ئۇيغۇرنىڭ تىل ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلىرى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى مۇھىم تېمىغا ئايلاندى

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.07.31
turkiye-1 ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يىغىن تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان. شۇ توربەتتىن سۈرەتكە ئېلىنغان
Photo: RFA

يېقىنقى بىر قانچە كۈنلەردىن بۇيان تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت ۋە باشقا تۈرلۈك مەسىلىلىرىگە كۆپلەپ ئورۇن بېرىشكە باشلىدى. 7-ئاينىڭ 29-30-كۈنلىرى تۈركىيەدىكى بەزى گېزىت ۋە تور گېزىتلىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئوبزور، خەۋەر ۋە ماقالىلەردىن 5 پارچە ئېلان قىلىندى. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۈركىيەدە چىقىۋاتقان «دۇنيا بۈلتەنى» ناملىق تور گېزىتىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى چەكلەندى» ماۋزۇلۇق ماقالىگە، 29-ئىيۇل كۈنى «دۇنيا بۈلتەنى» ناملىق تور گېزىتىدە يەنە «گۈلنازنىڭ خېتى» ماۋزۇلۇق ماقالىگە، قىرىم تاتارلىرى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تور گېزىتىدە «خىتاي ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ھالدا ئۇيغۇر تىلىدا مائارىپنى چەكلىدى»، 30-ئىيۇل كۈنى «ئاكىت گېزىتى»دە «ھەي تۈرك ئىسلام دۇنياسى نېمىشقا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىغا قاراپ تۇرىسەن؟» ماۋزۇلۇق ماقالىلارغا ئورۇن بېرىلدى. يۇقۇرىدىكى ماقالىلەردە نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي ھەق ۋە ھوقۇقى بولغان ئانا تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش ۋە سۆزلىشىش ھوقۇقلىرى ھەم دىنى ئېتىقات ئەركىنلىكىنىمۇ تارتىۋېلىنغانلىقى، بۇنىڭغا ئىسلام دۇنياسى بىلەن تۈرك دۇنياسىنىڭ قاراپ تۇرىۋاتقانلىقى ۋە باشقا مەسىلىلەر تەكىتلەنگەن.

«دۇنيا بۈلتەنى» ناملىق تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى چەكلەندى» ماۋزۇلۇق ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ نامى ئاستىدا ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، يېقىندا خوتەندە دۆلەت تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەنلىكى بايان قىلىنغان؟

29-ئىيۇل كۈنى «دۇنيا بۈلتەنى» ناملىق تور گېزىتىدە 13 ياشتا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلغان ھازىر 23 ياشقا كىرگەن ۋە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان گۈلناز ئىسىملىك قىز يازغان، «گۈلنازنىڭ خېتى» ئېلان قىلىندى. مەزكۇر خەتتە گۈلنازنىڭ ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ كىچىك بىر ئۆسمۈرگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بايان قىلىنغان. گۈلناز خېتىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ: «خىتاينىڭ بىزگە قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن كۆپ كىشىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتىمەن. بىز پەقەتلا ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ دەرد-ئەلەمنى چېكىشىمىز كېرەكمۇ؟ بىزنىڭ گۇناھىمىز نېمە؟ مەن تونۇشقان كىشىلەرنىڭ كۆپى مېنىڭ ھايات ھېكايەمنى قىزىقىپ سورىدى. مەنمۇ ئېرىنمەي ئاڭلىتىۋاتىمەن. مەن چەتەلگە چىقىپ خىتاينىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇم، ئەمما باشقا گۈلنازلار تېخىغىچە خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا».

تۈركىيەدە تارقىتىلىدىغان «قىرىم تاتارلىرى خەۋەر ئاگېنتلىقى»نىڭ تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ھالدا ئۇيغۇر تىلىدا مائارىپنى چەكلىدى» ماۋزۇلۇق ماقالىدە خىتاي 1984-يىلى ماقۇللىغان ئاپتونومىيە قانۇنىدا خىتاينىڭ ھەرقايسى مىللەتلەر ئانا تىلىدا مائارىپ ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈن ئۆزىنىڭ بۇ قانۇنىغا خىلاپ ھالدا ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.ماقالىدە خوتەن مەكتەپلىرىدە بۇ خىل ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش مەسىلىسى مىسال قىلىنغان.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا تۈرك دۇنياسىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىش بىلەن بىرلىكتە ئانا تىلدا مائارىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارادا جامائەت پىكرى توپلاش كېرەكلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«ئاكىت گېزىتىدە» ئېلان قىلىنغان «ھەي تۈرك ئىسلام دۇنياسى نېمىشقا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىغا قاراپ تۇرىسەن؟» ماۋزۇلۇق ماقالىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك قان سىستېمىسىدىكى مۇسۇلمان خەلق ئىكەنلىكى، تۈرك ۋە ئىسلام مەدەنىيەتىگە زور تۆھپە قوشقانلىقى، بۇنداق بىر مىللەتنىڭ بۈگۈن قېيىن ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكى، ئەپسۇس تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇنىڭغا قاراپ تۇرىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئىككى كۈندە 5 پارچە ئوبزور ۋە خەۋەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى جۈملىدىن تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆپلەپ ئورۇن بېرىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە تۈركىيەدىكى ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزىمۇ ھازىر ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ خەۋەر تارقىتىۋاتقان ئورگانلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇلار ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەرلىرىنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ يازغان بولغاچقا خەۋەرلىرى چىنلىققا ئىگە. تۈرك ئاخباراتلىرىمۇ غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنى شۇداقلا ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ خەۋەرلىرىنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ يازماقتا.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.

ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ۋە قەلەمكەشلىرىنىڭ تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، مەدەنىيەت، دىن، ئىجتىمائىي-سىياسىي مەسىلىلىرى ھەققىدە مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى .

تۈركىيىدە 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئىزچىل ھالدا ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيەدە كۆپ كىشىلەر تەرىپىدىن بىلىنگەن بىر مەسىلىگە ئايلانماقتا. يېقىندا مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسى ۋە خىتاي تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ تېمىلارنىڭ بىر قەدەر كۆپەيگەنلىكى تەھلىل قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.