دولقۇن ئەيسا: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى تۇنجۇقتۇرۇش ھىيلىسى بەربات بولماقتا!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.07.11
bdt-xitay-gherb-talash-tartish-1.jpg ب د ت دا خىتاي ۋەكىلى گېرمانىيە «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ ب د ت دىكى سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ب د ت يىغىنلىرىغا قاتنىشىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى. 2018-يىلى 21-ئاپرېل.
un.org

خىتاينىڭ دۇنيا سىياسىي تەرتىپىدە يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن كۈچ بولۇشى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ھېسابسىز رەۋىشتە يەر ئېلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، كۆپلىگەن ئەھۋاللار بۇ «قۇدرەت» لىك يېڭى كۈچنىڭ ئەمەلىيەتتە تولىمۇ ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئۇيغۇر داۋاسىنى توسۇپ قېلىش ئۇرۇنۇشلىرى ھەمدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ خەلقئارادا سۆز قىلىش ئەركىنلىكىنى بوغۇپ قويماقچى بولۇشى دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.


بۇ جەھەتتىكى ئەھۋاللار يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ كەلدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىدا غوللۇق رول ئويناۋاتقان شەخسلەرنى ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن سىر بولغىنى يوق.

ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ھەممىدىنمۇ بەكرەك كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقىنى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ غوللۇق رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسانىڭ پائالىيەتلىرىنى توسۇش ئۇرۇنۇشلىرى بولۇپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئەھۋال خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ پات-پات مۇھاكىمە قىلىنىپ كەلدى. 10-ئىيۇل كۈنى ئاندريا ۋوردېن ئىمزاسىدا «خىتايدا ئۆزگىرىش» تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىمۇ شۇلارنىڭ بىرى.

2018-يىلى ئىچىدە دولقۇن ئەيسا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى سالاھىيىتىدە بىرنەچچە قېتىملىق خەلقئارالىق پائالىيەتلەردە توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. بولۇپمۇ بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا ئۇ ب د ت قارمىقىدىكى «يەرلىك مىللەتلەر مەسىلىسىگە دائىر دائىملىق مۇنبەر» نىڭ ئون كۈنلۈك مەجلىسىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. ئەمما 17-ئاپرېل كۈنى يىغىن مەيدانىغا كەلگەندە ئامانلىق خادىملىرى «بىخەتەرلىك مەسىلىسى» نى باھانە قىلىپ دولقۇن ئەيسانى ب د ت بىناسىغا كىرگۈزمىگەن.

ماقالە ئاپتورى مۇشۇ خىلدىكى بىر قاتار ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، بۇ ئىشلارنىڭ ماھىيەتتە دولقۇن ئەيسا ھەققىدىكى قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىش، شۇنىڭدەك ب د ت غا نوتا تاپشۇرۇپ دولقۇن ئەيسانىڭ «يىللاردىن بۇيان بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى» نى پاش قىلىش دېگەنلەر بىلەن ماس قەدەملىك ھەرىكەتلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى قارارنى «يەڭ ئىچىدە سودا قىلغانلىق» دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنىمۇ مەسخىرىلىك ھالدا ئەسلەپ ئۆتىدۇ.

بىز «دۇنيا ئىقتىسادىدىكى يېڭى كۈچ» دەپ ئاتىلىۋاتقان خىتاينىڭ دولقۇن ئەيسا ۋە باشقا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئاۋازىنى بوغۇش ئۈچۈن بۇنچە كۈچەپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە دولقۇن ئەيسانىڭ ئۆزىگە سوئال قويدۇق. ئۇ بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبنىڭ دەل «ئىشتانغا چىقارغان كۆڭۈلگە تايىن» دېگەندەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تاشقى دۇنياغا ھېچقانداق مەلۇماتنىڭ چىقىشىنى خالىماسلىق خاھىشى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى تاشقى دۇنيادا ئاڭلاتماسلىق ئۈچۈن تۈرلۈك ھىيلە-نەيرەڭلەرنى تولۇق ئىشلەتمەكتە ئىكەن، ئەمما ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ جەھەتتە ئاساسەن مەغلۇپ بولدى، دەپ قارايدىكەن.

دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى نەيرەڭلىرى كۆپ قېتىملاپ سۇغا چىلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۇ نىشاندىن ۋازكەچمەستىن داۋاملىق يېڭى چارىلارنى ئويلاپ تاپماقتا ئىكەن. بۇنى تېخى بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دولقۇن ئەيسانى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن يېڭىدىن ئوتتۇرىغا سەكرەپ چۈشىشىمۇ تولۇق كۆرسىتىپ بېرەلەيدىكەن.

دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى تەن بەرمەسلىك خاھىشىنىڭ تۈرتكىسىدە داۋاملىق بۇ خىل سۇيىقەستلەر بىلەن مەشغۇل بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما نۆۋەتتىكى خەلقئارا مۇھىتتا بۇنىڭ بازىرى يوق، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسانىڭ قارىشىچە، ھازىرقى خەلقئارا تەرتىپتە يەنىلا مۇئەييەن چەكلەش كۈچىگە ئېگە بولۇۋاتقان بىر قاتار نىزاملارمۇ خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئۇ قەدەر ئۆكتەملىك قىلىپ كېتىۋېرىشىنى بەلگىلىك دەرىجىدە چەكلەش رولىغا ئىگە ئىكەن.
ئاخىرىدا بىز دولقۇن ئەيسادىن ئۆتكەن ئون نەچچە يىل مابەينىدە ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ مۇشۇ خىلدىكى توسقۇنلۇقلىرىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا قايسى دەرىجىدە تەتبىقلاشقا بولىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇرلاردىكى «ھەق ئېگىلەر، سۇنماس» دېگەن تەمسىلدەك ھەققانىي داۋا بولغان ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ قىسمەن ئېگىز-پەسلىكلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما ئاخىرى چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچى بارلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا سورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتماسلىق ئۈچۈن داۋاملىق ھالدا تۈرلۈك چارىلارنى ئىشقا سالماقتا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقئارا جامائەتمۇ شۇ جەرياندا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈپ يەتمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.