ئەنگىلىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئەزا بولغان تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق پىلاتفورمى رەھبەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت تۈركىيەنىڭ لوندون ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەن. دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا مەزكۇر پىلاتفورۇمنىڭ رەئىسى ئاتىللا ئاباجىئوغلۇ باشچىلىقىدىكى بۇ زىيارەتكە تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق مۇنبىرىگە ئەزا دۆلەتلەر ۋە رايون ھەم مىىلەتلەردىن تۈركىيە، قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، ئەزەربەيجان، غەربىي تىراكيا، ئىراق تۈركمەنلىرى، قىرىم تاتارلىرى، ئۆزبەك، ئىراندىكى تۈركمەنلەر ۋە ئۇيغۇر ۋەكىللەردىن تەركىپ تاپقان 16 كىشى ئىشتىراك قىلغان. بىز بۇ زىيارەت توغرىسىدا ۋە مەزكۇر پىلاتفورۇمنىڭ پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئاتىللا ئاباجىئوغلۇ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇ، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن لوندون بۈيۈك ئەلچىمىزنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ زىيارىتىمىزدىن خۇرسەن بولدى، بىزنىڭ پائالىيەتلىرىمىزنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىمىزنى دېدى. بۈيۈك ئەلچى بىزگە پائالىيەتلىرىڭلارغا تەكلىپ قىلساڭلار كېلىپ قاتنىشىمەن دېدى. يېقىندا ئۆتكۈزىدىغان نورۇز پائالىيىتىمىزگە ئۇنىمۇ تەكلىپ قىلىمىز. يېقىندا "تۈرك دۇنياسى" ژۇرنىلىنىڭ بىرىنچى سانى نەشردىن چىقىدۇ. بۇ ژۇرنالدا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتى، كۈلتۈرى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا يېزىلغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلىمىز. بۇ ھەقتىمۇ تۈركىيەنىڭ لوندون ئەلچىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلدۇق، قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.»
ئاتىللا ئاباجىئوغلۇ ئەپەندى، تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق پىلاتفورمىنى قۇرۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن 32 يىلدىن بۇيان لوندوندا تۇرۇۋاتىمەن. بۇرۇن تەشكىلات رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدىم. بىز بۇرۇن مەزكۇر مۇنبەرنى قۇرغان دوستلار بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ۋە بىرلىكتە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلەردىن بىر - بىرىمىزنى تونۇيتتۇق. بىرلەشسەك تېخىمۇ كۆپ ئىشلەرنى قىلالايمىز دەپ ئويلاپ، بۇ پلاتفورۇمنى قۇردۇق. لوندوندا تاتار، ئەزەربەيجانلىق، ئۆزبەك، باتى تىراكيالىق، ئىراق تۈركمەنلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى بار. بىز بۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق پىلاتفورمى نامىدا بىر مۇنبەر قۇردۇق.»
ئاتىللا ئاباجىئوغلۇ ئەپەندى پىلاتفورۇم قۇرۇلغاندىن كېيىن تۇنجى پائالىيىتىنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈش بىلەن باشلىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تۇنجى پائالىيىتىمىز رەھىمە خانىملار بىلەن بىرلىكتە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈش بولدى. كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى. بەك ياخشى بولدى. كېيىن ئىراق تۈركمەنلىرىنىڭ لىدەرى ئەرشات سالىھنى لوندونغا تەكلىپ قىلىپ دوكلات بەردۇردۇق. بىزنىڭ پىلانىمىز بويىچە، يېقىندا تۈرك دۇنياسى كۈلتۈر كېچىسى ئۆتكۈزۈشكە باشلايمىز. بۇ كۈلتۈر پائالىيەتىمىزنى ئۇيغۇر كۈلتۈر كېچىسى بىلەن باشلىماقچى. بۇ كېچىدە ئۇيغۇر ناخشا، ئۇسۇل ۋە مۈزىكىلىرىنى تونۇتىمىز. ھەر ئاي بىر تۈركىي مىللەتنى تونۇتماقچىمىز.»
ئۇ، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا ئاڭلىتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ رۇخسىتى بولۇشى كېرەك. ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا پائالىيەت قىلساق، پۈتۈن پارلامېنت ئەزالىرى، ھەتتا ئەنگىلىيە باش مىنىستىرىمۇ خەۋەردار بولىدۇ. مەسىلەن، شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا بىر پائالىيەت ئېلىپ بارساق، پۈتۈن پارلامېنت ئەزالىرىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان بولىمىز. ئەنگىلىيەدە تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئىنتايىن مۇھىم. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئۇيغۇر، قىرىم تاتارلىرى، ئىراق تۈركمەنلىرى مەسىلىسىدە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.»
تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق پىلاتفورمىدا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەھىمە خانىم تۈركىيەنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئابدۇراخمان بىلگىچ ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈشتىكى مەقسىتىنىڭ قېرىنداش تۈركىي مىللەتنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق پىلاتفورمىغا ياردەم تەلەپ قىلىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇلار تۈركىيەنىڭ لوندوندىكى باش ئەلچىسىگە بۇندىن كېيىن ئېلىپ بارماقچى بولغان خىزمەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. ئۇ، تۈرك بۈيۈك ئەلچىسىنىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە «تۈرك دۇنياسى» نامىدا تۈرك ۋە ئەنگىلىز تىللىرىدا ژۇرنال چىقىرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ماقالە ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلدى.
لوندوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق پىلاتفورمۇنىڭ ئەنگىلىيەدە ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىشىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، مەزكۇر خەۋەر 13 - فېۋرال كۈنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى «ستار قىبرىس» گېزىتىدە، تۈركىيەدىكى «ئولاي» گېزىتىدە ۋە كۆپ ساندا تور گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنغان.
0:00 / 0:00
