مۇلاھىزە : رۇسىيە، خىتاي - ئىران تۆمۈر يولىنىڭ قىرغىزىستاندىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلامدۇ؟


قىرغىزىستان پرىزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايىف سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئەرەب شېركەتلىرىنى قۇرۇلۇش پىلانلىنىۋاتقان خىتاي - قىرغىزىستان - تاجىكىستان - ئافغانىستان - ئىران تۆمۈر يولىغا مەبلەغ سېلىشقا چاقىرغان ئىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىن باشلىنىپ ئۆركەشتام ئارقىلىق قىرغىزىستان، تاجىكىستان ھەم ئافغانىستاندىن ئۆتۈپ ئىرانغا تۇتىشىدىغان بۇ تۆمۈر يولنىڭ تېخنىكىلىق مەسىلىلىرى بويىچە بەش دۆلەت قاتناش مىنىستىرلىرىنىڭ سۆھبىتى 8 - دىكابىردا تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ ھەقتە تاراتقۇلارغا مەلۇمات بەرگەن قىرغىزىستان قاتناش مىنىستىرلىقى تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى تارمىقىنىڭ باشچىسى قانات ئابدۇكېرىمۇفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تۆمۈر يولنىڭ قىرغىزىستان تېررىتورىيەسىدىكى ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 215 كېلومېتىر بولۇپ، قىرغىزىستاننىڭ سارىتاش، قارامۇق رايونلىرىدىن ئۆتۈپ تاجىكىستانغا تۇتىشىدىكەن.

ھالبۇكى، بۇ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى پىلانى قىرغىزىستاندا ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى پەيدا قىلدى. قىرغىزىستان پارلامېنتىدىكى قاتناش - تىرانسىپورت، ئارخىتىكتۇرا كومىتېتىنىڭ ئەزاسى نارىنبېك مولدۇبايىف بۇ تۆمۈر يولدىن ئەڭ زور مەنپەئەتكە ئىگە بولىدىغانلار خىتاي بىلەن ئىران بولغانلىقى ئۈچۈن، بارلىق چىقىمنى بۇ ئىككى دۆلەت ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، قىرغىزىستان بۇ تۆمۈر يول پىلانىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن رۇسىيەنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى لازىم، چۈنكى سىياسى، ئىقتىسادى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى شۇنداقلا ئېلىكتىر ئېنىرگىيە قۇرۇلۇشى ھەمدە نېفىت، تەبىئىي گاز يېقىلغۇسى قاتارلىق جەھەتلەردە رۇسىيەگە بىقىندى بولۇپ قالغان قىرغىزىستاننىڭ بۇ باشباشتاقلىقى رۇسىيەنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويۇشى مۇمكىن. بىر نەچچە يىل بۇرۇن خېلى كۆپ داۋراڭ قىلىنغان قەشقەر - جالالئاباد - ئەنجان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى پىلانى رۇسىيەنىڭ قارشىلىقى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى. بۇ ھەقتە توختالغان سىياسىي ئانالىزچى مارس سارىيىف مۇنداق دەيدۇ:

- مېنىڭچە، بۇ تۆمۇر يوللارنىڭ قۇرۇلۇشى رۇسىيەگە ياقمايدۇ، چۈنكى موسكۋا، بۇ پىلانلارنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەنپەئەتلىرىگە خىرىس پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەبتىن قىرغىزىستان ئالدى بىلەن رۇسىيەنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى لازىم.

قىرغىزىستان 2015 - يىلنىڭ يانىۋارىدىن باشلاپ رۇسىيە باشچىلىقىدىكى تاموژنا ئىتتىپاقىغا كىرىشكە تەييارلىنىۋاتىدۇ. قىرغىزىستاننىڭ تاموژنا ئىتتىپاقىغا كىرگەندىن كېيىنكى ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىۋىلىشى ئۈچۈن رۇسىيە بىر مىلىيارد دوللارلىق ئىقتىسادى ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، قىرغىزىستاندىكى ئىشسىزلىق سەۋەبىدىن رۇسىيەگە بېرىپ جېنىنى جان ئېتىۋاتقان بىر مىلىيونغا يېقىن قىرغىزىستانلىقمۇ رۇسىيەنىڭ قىرغىزىستاننى كونتىرول قىلىپ تۇرۇشىدىكى كوزۇرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئاتامبايىفنىڭ رۇسىيەنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئۆز ئالدىغا خىتاي - ئىران تۆمۈر يولى پىلانىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغانلىقى سەۋەبىدىن قىرغىزىستان ئىقتىسادى ۋەيرانچىلىققا دۇچ كېلىشى،ھەتتا 2010 - يىلدىكىگە ئوخشاش ھاكىمىيەتكە قارشى ئىنقىلاب يۈز بېرىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ سىياسىي ئانالىزچىلار.