتارىدا قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. مەن شۇنى ئېيتىپ قوياي، ھازىر دۇنيا زور داۋالغۇشقا كىرىپ قالدى. بەلكى بۇ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، بىز ئۆزىمىزنىڭ قىممەت ئۆلچىمىمىزدە، كىمنىڭ دوست، كىمنىڭ دوست ئەمەسلىكىدە ئېنىق بولۇشىمىز كېرەك.»
لېكىن جۇئان مەنۇئېل نادال لاپاسنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ۋە ياۋروپا جامائەت پىكىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن ۋاقىپلاندۇرۇش مۇھىم بولۇپلا قالماي، ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشىمۇ مۇھىم ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرى ۋە جامائەت پىكرىنى شىنجاڭدا نېمە ئىشلارنى يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلاندۇرۇش بەك مۇھىم. شۇنىڭدەك يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر خىتايغا بولغان مەلۇم دەرىجىدىكى تەسىرى ۋە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن.»
خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ مەسىلىسى ھۇمبولت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يىغىننىڭ يەنە بىر مۇھىم تېمىسىدۇر. ئىلھام توختى خىتاينى ئۆزىنىڭ ئاساسى قانۇنى ۋە ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئەمەل قىلىق شا چاقىرىپ، 2014-يىلى قولغا ئېلىنغان. ئۇ شۇ يىلى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئەنۋەرجان ئەپەندى، ئىلھام توختى «مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن قانۇنلار ئاساسىدا ھەل قىلىمەن، دەپ چىققان بىر ئۇيغۇرنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولغانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى»، دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى. خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى. بۇ يەردە يەنە مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن قانۇنلار ئاساسىدا ھەل قىلىمىز دەپ چىققان بىر ئۇيغۇرنىڭ قانداق بىر ئاقىۋەتكە دۇچار بولغانلىقى ئاساسلىق ماۋزۇ. مۇشۇ دائىرىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ».
ھۇنمولت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يىغىن يېقىنقى 2 كۈن ئىچىدە ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى 2-يىغىندۇر. مەلۇم بولۇشىچە، 5-نويابىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرشۇناس درۇ گلادنېي، بېلگىيەلىك ئانتروپلوگ ۋانېسسا فرانگۋىل قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر دوكلات بەرگەن ئىدى.