ئۇيغۇرلارنىڭ قەلەم كۈرىشى خىتاينىڭ سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.09.05
ruqiye-turdush-maqale-xitay-berlin-temi.jpg «بۈگۈنكى پاكىستان» گېزىتىنىڭ ئىنگلىزچە بېتىگە بېسىلغان، كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن رۇقىيە تۇردۇش خانىم يازغان «خىتاينىڭ بېرلىن تېمى» ناملىق ماقالىسىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
Photo: RFA

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىلىرى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قەلىمى ئارقىلىق، تۈرلۈك تاراتقۇ ۋە مەتبۇئاتلاردا ھەر خىل تىللاردا دۇنياغا ئاڭلىتىلماقتا ۋە بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلماقتا. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا قارشى خىتاينىڭ ئىنكاسىمۇ سەزگۈر ۋە جىددىي بولۇپ كەلدى.

يېقىندا، كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن رۇقىيە تۇردۇش خانىم يازغان، «خىتاينىڭ بېرلىن تېمى» ناملىق، ئۇيغۇر ھەجىچىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق تەقىبگە ئېلىنىۋاتقانلىقىغا ئوخشاش مەسىلىلەر يورۇتۇلغان ماقالىسى،ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقالغاندىن باشقا «بۈگۈنكى پاكىستان» گېزىتىنىڭ ئىنگلىزچە بېتىدە، 30-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان ئىدى. پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى مەزكۇر گېزىتكە شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ دىنىي سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ ماقالە ئېلان قىلغان.

ئۇيغۇر پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇش خانىم ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تور بەتلىرىدە «خىتاينىڭ بېرلىن تېمى» ناملىق ماقالىسىدە بۇ يىل ھەرەمگە ھەجگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىنمۇ ئېھتىياتچان بولۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا خىتاينىڭ بېسىملىرى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇر ھەجىچىلەرنىڭ ھەج جەريانىدا ئۇيغۇر رېستورانلىرىغا ۋە ئۇيغۇر دۇكانلىرىغىمۇ كىرمىگەنلىكىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ سەئۇدىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى كۆرسە سالاملىشالماي، گەپ قىلالماي ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھەجگە بارغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىنكاسلاردىن مىسال كۆرسەتكەن.

ئۇ، ئۆزىنىڭ مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئېنىقكى، خىتاي مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالماسلىق ئۈچۈنلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرەمگە ھەجگە بېرىشىغا رۇخسەت قىلسىمۇ، ئۇلارنىڭ پەقەت ياشانغانلىرىنىلا ئۆزلىرى بىۋاسىتە تەشكىللەپ، خۇددى ئاشۇ ياشانغان ئۇيغۇرلار خىتاي دۆلىتىگە بىرەر زىيان بېرەلەيدىغاندەك ئۇلارنى قاتتىق كونتروللۇق بىلەن ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ھەج سەپىرىنى تاماملاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسا يات يۇرتتا ئۆزلىرىنىڭ يىللاردىن بېرى كۆرۈشمىگەن ۋە بەلكى بۇندىن كېيىن كۆرۈشۈشى مەڭگۈ مۇمكىن بولمايدىغان قېرىنداشلىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشمىسىمۇ ئىككى ئېغىز سالاملىشىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتى»، دەپ يازغان. رۇقىيە خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ بىر -بىرى بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە ئالاقىلىشىشىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كۆزىتىلگەن ۋە چەكلەنگەن ئەھۋالدا ياشاۋاتقانلىقىدەك ۋەزىيىتىنى 1961-يىلدىن 1989-يىلغىچە داۋام قىلغان، پۈتۈن دۇنياغا كوممۇنىزم بىلەن دېموكراتىيە ئوتتۇرىسىدىكى توسۇقنىڭ سىمۋولى بولغان، دېموكراتىك غەربىي بېرلىن بىلەن كوممۇنىستىك شەرقىي بېرلىننى ئايرىپ تۇرىدىغان بېرلىن تېمىغا ئوخشاتقان. ئۇ: «بېرلىن تېمى ئۆرۈلگىنىگە 30 يىل بولاي دېدى. ئەمما خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرى بىلەن ئەركىن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى قورقۇتۇش تېمى بارغانسېرى مۇستەھكەملىنىۋاتاتتى» دەپ كۆرسەتكەن.

ئاپتور ماقالىسىنى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنى تاشقى دۇنيادىن ئايرىۋەتكەن بۇ تام خۇددى ھەرەمگە ھەجگە كەلگەن ئۇيغۇرلارغا ئەگىشىپ كەلگەندەك، ئۇيغۇرلار نەگىلا بارسا ئۇلارغا ئەگىشىپ ئۇلارغا چاپلىشىغلىق ئىدى. چۈنكى ئۇ قورقۇنچ بىلەن باتۇرلۇق، قۇللۇق بىلەن ئەركىنلىك، يوقىلىش بىلەن قۇتۇلۇش ئوتتۇرىسىدىكى تام بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ۋۇجۇدىغىلا ئەمەس پۈتۈن ئىش ھەرىكىتىگە، ئوي-خىيالغا ھەتتا چۈشلىرىگىچە ھۆكۈمران ئىدى. گېرمانىيەدىكى بېرلىن تېمى تاش تۇپراقتىن ياسالدى ۋە ئۇنى ئىنسانلار پالتىلىرى بىلەن چېپىپ ئۆرۈۋەتتى، ئەمما خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بېرلىن تېمى ۋەھىمىدىن ياسالغان. بۇ تامنى بىرلا ۋە بىرلا نەرسە ئۆرۈيەلەيدۇ ئۇ بولسىمۇ ئەركىنلىككە تەلپۈنگەن يۈرەك» دەپ ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

مانا بۇ ماقالە 30-ئاۋغۇست پاكىستاندا چىقىدىغان، «بۈگۈنكى پاكىستان» گېزىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ. قىزىق يېرى شۇكى گېزىتنىڭ تور بېتىدە شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا بىر قانچە سائەتتىن كېيىن پاكىستاندىكى خىتاي كونسۇلىنىڭ «12 مىڭ 800 دىن ئارتۇق خىتاي پۇقرالىرى مىليونلىغان ھەجىچىلەرگە قېتىلدى» دېگەن تېمىدىكى ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. ماقالىدە خىتايدىن بۇ يىل ھەج سەپىرىگە چىققان 12 مىڭ 800 دىن ئارتۇق ھەج كاندىداتلىرىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمانلار ئىگىلەيدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. ھەج قىلغۇچىلارنىڭ سەپىرىنى قۇلايلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان سىياسەت، ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ئالاھىدە ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلغان.
بىر كۈننىڭ ئىچىدە ئوخشاش مەتبۇئاتقا چىققان كۈچلۈك سېلىشتۇرمىلىققا ئىگە بۇ ئىككى ماقالە، تورلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەلەم كۈرىشىگە بولغان سەزگۈرلۈكىنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە دىققەت ۋە ئىنكاسلار قوزغىدى. بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ماقالىنىڭ ئاپتورى رۇقىيە تۇردۇش خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

كانادادىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رۇقىيە تۇردۇش خانىم، «خىتاينىڭ بېرلىن تېمى» ناملىق ماقالىسىنى يېزىشقا، سەئۇدىدىكى بىر تاكسىچىنىڭ ئۇيغۇر ھەجىچىلەرنىڭ قورقۇنچ ئىچىدىكى ھالىتىنى تەسۋىرلەپ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە تارقاتقان ئىنكاسنىڭ ئىلھام بولغان بولسا، ھالبۇكى خىتاينىڭ ماقالىغا قايتۇرغان بۇ خىل جىددىي ئىنكاسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قەلەم كۈرىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىي تونۇشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇقىيە خانىمنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ماقالىسى «بۈگۈنكى پاكىستان» گېزىتى تورىدا ئېلان قىلىنىپ ئىككى سائەتتىن كېيىن، مەزكۇر مەتبۇئاتنىڭ تەھرىرلىكى خىتاي كونسۇلىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان. تەھرىر ھەيئىتىگە تېلېفون قىلغان خىتاي كونسۇلى، بۇ خىلدىكى ماقالىنىڭ مەزكۇر گېزىتتە ئېلان قىلىنىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن.

رۇقىيە خانىم زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، پاكىستاندەك خىتاي بىلەن ئەڭ يېقىن مۇناسىۋەتتىكى بىر دۆلەتنىڭ ئاخباراتىنىڭمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىشىنىڭ ئادالەتكە بولغان ئۈمىدىنى ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئۇيغۇر زىيالىي ۋە يازارلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىمكانلارنى ئىزدەپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قورقۇنچ سېلىۋاتقان بۇ خىل سىياسىتىنى پاش قىلىشىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەتسىز سىياسەتلىرىنى چەتئەللىك مۇخبىرلار ۋە باشقىلارغا قارىغاندا، شۇ مەسىلىگە بىۋاسىتە ئۇچرىغان، شۇنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى پاش قىلغاندا ۋە يورۇتقاندا، تېخىمۇ قايىل قىلارلىق بولىدۇ دەپ قارايدىغانلىقى، مەيلى مەتبۇئات ۋە ياكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان بۇ خىل ئۇچۇر ۋە ماقالىلەرنىڭ تەسىر كۈچىگە سەل قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، چەتئەللەردىكى ھەر خىل تىللىق ياشلارنى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە كۆپلەپ يېزىشقا يېتەكلەشنىڭ زۆرۈر دەپ قارايدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.