ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتانغا كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2013.04.24
xitay-kochmen-dr-erkin-ekrem-sozde-305.png 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 20 - كۈنى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان خىتاينىڭ شەرقىي تۇركىستانغا كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى دېگەن يىغىندىن كۆرۈنۈشلەر
RFA/Arslan

2013 - يىلى 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ قارىمىقىدىكى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى ۋە كۆچمەنلەرنى توختىتىش تەدبىرلىرى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى.

بۇ يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم قاتنىشىپ سۆز قىلدى. بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى. كېيىن دوكتور ئەركىن ئەكرەم مۇنبەرگە چىقىپ، «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى ۋە كۆچمەنلەرنى توختىتىش تەدبىرلىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ بىر قاتار قاراشلىرى ۋە تەھلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەپسىلاتىنى بۇ ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.