ئىككى خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى كىم بۇزماقتا؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2017.10.06
qirghizistandiki-uyghur-baziri-1.jpg قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار تىجارەت قىلىۋاتقان بازارلاردىن بىر كۆرۈنۈش. 2017-يىلى ئۆكتەبىر، قىرغىزىستان.
RFA/Feruze

مىسىر ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ، خەلقئارالىق ئەيىبلەشلەر تېخى بېسىلمىغان بىر پەيتتە، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دۆلەتتە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى بىر ۋەھىمىلىك ئۇچۇر بۇ يىل سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پەيدا بولدى.

بۇ ئۇچۇرنىڭ ساختىلىقى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇچۇرنىڭ تارقىلىشىدىكى سىرلىق غەرەز قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنى ئويلاندۇردى. 

كۆزەتكۈچىلەر، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن قىرغىزلارنىڭ ئارىسىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. 

بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە تارقىتىلىش مۇددىئاسى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېقىپ يۈرگەن بۇ ئۇچۇرنى ئەڭ دەسلەپ كىمنىڭ تارقاتقانلىقى دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بەزى يىپ ئۇچلىرىغا ئېرىشتۇق. 

بىز بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن ئۈچۈن ئالدى بىلەن مەزكۇر ئۇچۇردا ئەسكەرتىلگەن «تۇربازار» غا باردۇق، لېكىن بۇ بازار كۆيۈپ كەتكىنىگە 16 يىل بولغان ئىدى. 

بىز ئۇندىن كېيىن «دوردوي» بازىرىنىڭ ئىدارىسىگە باردۇق. مەزكۇر بازاردا ھەممەيلەن تىنچ-خاتىرجەم ھالدا ئىشلەۋاتقان بولۇپ، بۇ يەردىكىلەر بىرەرىنىڭ قوللىرى باغلىنىپ، ئاپتوبۇسلارغا بېسىلىپ ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى كۆرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىلىشىمىزچە «دوردوي» بازىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن تىجارەتچىلەر ئاز ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئاساسەن «مەدىنە» بازىرىدا تىرىكچىلىك قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

خەۋەرنى تېخىمۇ تەپسىلىي دەلىللەش ئۈچۈن «مەدىنە» بازىرىنىڭ باشلىقىغا مۇراجىئەت قىلدۇق. مەزكۇر بازارنىڭ ساھىبى تۇرسۇنتاي سالىموف «مەدىنە» بازىرىدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتاي مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە بۇ خەۋەرنىڭ يالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈنلەردە ‹مەدىنە› بازىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن 650 ئادەم ئىشلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىشلەشكە رۇخسەت بېرىلگەن ۋىزىلار بىلەن كېلىدۇ. بۇ ۋىزىنى خىتايدىن بىر ئايغا ئېلىپ قىرغىزىستاندا بىر يىلغا ئۇزارتىدۇ. ئەلۋەتتە، تىجارەتچىلىرىمىزنىڭ مېلىنى قوغداش ئۈچۈن بازار تەرىپىدىن ئەمەلىي تەدبىرلەر ئېلىنىۋاتىدۇ؛ ئىدارىمىز قىرغىزىستان قانۇنى بويىچە تەرتىپ تۈزگەن ئىدۇق شۇنداقلا بازىرىمىزغا قارايدىغان ساقچىخانىمىز بار، تەكشۈرۈش خادىملىرى كەلسە، ئۇلار بىرىنچىدىن ئىدارىگە رۇخسەت قەغەزلىرى بىلەن كېلىدۇ، قىرغىزىستان قانۇنى بويىچە ئىقتىساد ۋازارىتىدىن تەكشۈرگۈچىلەر كېلىدۇ. بۇ تارقىتىلغان بۇ مەنبەسىز ئۇچۇردىن مەن بەك نارازىمەن، ئۇنى ئېنىقلاشتىن بۇرۇن تور بېتىگە خەۋەر قىلغانلىقى توغرا ئەمەس. بىز مۇشۇ بازارنى باشقۇرۇپ تۇرۇپ، ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ تۇيۇقسىزلا خىتايغا ئەۋەتىلىشىگە يول بەرمەيمىز. بۇ يالغان خەۋەرنى تارقاتقانلار ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى دوستلۇقنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغانلار بولۇشى مۇمكىن،» دېدى. 

بىز مەزكۇر بازاردا سودا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئۇلار بىزنىڭ «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ مۇخبىرى ئىكەنلىكىمىزنى بىلگەندىن كېيىن بىز بىلەن سۆزلىشىشىنى رەت قىلىشتى. ھەتتا بەزى سودىگەرلەر بىزنى كۆرگەن ھامان بۇرۇلۇپ كېتىپ قېلىشتى.  

ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، بۇ ساختا خەۋەرنى كىملەر تارقاتتى؟ ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى نېمە؟ 

بۇ ھەقتە توختالغان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف بۇ خەۋەرنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى يامان كۆرسىتىش مەقسىتىدە يامان غەرەزلىك تارقىتىلغان ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىيلىشىپ كەتمەسلىكىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، بۇ خەۋەر قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا يامان كۆز قاراشتا بولۇشقا ئۈندەشنى مەقسەت قىلغان. ئىككىنچىدىن بۇ خەۋەر ئۇدۇل رابىيە قادىر خانىمغا بىۋاسىتە يوللانغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا بويىچە رەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە تارقىتىلغان، دەپ ئويلايمەن. مېنىڭ سورايدىغىنىم شۇكى، قىرغىزىستانلىقلارغا ئائىت ھەرقانداق ئۇچۇر كەلگەن بولسا، ئالدى بىلەن ‹ئىتتىپاق› جەمئىيىتى بىلەن خەۋەرلىشىشنى ئىلتىماس قىلىمەن».

2010-يىلى ئىيۇن ئېيىدا قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىيدىكى ئوش ۋە جالال ئاباد ۋىلايەتلىرىدە بولغان دەھشەتلىك ۋەقەلەر قىرغىزىستان خەلقىنىڭ ئېسىدە بۈگۈنگىچە بار. شۇ يىلى سىرتتىن كەلگەن نامەلۇم كۈچلەرنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن ئۆزبېك ۋە قىرغىز ئىككى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدا قىرغىنچىلىق بولغان ئىدى. 

شۇندىن بۇيان، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ھەر قايسى ساھەلىرىدە مىللەتلەر ئارا دوستلۇقىنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتقان شۇنداقلا مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنى بۇزۇشقا تىرىشقانلار قاتتىق جازالىنىۋاتقان بىر پەيتتە ئۇيغۇرلار بىلەن قىرغىزلارنىڭ دوستلۇقىنى بۇزۇشنى كىم خالايدۇ؟

بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن بىز قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى يەرلىك ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەشكىلاتىنىڭ توقماق شەھىرىدە ئورۇنلاشقان ئىدارىسىگە مۇراجىئەت قىلدۇق. 

مەزكۇر ئىدارىدىكى مەسئۇل خادىم، قىرغىزىستاننىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئۆز سىياسىتىنى ئۆزى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقى بىلەن قىرغىز خەلقىنىڭ قېرىنداش خەلق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارغا قىرغىزىستان دۆلىتىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە قىرغىزىستاندا 55 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشاۋاتقان بولۇپ، قىرغىزىستاندىكى مىللەتلەر ئىچىدە 5-ئورۇننى تەشكىل قىلماقتا. ئۇيغۇرلار ئاساسسەن بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدىكى يېزىلارغا ۋە كىچىك شەھەرلەرگە ئورۇنلاشقان. 

ئاخىرىدا «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف، ئۇيغۇرلارنى بۇنداق مەسىلىلەردە ھوشيار ۋە سوغۇققان بولۇشقا شۇنداقلا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ غەرەزلىك سۇيىقەستلىرىگە ئالدانماسلىققا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.