مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا نامايىش قىزغىنلىقى ئەۋج ئالماقتا
2018.01.29
خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇرلىماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر باستۇرۇش سىياسىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولماقتا ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، د ئۇ ق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 27-يانۋار ياۋروپادىكى 10 غا يېقىن دۆلەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ، 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان 5 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۈچۈن تەييارلىق كومىتېتى قۇرۇپ چىققان.
22-يانۋار كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور بېتى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا 5 مىڭ كىشىلىك نامايىش چاقىرىقى» ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر چاقىرىقتا «د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈچىنى ئاساس قىلغان بۇ پائالىيەتنى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار، گېرمانىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، شۋېتسارىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، بېلگىيە ۋە فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائەت ۋەكىللىرى ھەمدە سىياسىي ئاكتىپلار بىرلىكتە تەشكىللەيدۇ. بۇ نامايىشقا ياۋروپادىكى تۈرك ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەر، ئۇيغۇر داۋاسىغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقان ياۋروپالىق دوستلارمۇ كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەر قىلىنىدۇ،» دېيىلگەن ئىدى.
چاقىرىقتا يەنە «ياۋروپادىكى بۇ نامايىشقا قاتنىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغان شىمالىي ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق قىتئە ۋە دۆلەتلەردىمۇ ئوخشاش بىر كۈندە نامايىش ئېلىپ بېرىلىدۇ،» دېگەن ئىبارىلەرگە يەر بېرىلگەن.
د ئۇ ق نىڭ بۇ چاقىرىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە بۇ نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر جامائىتى پائال ھەرىكەتكە كەلگەن. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، نورۋېگىيەدىكى 50 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ بۇ نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئالدىن ئايروپىلان بىلەتلىرىنىمۇ ئېلىپ بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
فرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ نامايىش ھازىرلىقىنى باشلىغان. فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەكبەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، فرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەش ئۈچۈن ھېچقانداق تەشكىلىي پائالىيەت بولمىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى يەنە «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرى تەشكىللەۋاتقان 15-مارت ئاياللار نامايىشىغا ھازىرلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، 2018-يىلىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئومۇميۈزلۈك قوزغالغان بىر يىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.