«زېمىستان» تورى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن پۈتۈن دۇنيانىڭ خەۋەردار بولۇش ھوقوقى بار»

مۇخبىرىمىز سادا
2019.01.04
bitter-winter.jpg «زىمىستان» تورىدىكى خىتايدىكى 45 مۇخبىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر. 2018-يىلى 28-دېكابىر.
bitterwinter.org

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر دىياردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئېلىنىش مەسىلىسى خەلقئارانىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسى بولىشىدا غەرب تاراتقۇلىرى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

ئەلۋەتتە، دېموكراتىك ئەللەردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تونۇپ يېتىشىدە تايىنىپ كەلگەن ئاساسلىق مەنبە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ شۇ تېما ھەققىدە توختىماستىن ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇچۇرلىرىدۇر. بۇنىڭدا «ۋاشىنگتون پوچتىسى»، «مالىيە ۋاقتى» گېزىتى، «ۋول-سترت ژۇرنىلى» گېزىتى، «نىيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى قاتارلىق خەلقئاراغا داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە «زېمىستان» تورىدەك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تور مەتبۇئاتلارنىڭ رولى كۆرۈنەرلىك بولماقتا. 

«زېمىستان» تورى قۇرۇلغان قىسقىغىنە بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدا تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ ئەھۋالى ۋە لاگېرلارنىڭ ئىچ مەنزىرىسى ھەققىدە سىن كۆرۈنۈشلەرنى تارقىتىپ، دۇنياغا خىتاي ئىزچىل پەردازلاپ كەلگەن ئاتالمىش «كەسپىي تېخنىكا تەربىيلەش مەركىزى» نىڭ زادى قانداق بىر جاي ئىكەنلىكىنى تولۇق دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئاشكارىلاپ كەلدى. 

بۇنىڭ تىپىك مىسالى «زېمىستان» تورى بۇلتۇر نويابىر ۋە دېكابىر ئايلىرىدا ئېلان قىلغان غۇلجا يېڭىيەر يېزىسىدىكى «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرى ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈشتۇر. مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشتە مۇخبىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تەربىيلەش مەكتىپى» دەپ ئاتىۋالغان يەرنىڭ ئەمەلىيەتتە تۈرمىدىن ھېچ پەرقى يوقلىقىنى ھەربىر ئىنچىكە نۇقتىلار بىلەن ئىسپاتلىغان. لاگېر ئىچىگە سېلىنغان ھەربىر بىنانىڭ پولات سىم ۋە تورلار بىلەن قورشالغانلىقى، «تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ ياتىقى» نامىدىكى كىچىك ئۆيلەرنىڭ ئىچىگىلا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھاجەتخانىنىڭ 24 سائەت كامېرادا كۆزىتىلىشى، «سىنىپ» دەپ ئاتالغان جايدا تۇتقۇنلار ئولتۇرىدىغان يەر بىلەن «ئوقۇتقۇچىلار» تۇرىدىغان جاي ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنىڭ قېلىن تۆمۈر تاختا بىلەن ئايرىۋېتىلگەنلىكى قاتارلىقلار بۇنىڭ مىساللىرىدۇر.

بىز يۇقىرىقى نۇقتىلارغا ئاساسەن «زېمىستان» تورىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشىدىكى باشلىنىش نۇقتىسى ھەققىدە مەزكۇر تورنىڭ باش مەسئۇلى ماركو رېسپىنتى ئەپەندى بىلەن تېلېفۇن زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ بىزگە قىلغان سۆزىدە خىتايدىن ئۇچۇر ئىگىلەش جەريانىدىكى تاساددىپىي پۇرسەتتە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «‹زېمىستان› تورى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئاساسلىق خىتايدىكى بىلىم ئىگىلىرى، مۇخبىرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ ئارىلىقتا بىز تاساددىپىي چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپ قالدۇق ھەم بۇ ئارقىلىق شىنجاڭدا ياشايدىغانلار بىلەن ئالاقە باغلاپ، شۇلار ئارقىلىق ئۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىدىغان بولدۇق. خىتايدا بىزگە بىۋاستە ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان مۇخبىرلىرىمىزنىڭ بولۇشى بىزنىڭ باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن پەرقلىق نۇقتىمىزدۇر.»

مەلۇم بولغىنىدەك، بۇلتۇر دېكابىر ئېيىنىڭ ئاخىرى «زېمىستان» تورىنىڭ خىتايدا ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىدىن 45 نەپىرى «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان» ياكى «چەتئەل سىياسىتىنى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنغان» دېگەندەك ئەيىبلەشلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 40 قا يېقىن مۇخبىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە ئۇچۇر توپلاشقا مەسئۇل ئىكەن. ماركو رېسپىنتى بۇ ھەقتىمۇ سۆز قىلىپ، بۇنچە جىق مۇخبىرنىڭ تۇتۇلىشى ئۇلار ئۈچۈن بىر قېتىملىق ئېغىر زىيان بولغانلىقىنىمۇ سۆزلەپ ئۆتتى. 

ئۇ سۆزىدە: «‹زېمىستان› تورى قۇرۇلغاندىن بۇيان مۇخبىرلىرىمىزنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى كۆپلەپ يۈز بەردى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ‹دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چەتئەلگە ساتقان خائىن› دەپ تۇتقۇن قىلدى. بۇ پۈتۈنلەي خاتا، ئۇلار ئۆزىنىڭ مۇخبىرلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى. بۇ ئەمەلىيەتتە بىز ئۈچۈن ياخشى بىر بېشارەت، چۈنكى خىتاي بىزنىڭ ئۇلارغا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىپ يەتتى،» دېدى.

يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن بىر قانچە خەلقئاراغا داڭلىق مەتبۇئاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئېغىر كۈنلەرگە خاتىمە بېرىش جەھەتتە كۆرسىتىۋاتقان ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقلىرى مەيلى شۇ يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بولسۇن، ياكى باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن بولسۇن، كەڭ كۆلەملىك قوللاشقا ۋە ياردەمگە ئېرىشىپ كەلمەكتە. ئۇنداقتا، خەلقئارا سەھنىلەرنىڭ «زېمىستان» تورىغا ئوخشاش يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان تور تاراتقۇسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلىۋاتقان خەۋەرلىرىگە بېرىۋاتقان ئىنكاسى قانداق بولىۋاتقاندۇ؟ 

ماركو رېسپىنتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بەزى چوڭ ئاخبارات ئورۇنلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر بىز بىلەن ئالاقە باغلاشقا كىرىشتى. گەرچە ‹زېمىستان› تورى تېخى ياش بىر تور تاراتقۇسى بولسىمۇ، ئەمما قىسقا ۋاقت ئىچىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ خىتايدىكى مۇخبىرلىرىمىزنىڭ قەيسەرلىكىدىن بولدى. بۇ ھەقىقەتەن بىزنى بەك ئىلھاملاندۇرىدۇ.»

ماركو رېسپىنتى سۆزى داۋامىدا نۇقتىلىق قىلىپ، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنىڭ ئۆزىنىڭ مۇھىم بۇرچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى خىتايدىكى بىر چوڭ مەسىلىگە ئايلاندى. شۇ يەردىكى ھەرقانداق مىللەت خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر. ئۇلار ئۇيغۇرلۇق كىملىكى ۋە دىنىي ئەقىدىسى سەۋەبلىكلا خىتاينىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلۇقنى ئىپادىلەيدىغان ھەرقانداق بىر ئالامەتنى تۈپتىن قۇرۇتۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. بۇنداق پاجىئە چوقۇم دۇنياغا ئاشكارىلىنىشى كېرەك، پۈتۈن دۇنيانىڭ بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇش ھوقوقى بار.»

«زېمىستان» تورى 2018-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى مەركىزىي نۇقتا قىلغان بىر تور تاراتقۇسىدۇر. مەزكۇر تور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان مىللەتلەر توغرىسىدا ماقالە، دوكلات ۋە گۇۋاھلىق بايانلىرىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق شۇ يەردىكى ئاۋازسىز خەلقنىڭ ئاۋازىنى تاشقىي دۇنياغا ئاڭلىتىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلىپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.