ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ ئىستىخبارات ۋە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
2016.06.10

خىتاي مەسىلىلىرى ۋە ئىستىخبارات بىلىملىرى ساھەسىدىكى ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر ھەمدە ئالاقىدار شەخسلەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئورۇنلاشتۇرغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا خىتاينىڭ ئامېرىكىنى نىشان قىلغان جاسۇسلۇق قىلمىشىنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرقى ئەھۋالى ھەمدە ئۇنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىدە خىتاي ئىستىخبارات تارماقلىرىنىڭ ھازىر ئەنئەنىۋى ئۇسۇللاردىن ھالقىپ تېخنىكىلىق يوللار ئارقىلىق تۈرلۈك ئۇچۇرلارغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى جانلىق پاكىتلار ئارقىلىق چۈشەندۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك تەپتىش كومىتېتى» ئورۇنلاشتۇرغان مەزكۇر يىغىن 9 - ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان پېتېر ماتتىس ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خەلقئارا مۇناسىۋەت ساھەسى بويىچە خىزمەت قىلىش ھەمدە ھازىر كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇش جەريانىدىكى تەتقىقاتلىرىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا، خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ھازىر ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە ئەڭ ئاكتىپ پائالىيەتتە بولۇۋاتقان بىر زور قوشۇن ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە مۇكەممەل چۈشەنچىگە ئېگە ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پېتېر ماتتىسنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارىتىلغان ئىستىخبارات پائالىيىتى بىرقەدەر ئۇزۇن بولغان كەسپىي تارىخقا ۋە زور ئادەم كۈچىگە ئىگە ھالدا ئىزچىل داۋام قىلماقتا ئىكەن. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىرى خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئىستىخبارات ئىدارىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ رەھبەرلىك شەكلى ھەرقاچان مۇتلەق مەخپىي ھالدا ئىش بېجىرىپ كەلمەكتە ئىكەن.
خىتاينىڭ ئادەم كۈچى ئاساس قىلىنىدىغان بۇ خىلدىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىدا ھەرقاچان مۇشۇ ساھەدىكى ئالاقىدار شەخسلەرنى چەتئەللەرگە ئەۋەتىش ۋاسىتە قىلىنىدىكەن. بۇنىڭدا دىپلوماتلار، مۇخبىرلار، ئەلچىخانا خادىملىرى، سودىگەرلەر، ئىلمىي خادىملار ۋە ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ھەر ساھە كىشىلىرى ئاساس قىلىنىدىكەن. بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىگە قوماندانلىق قىلىدىغان شەخسلەرنىڭ خىتايدىن ياكى باشقا جايلاردىن يەتكۈزىدىغان تاق لىنىيەلىك كۆرسەتمىلىرى بويىچە سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ساھەگە دائىر مەلۇماتلارنى ئاشكارا ياكى مەخپىي ھالدا توپلايدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە مەلۇم مىقداردىكى كۈچ خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ قارشى پىكىردىكىلىرىنى ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى كۆزىتىشكە سەرپ قىلىنىدىكەن. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يەنە بەزىلىرى كەلگۈسىدىكى خىزمەتنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن «شەرت» كە ئۇيغۇن نامزاتلارنى تاللاشقا مەسئۇل بولىدىكەن.
گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ يەنە بىرى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ خادىمى جون كوستېللو بولۇپ، ئۇ پېتېر ماتتىسنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىغا پۈتۈنلەي قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ ھازىر ئامېرىكىدا ھۆكۈمەت ۋە شىركەتلەرنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرىنى توپلايدىغانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن «خەۋپ» دەپ قارىلىۋاتقان ھەرقانداق كىشىنىڭ خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ نىشان بولۇش ئېھتىماللىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ھازىرقى ئۆرلەش باسقۇچىدا ئىكەنلىكى ۋە ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش زۆرۈرىيىتى قاتارلىق سەۋەبلەردىن سىرتقا قارىتىلغان ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇۋېتىپتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھازىر خىتاينىڭ ئىستىخبارات خىزمەتلىرى بارغانسېرى نازۇك تۈس ئېلىپ، ئىزچىل ھالدا ئەڭ يېڭى تېخنىكىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق كۆزلەنگەن نىشانغا يېتىشنى مەقسەت قىلىۋېتىپتۇ.
جون كوستېللو خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىستىخبارات خىزمەتلىرى ۋە جاسۇسلۇققا قارشى تەدبىر سۈپىتىدە زور مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىپ، تېخنىكا ۋە تور ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئومۇمىي نازارەتنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىگە قارىتىلغان بۇ خىلدىكى ئىستىخبارات خىزمەتلىرىدە ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ سىرتقا قارىتىلغان جاسۇسلۇق خىزمەتلىرىدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىكى مۇتلەق ئېتىراپ قىلىنىشى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا مەملىكەت ئىچىدىكى ئىستىخبارات خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان جۇ يوڭكاڭنىڭ موللاق ئاتقىنىدەك ھەممىگە مەلۇملۇق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.
بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان پېتېر ماتتىس خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ھازىر ئۆتمۈشتىكى «سەتەڭلەر قىلتىقى» ياكى «تار يەرگە قىستاش» ئۇسۇللىرىنى ئۇدۇللا قوللىنىشتىن باشقا يەنە، ماددىي بايلىققا جەلپ قىلىش ئارقىلىق جاسۇسلارنى يېتىشتۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مىسال تەرىقىسىدە ئامېرىكا ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن تەيۋەنلىك مايور لو شيەنچىنىڭ 2011 - يىلى قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە شىۋېتسىيەدە ئولتۇرۇشلۇق بابۇر مەخسۇتنىڭ شىۋېتسىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى ئارقىسىدا جاسۇسلۇق بىلەن پاش بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. گېنېرال لونىڭ دېلوسىدا خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرى ھەقىقىي ئاۋسترالىيە پۇقراسى سالاھىيىتىدىكى خىتاي سودىگەر ئايالنى ئىشقا سالغان بولسا، بابۇر مەخسۇتنىڭ دېلوسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى شىۋېتسىيەدىكى ئەلچىخانا خادىمى ۋە خىتاي گېزىتىنىڭ مۇخبىرى سالاھىيىتىدە ئىككى كىشىنى ئىشقا سالغان.
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن ئامېرىكىدىكى «2049 قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى مارك ستوكېس نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق 12 ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ دۇنيانى رايونلارغا تەقسىملەپ، شۇ بىرلىك بويىچە ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئۇچۇرلارنى توپلايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا پۈتۈنلەي يۇقىرى پەن - تېخنىكا ئەڭ ئاساسلىق ۋاسىتە قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇنىڭ ئىچىدە باش ئورگىنى شاڭخەيدىكى «61398 - بۆلۈم» ناملىق تارماق ئىدارە ئەڭ چوڭ بولۇپ، مەخسۇس تور دۇنياسىدا جاسۇسلۇق قىلىدىكەن. بۇ ئىدارىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى يەنە خىتاي كومپارتىيىسىگە زىيانلىق بولغان سىگناللارنى كۆزىتىش، قالايمىقانلاشتۇرۇش ياكى پۈتۈنلەي توسۇۋېتىش ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرى ئىچىدە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، شۇنداقلا خەلق ئىچىدىكى ئورگانلار، جۈملىدىن «خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە بىرلەشمىسى» ۋە «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» قاتارلىقلار بار ئىكەن.
يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن ئامېرىكا «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش» مەركىزىنىڭ تەسىس قىلغۇچىسى ۋە مۇدىرى دېيۋىد مېيجور زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ خىتاينىڭ ھازىر نىشانلىق ئاخبارات توپلاش بىلەن ئەمەس، بەلكى كەڭ مىقياستا ھەرقانداق ئۇچۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئومۇميۈزلۈك ئۇچۇر توپلاش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن شەخسنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە «جاسۇسلۇق بويىچە ھەمكارلىشىش» ھەققىدە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقىنىمىزدا، ئۇ، بۇنىڭ ئامېرىكىدەك قانۇن دۆلىتىدە قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان قىلمىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، شۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن كىشىلەرنىڭ بۇ خىلدىكى ھەرقانداق تەكلىپنى رەت قىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى. شۇنداقلا بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكىدا ئالاقىدار ئورۇنلاردىن ياردەم سوراشنىڭ مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.
مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ سابىق ئەزاسى بايرون دورگان ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك تەپتىش كومىتېتى» نىڭ مۇدىرى پېتېر بروكېس رىياسەتچىلىك قىلدى
. گۇۋاھلىقنى تەستىقلىغۇچى ئون كىشىلىك ھەيئەت گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى سورىدى. يىغىنغا ۋاشىنگتوندىكى ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى ۋە قىزىققۇچىلار قاتناشتى.