خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ كانادا مۇخبىرىغا ئازار بەرگەنلىكى كانادادا مۇنازىرە قوزغىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۇلشەن ئابدۇقادىر
2016.06.03
wang-yi-Albert-del-Rosario.jpg خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى(ئوڭدا) فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالبەرت دېل روسارىو بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. 2015-يىلى 10-نويابىر، مانىلا.
AFP

چارشەنبە كۈنى كاناداغا تۇيۇقسىز زىيارەتكە كەلگەن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدۇ ۋە كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېپان دىئون بىلەن كۆرۈشكەن. ئىگىلىنىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، بۇ يىل 9 - ئايدا خاڭجۇدا ئېچىلىدىغان سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئۈچۈن كەلگەن ئىكەن.

كانادا دۆلەتلىك تېلۋىزىيە قانىلى س ب س نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنى كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىئون بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، كانادالىق بىر مۇخبىرنىڭ كانادا تاشقى ئىشلار مىنىئىستىرى دىئوندىن سورىغان، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، جەنۇبىي دېڭىز پاراكەندىچىلىكلىرى ئوتتۇرىدا تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا، كانادانىڭ خىتاي بىلەن قانداق بىر ئىقتىسادى ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە سوئالىغا قارىتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئىنتايىن قايناپ كەتكەن. ئۇ مۇنداق دىگەن: «سوئالىڭ خىتايغا بولغان قارشىلىق بىلەن لىق تولۇپ تۇرۇپتۇ. قەيەردىن كەلگەنلىكىڭنى بىلمەيمەن، ئەمما سوئالىڭ تامامەن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر سوئال. سەن جۇڭگونى بىلەمسەن؟ جۇڭگوغا بېرىپ باقتىڭمۇ؟ سەن 600 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە جۇڭگونىڭ، نامرات ۋە ئارقىدا قالغان بىر دۆلەت ھالىتىدىن، ھازىرقى ھالەتكە قانداق كەلگەنلىكىنى بىلەمسەن؟ سەن يەنە خىتاينىڭ كىشى بېشى كىرىمى 8 مىڭ دوللارغا يەتكەن دۇنيادىكى 2 - چوڭ ئىقتىسادى ئەمەلى كۈچكە ئىگە بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ ئەگەر جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىمايدىغان بىر دۆلەت بولغان بولسا، خىتاي بۇنداق زور نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەتتىمۇ؟ خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى قانداق قوغدايدىغانلىقىنى بىلەمسەن. مەن ساڭا شۇنى دېمەكچىمەنكى، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى ھەققىدە ھەقىقىي سۆز ساھىپى سەن ئەمەس، بەلكى جۇڭگو خەلقى.

سەن بۇ ھەقتە سۆز قىلىشقا لايىق ئەمەسسەن. بەلكى خىتاي خەلقى لايىقتۇر. مەن سېنىڭ بۇندىن كېيىن بۇنداق مەسئۇليەتسىز سوئاللارنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەسلىكىڭنى ئۈمىد قىلىمەن.»

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە سوئال سورىغان كانادالىق مۇخبىرغا ئازار بەرگەنلىك مەسىلىسى، كانادا ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىدا كەڭرى يەر ئالدى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كانادادا ياشاۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچىلەردىن كامىل تۇرسۇن، ئەخمەتجان ئوسمان ۋە مەمەت توختىلارنى زىيارەت قىلدۇق.

- ھۆرمەتلىك كامىل تۇرسۇن ئەپەندى، كاناداغا زىيارەتكە كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى كانادالىق بىر مۇخبىر سورىغان كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى سوئالغا بەك ئاچچىغلاپ كەتتى. بۇ مەسىلىگە سىز قانداق قارايسىز؟

- ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىش كېرەككى، كانادا دۇنيا بويىچە كىشىلىك ھوقۇققا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر دۆلەت. كانادانىڭ ئەڭ ئاساسلىق قىممەت قارىشى، ئىنسانلارنىڭ ئەركىن باراۋەر، ھۆر بولۇشى، ھەرقانداق مىللەتلەرنى كەمسىتمەسلىكىدىن ئىبارەت. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاناداغا كەلگەنكەن، تەبىئىي ھالدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چۈشمەي قالمايدۇ. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا چىچاڭشىپ كېتىشى، قاپىقىنىڭ تۈرۈلۈپ كېتىشى، ھەتتا نارازى بولۇشى، خىتاينىڭ ماھىيتىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قانداق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنى قانداق يېپىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىغىنى ئاشكارىلاپ قويدى. دۇنيا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ ئالدىغا بۇنداق سوئاللار قويۇلىدۇ. ئەگەر خىتاي بۇنداق سوئاللار بىلەن قارشىلاشمايمەن دەيدىكەن، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلىشى كېرەك.

- بۇنداق خەلقئارا سەھنىلەردە ئاچچىقلاپ، قايناپ، مۇخبىرغا قوپاللىق قىلىپ ئازار بېرىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ، سىزچە؟

- بۇ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە سەۋىيەسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. بىر مىنىستىر بولغان ئادەمنىڭ سەۋىيەسى بۇنچىلىك بولسا،ئۇنداقتا خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خىتاي دىكتاتۇر ھاكىميىتىنىڭ ماھىيىتى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

- ھۆرمەتلىك ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى، سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىز قانداق؟ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە بۇنچىلا قايناپ كېتىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەنقىدنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىلمايدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. خەلقئارا سەھنىلەردە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى قانچىلىك دەرىجىدە پەدەزلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

بىز كانادادا ياشاۋاتقان سىياسى مۇلاھىزىچى مەمەت توختى ئەپەندىنىمۇ زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بىزگە «خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇ رىئاكسىيەسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى پەدەزلەش جەھەتتە ئاجىز كېلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ» دېدى.

بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.