ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، خىتاي تەشكىلاتلىرى «ھەرقانداق چوڭ بېسىممۇ ئەركىنلىككە بولغان ئۈمىدىمىزنى يوقىتالمايدۇ»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.12.09
dolqun-eysa-musapir-uyghur.jpg د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى» يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2016-يىلى 26-ئاپرېل، بېرلىن.
RFA/Erkin Tarim


10-دېكابىر دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىلىشىنى تەكىتلەيدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، 10-دېكابىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى كۈنى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى، جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى، خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى. بۇ بايانات 9-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ياڭ جىيەنلى، دورجې سەتەن، ئەنگېباتۇ توگوچوگ قاتارلىقلارنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزغا بۇ بايانات ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.

بۇ باياناتتا تۆۋەندىكى سۆزلەر يەر ئالغان:

2016-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ھاكىمىيىتى ئاستىدىكىلەر ئۈچۈن ئەركىنلىكى ئىلگىرىلەپ چەكلەنگەن بىر يىل بولدى. خىتايدىكى يۈزلىگەن كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تۇتقۇن قىلىندى. شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي ھوقۇقلار ئىلگىرىلەپ چەكلەندى. ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ پاسپورتلىرى يىغىۋېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىش ھوقۇقىغا چەكلىمە قويۇلدى. تىبەت، شەرقىي تۈركسىتان ۋە موڭغۇلىيىنىڭ تەبىئىي مۇھىتى خىتاينىڭ كۆمۈر قازغۇچى شېركەتلىرى ۋە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي بازىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىدى. مىڭلىغان تىبەتلىك راھىب شەرقىي تىبەتتىكى لارۇڭ ئىبادەتخانىسىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋېتىلدى... ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىز ئۇيغۇر، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيىلىكلەر ۋە چەتئەللەردىكى خىتايلار ھەممىمىز بىر ئارىغا جەم بولۇش ئارقىلىق ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرگە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، كىشىلىك ھوقۇق خەتەر ئاستىدا، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ چىقىرىڭلار ۋە ئۇنى دەرھال باشلاڭلار.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە، دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر، بولۇپمۇ ھەرقايسى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە جىددىي تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

دۇنيادىكى ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۆز دوكلاتلىرىدا شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە چىققاندىن بۇيان ئىنسان ئەركىنلىكىدە زور چېكىنىش بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىغا قارىتىلغان بېسىمنىڭ ئىلگىرىلەپ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى «دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈرلۈك تۈمەن تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى، مەسچىت باشقۇرۇش كادىرلىرى، شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇش چارىسىنى ئۆگىنىش ھەرىكىتى، قوش تىل يەسلى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ھەرىكىتى، ئىنتېرنېتتە گەپ-سۆز تارقاتقانلارنى جازالاشقا ئائىت يېڭى تەدبىرلەر ۋە پاسپورت يىغىۋېلىش ھەرىكىتى، قوشماق تۇغقان بولۇش ھەرىكىتى دېگەنگە ئوخشاش بىر توقاي ھەرىكەتلەر ھەممىىسى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىر تۇتاش ۋە مەجبۇرىي يوسۇندا ئەپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەر بولۇپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قامال قىلىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنى نىيەت قىلغان، دەپ ئەيىبلەيدۇ. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ھوقۇقلىرىنىڭ جىددىي بىر رىقابەت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە خىتايدىكى «مەجبۇرىي غايىپ قىلىۋېتىلگەنلەر» مەسىلىسى خەلقئارادا ئەڭ كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقان بىر مەسىلە بوپقالدى. بۇ ھەقتە «دىپلوماتىيە» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «جۇڭخۇا خەلق مەجبۇرىي غايىپ قىلىۋېتىش جۇمھۇرىيىتى» ماۋزۇلۇق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئەپ بېرىلىۋاتقان «مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش، غايىپ قىلىۋېتىش» ھەرىكەتلىرى زور دەرىجىدە كۆپىيىپ، مەجبۇرىي غايىپ قىلىۋېتىش نورمال بىر ئىشقا ئايلاندۇرۇلغان. ھالبۇكى ماقالىدە، مەيلى ئۇنىڭ مۇددىتىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ قانۇنسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە مەخپىي ئورۇنلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ۋە ئىز-دېرىكىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە بىلدۈرۈلمەي غايىپ قىلىنىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا پۈتۈنلەي خىلاپلىقىنى ئەسكەرتىلگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەجبۇرىي غايىپ قېىلىۋېتىلگەنلەرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە دەرھال چۈشەنچە بېرىش، ئۇلارنى قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن غايىپ قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، خىتاي تەشكىلاتلار باياناتىدا، خىتايدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان ۋىجدان مەھبۇسلىرى ليۇ شاۋبو، ئىلھام توختى، تاشى ۋاڭچۇك ۋە تۈرمىدىن كېيىنمۇ دۋاملىق ئۆي ھەپسىدە تۇتۇلۇۋاتقان موڭغۇل ئاكتىۋىست خادا قاتارلىقلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرى ئاستىدا ياشاۋاتقان خەلقلىرى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىنى تىلغا ئالغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە خىتاپ قىلىپ «كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە بىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە باشقىلارغا دەيدىغان ئورتاق سۆزىمىز شۇكى، ھەرقانداق ئېغىر بېسىممۇ بىزنىڭ كەلگۈسى يىللاردا بۇ كۈننى ئەركىنلىك ئىچىدە خاتىرىلەش ئارزۇيىمىزنى يوق قىلالمايدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.