ئۇيغۇرلار تارىختا قۇرغان ئىككى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2015.11.13
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
turkiye-uyghur-sherqiy-turkistan-hidayetullah-oghuzhan-2015.jpg ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزدە
RFA/Arslan


12 - نويابىر ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىقىنى دۇنياغا جاكارلىغان بىر كۈن بولۇپ بۇ كۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە كۈن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى 1933 - يىلى 12 - نويابىر كۈنى قەشقەرنى پايتەخت قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى ۋە يەنە 1944 - يىلى 12 - نويابىر كۈنى غۇلجىنى پايتەخت قىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى ۋە ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەت يىغىن زالىدا تارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، جەمئىيەت باش مۇپەتتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم، تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور جالال ئەرباي قاتارلىقلار تارىختا قۇرۇلغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «خەلقىمىز خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىنى ھېچ بىر زامان قوبۇل قىلىپ باقمىدى. بىزنىڭ چوڭلىرىمىزنىڭ ئىچىدە سابىت داموللام ۋە خوجىنىياز ھاجىم قاتارلىق دىنىي ئالىملار دۇنيانى ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن، شۇ دەۋردىكى دۇنيا ۋەزىيىتىنى توغرا ئانالىز قىلىپ مۇشۇ نامدا بىر جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلارغا خاس بىر مۇۋاپىق دۆلەت بولىدىغانلىقىنى ئالدىن تونۇپ يەتكەن ۋە شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.»

دىنىي ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلماقتا
دىنىي ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلماقتا

دىنىي ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: بىز چوقۇم ئۆتمۈشتە ئۆتكەن ئەجدادلارنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى، جەريانلىرىنى، تارىخى ھادىسىلەرنى ئەسلىسەك، قايتا - قايتا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغان بولسا بۇنىڭدىن كېيىن قەدەمنى خاتا بېسىشتىن ساقلىنالايمىز. نېمە ئۈچۈن جۇمھۇرىيەت قولدىن كەتتى، بۇنىڭغا سەۋەب بولغان قانداق ئامىللار بار؟ قۇرۇش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى قوللاندى، قوغداپ قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك ئىدى؟ دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئارقىلىق شۇ جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرۇش جەريانىدىكى ئىجابىي ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىش لازىم. يەنى ئىسلامى دۆلەتنىڭ قولدىن كېتىشكە سەۋەب بولغان ئامىللارنى تېپىپ چىقىپ شۇ سەۋەبلەردىن ھەزەر ئەيلەش ۋە دىققەت قىلىش لازىم بولىدۇ، بۇنى قىلىش ئۈچۈن تارىخىي ۋەقەلىكنى بىلىش لازىم.»

پروفېسسور جالال ئەرباي سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاغا بىرلىكتە كۈچ چىقىرىش ئۈچۈن «سەمىمىي بولۇش، بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەش، جاپا - مۇشەققەت، قىيىنچىلىقلارغا سەۋرچان بولۇش، بىر - بىرىگە مېھرى - شەپقەتلىك بولۇش، ئۆز - ئارا ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىش» تىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك ئوقۇمدا چىڭ تۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.

يىغىندا يەنە ئىستىقلال تېلېۋىزىيىسى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى توغرىسىدا تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان شېھىتلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا ئوقۇلدى. تاماق زىياپىتىدىن كېيىن يىغىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرىلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.