خىتاي باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەينىڭ لاگېر ھەققىدىكى بايانلىرىغا رەددىيە بېرىلدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئەگەر ئامېرىكا ئۇيغۇر مەسىلىسى سەۋەبلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىسا، خىتاينىڭمۇ ئوخشاش شەكلىدە ئامېرىكىدىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلەش بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇر رايوندىكى ئەمەلدارلارغا قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىرلەرنى ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي، 27-نويابىر رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە ئامېرىكىنى «خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا كەلگەندە قوش ئۆلچەم قوللاندى» دەپ ئەيىبلىگەن ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان تەدبىرلىرىنى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدە ئىسلام دۆلىتى بىلەن قىلىۋاتقان ئۇرۇشلىرىغا سېلىشتۇرغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، سۈي تيەنكەي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئىشقا سېلىپ تېررورچىلارنى ئولتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە مۇنداق دېگەن: «بىز ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى قايتا تەربىيەلەشكە ھەمدە ئۇلارنى نورمال ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ نورمال تۇرمۇشقا قايتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز.»

ئۇنداقتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويغان باستۇرۇشلىرىنى، ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدە تېررورلۇققا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشلىرىغا سېلىشتۇرۇش توغرىمۇ؟

بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت بۇلارنى قەتئىي سېلىشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ بىر پۈتۈنلەي خاتا سېلىشتۇرۇش. نەدە تېررورچى بولسا، ئۇلارنى تۇتۇش، ئۇلار جىنايەت سادىر قىلغۇچە ئۇنىڭ ئالدى ئېلىش، ئەگەر ئۇلار تېررورلۇق جىنايىتى سادىر قىلغان بولسا جاۋابكارلىققا تارتىش ئىنتايىن مۇھىم. بىز ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى› يۈز بەرگەندە بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلارغا سىستېمىلىق ھالدا ئىز قوغلاپ زەربە بەردۇق. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورىزمنى بىر باھانە قىلىۋالدى. ئەگەر ئۇ يەردە ھەقىقىي تېررورلۇق مەۋجۇت بولسا، خىتاي ئۇنىڭ پېشىدا بولۇشى كېرەك. ئەمما ئۇلار بۇنى باھانە قىلىپ، قاماققا ئېلىۋاتىدۇ، تەھدىت سېلىۋاتىدۇ ھەمدە ھەقىقىي شەكلىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى› دە ‹بىر مىللەتنى پۈتۈن ياكى قىسمەن يوقىتىش ئىرقى قىرغىنچىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ› دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقىنى زامانىمىزدا پەقەت كۆرۈلۈپ باقمىغان ھادىسە دېيىشكە بولىدۇ.»

خىتاي باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەينىڭ «بىز تېررورچىلارنى قايتا تەربىيەلەپ، ئۆزگەرتىۋاتىمىز» دېگەن بايانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كۆلەملەشتۈرگەن ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» توغرىسىدا بەرگەن يەنە بىر قېتىملىق غەلىتە ئىزاھاتى.

ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئۇنداقتا نۆۋەتتە لاگېرغا قامالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى تېررورچىمۇ؟

بىز، خىتاي ئەمەلدارىنىڭ بۇ بايلىرىغا تېخىمۇ ئېنىق ئىزاھات تەلەپ قىلىپ ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىغان بىر مىليوندىن ئارتۇق تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنى تۈرمە شەكىلدىكى لاگېرلارغا قامىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، خىتاي بۇنى پۈتۈنلەي رەت قىلغان.

بۇ يىل ئاۋغۇستتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر دەلىللىك بايانات ئېلان قىلغان ۋە خىتاينىڭ بىر مىليون ئۇيغۇرنى خۇپىيانە شەكىلدە بەرپا قىلىنغان لاگېرلارغا سولىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

شۇندىن كېيىن خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر مەسىلىسىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ئېتىراپ قىلغان ۋە بۇ ئورۇنلارنىڭ قانداقتۇر بىر تۈرمە ئەمەس، «ئەسەبىي دىنىي ئىدىيەلەردىن يۇقۇملانغان بىمارلارنى ‹ھەقسىز› داۋالايدىغان دوختۇرخانا، كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى، ۋە ئىستىراھەت ئورۇنلىرى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۆزىنىڭ لاگېر سىياسىتىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشكە باشلىغان.

خىتاي باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەينىڭ «تېررورىستلارنى قايتا تەربىيەلەش» كەلىمىسى ھەققىدە سوئال سورىغىنىمىزدا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رېچاردسون ئۆزىنىڭ مەسخىرىلىك تۇيغۇلىرىنى يوشۇرۇلماي قالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «سۈي تيەنكەينىڭ گەپلىرى پەقەت چويلىدا توختىمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تا ھازىرغىچە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى قامىۋالغانلىقىغا ھېچقانداق قايىل قىلارلىق سەۋەب كۆرسىتىپ باقمىدى. بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق بىر جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگىنى يوق. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەرقانداق شەكىلدىكى ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. شۇنى ئېنىق ئېيتىش كېرەككى، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەجبۇرىيىتى بار، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل بىر مىللەت كىشىلىك ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرماسلىقى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلەرنىڭ زوراۋانلىق جىنايەتلىرىنى سادىر قىلغانلىقىغا ئائىت دەلىل-ئىسپاتى بولسا، ئۇلارنىڭ شۇ خىلدىكى قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەدلىيە سىستېمىسى بار، ئەمما پۈتۈن بىر ئېتنىك توپلۇقنى ‹ئۇلار تېررورچى› دەپ قامىۋېلىشىنى پەقەت قوبۇل قىلغىنى بولمايدىغان بىر ئىنكاستۇر.»

ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە لاگېر سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە قولى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى «يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى» بويىچە جازالاش پىكىرى يېقىنقى ئايلاردىن بېرى ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدە كۆپ ئۇچرايدىغان سۆزلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماركو رۇبىيو، كرىستوفېر سىمىت قاتارلىق نوپۇزلۇق ئەزالىرى بىر ئىمزالىق ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيو ۋە سودا مىنىستىرى ستېۋىن منۇچىنلارنى «يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇر رايونىدا ئېغىر دەرىجىدە ئىنسان ھەقلىرى بۇزغۇنچىلىقى سادىر قىلىۋاتقان ئەمەلدارلاردىن چېن چۇەنگو قاتارلىقلارنى جازاغا تارتىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 30 غا يېقىن ئەزاسى بىرلىكتە تونۇشتۇرغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى-2018» ناملىق قانۇن لايىھەسىگە ئۇيغۇر ئېلىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

سۈي تيەنكەي رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئەگەر ئامېرىكا خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىشى جازا تەدبىرلىرى قوللىنىپ قالسا، خىتاينىڭمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئىسلام دۆلىتىگە قارىشى جەڭ قىلىۋاتقان ئامېرىكا خادىملىرى جازاغا تارتىلسا، بۇ ئەقىلگە سىغامدۇ؟ ئەگەر خىتايغا قارشى شۇنداق بىر ھەرىكەت قوللىنىدىغان بولسا، بىز چوقۇم ئۆچ ئالىمىز.»

ئەمما، ئۇ، خىتاينىڭ قانداق شەكىلدە «ئۆچ ئالدىغان» لىقىنى تەپسىلىي شەرھلىمىگەن بولسىمۇ، «باشقا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىغا قارايمىز. بىزنىڭ تەدبىرلىرىمىزمۇ ئوخشاش نىسبەتتە بولىدۇ» دېگەن.

خىتاي ئەمەلدارىنىڭ بۇ بايانلىرى ئامېرىكا تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاينى لاگېرلارنى تاقاشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىۋاتقان ئەمەلدارغا جازا تەدبىرى قوللىنىشىنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «2017-يىلى ئاپرېلدىن بۇيان خىتاينىڭ تەخمىنەن 800 مىڭ، بەلكى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ‹سىياسىي قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى› غا قامىغانلىقىدىن ئەنسىرەش ھالىتىدە تۇرماقتىمىز. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى بۇ ئەكسىچە ئۇنۇم بېرىدىغان سىياسەتلىرىگە دەرھال خاتىمە بېرىشكە ھەمدە مەجبۇرىي قامىۋېلىنغان بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز بۇ مەسىلىلەرنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدا ئۆتكۈزگەن دىپلوماتىك ۋە خەۋپسىزلىك دىئالوگىدا ناھايىتى ئېنىق شەكىلدە تىلغا ئالدى. بىز ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغان ۋە ئۇنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش پىكىرىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىمىز، بۇلار شىنجاڭدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىغا قارىشى قاراتمىلىق چارىلەرنى ئويلىشىش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە قاراتمىلىق چارە قوللىنىش ئاتالغۇلىرى قوللىنىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قايسى خىلدىكى چارىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلمىدى.

ھالبۇكى، كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتىلا يۈرگۈزۈلۈشى مۇمكىن بولغان جازا تەدبىرلىرى ھەققىدە توختالغان دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت يېقىندا تونۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نى تىلغا ئالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە بىر قانۇن بار. بۇ قانۇننى ماركو رۇبىئو كېڭەش پالاتاسى تەرەپتىن، مەن ئاۋام پالاتاسى تەرەپتىن بىرلىشىپ تونۇشتۇردۇق. بۇ قانۇن پرېزىدېنتنى بىرنەچچە خىل ئىشلارنى قىلىشقا چاقىرىدۇ. بۇنىڭ بىرى بولسا ‹خەلقئارا ماگنېتىسكى قانۇنى› نى ئىشقا سېلىپ، بۇ جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان جىنايەتچىلەرنى جازالاش.»

خىتاي باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەينىڭ رويتېرسقا ئېيتقان سۆزلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا كۆرۈشىدىغانلىقى دەلىللەنگەن ھەمدە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يىغىن ۋە سۆھبەتلەر كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى قاتتىق ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

بۇ ھەقتە توختالغان دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت ئامېرىكا پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە كۈچلۈك رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، بۇنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن باشلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇنىڭ بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئوتتۇرىغا قويۇشنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى ناھايىتى كۈچلۈك رەۋىشتە تەكىتلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز ئوبامانىڭ 8 يىل جەريانىدا خىتاي مەسىلىگە كەلگەندە تەتۈر قارىۋالغانلىقى، ئاجىز ۋە دېلىغۇلدا ھالىتىدە بولۇپ كەلگەنلىكىگە شاھىت بولدۇق. بۇ پرېزىدېنت ھەققىدە بىر نەرسە دېمەيمەن، ئەلۋەتتە ئۇ سودا مەسىلىسىدە قاتتىق بولۇپ كەلدى. ھازىر پرېزىدېنتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىدىمۇ قاتتىق تۇرىدىغان ۋاقتى كەلدى. كىشىلەر ‹بۇنىڭ سودا بىلەن نېمە ئالاقىسى بار؟› دەپ سورىشى مۇمكىن. سىزنىڭچە ئۆز خەلقنى ھۆرمەت قىلمىغان ئادەملەرگە نەشر ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىدۇ، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقنى قوغدايدۇ، دەپ ئىشەنگىنى بولامدۇ؟ ئۇلار ئۆز خەلقىنى قىيىن-قىستاققا ئېلىۋاتىدۇ، فالۇنگوڭچىلارغا قىلغىنىدەك، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئوغرىلاپ ھەمدە ئۇلارنى زور مىقداردا ھايىنىغا سېتىۋاتىدۇ. بۇ بىر ياۋۇزلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماھىيىتى تونۇپ يېتىشى كېرەك. شۇڭا پرېزىدېنتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئىنتايىن كۈچلۈك شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشنى، بۇنى ئۇيغۇرلاردىن باشلىشىنى ھەمدە باشقا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دەپسەندىچىلىك مەسىلىلىرىنى سۆزلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ ھەپتە ئاخىرى ئارگېنتىنانىڭ بۇئېنۇس-ئايرېس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچۇرۇشۇشىغا قاتنىشىدۇ.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇ، مەزكۇر يىغىن ئەسناسىدا، يەنى شەنبە كۈنى كەچلىك تاماقتا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئۇچرىشىشى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ئىختىلاپلار تازا ئۆتكۈرلەشكەن، ھەمدە ترامپ ھۆكۈمىتى يەنە بىر نەچچە تۈرلۈك خىتاي ماللىرىغا 10 دىن 25 پىرسەنتكىچە جازا بېجى قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.