شىۋېتسىيەدە ئېچىلغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى غەلىبىلىك ئاياقلاشتى

0:00 / 0:00


شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدا ئېچىلغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى 29 - ئاپرىل كۈنى غەلىبىلىك ئاياقلاشتى.

29 - ئاپرىل شىۋېتسىيە پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق يىغىن يېپىق شەكىلىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ،، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا ئىدارە ھەيئەت ۋەكىللىرى تەشكىلاتىنىڭ يېرىم يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلاش، كېيىنكى يېرىم يىللىق پىلانلىرىنى بىكىتىش ھەمدە مالىيە دوكلاتلىرىغا قاراپ چىقىش، يېڭىدىن ئەزا بولماقچى بولغان مىللەتلەرنىڭ ئىلتىماسىغا قاراپ چىقىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا قاتناشقان.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى 1991 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يىل بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 29 - ئاپرىل كۈنى شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن مەدەنىيەت - سەنئەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيىتىدە سىتوكھولمدىكى بۇ تەشكىلاتقا ئەزا مىللەتلەرنىڭ تەييارلىغان سەنئەت نۇمۇرلىرى كۆرسىتىلگەن.

سىتوكھولمدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن «ئۇيغۇر ئانسامبىلى» دىكى گۇلى خانىم ئۇيغۇر تىلىدا ناخشا ئورۇنلاپ بەرگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئېلىنغان قارارلارنى ھەمدە تەبرىكلەش پائالىيىتىدىكى ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئاڭلاتتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىملىق زىيارەت جەريانىدا، شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى زىيارەت قىلىپ سۆھبەتتە بولغاندىن باشقا يەنە، شىۋېتىسيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان «ھىندىستان مۇنبىرى»دېگەن تەشكىلاتنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇلارنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا قىزىق تېمىغا ئايلانغان ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىزىسىنى رەت قىلىش جەريانلىرى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.