9 - ماي كۈنى ئەتىگەن سائەت 10دا قەيسەرى ئەرجىيەس ئۈنىۋېرسىتېتىدا خىتاي كۈلتۈرىنى تونۇتۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان زالغا بېسىپ كىرگەن 35 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
قولىدا ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، ئەزەربەيجان بايرىقى ۋە تۈرك بايرىقىنى كۆتۈۋالغان ئوقۇغۇچىلار، «قاتىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال!» دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلاشتى. ئۇلار يەنە قولىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرنىمۇ كۆتۈرۈۋالغان بۇلۇپ، بۇ ئوقۇغۇچىلار تۈرك ساقچىلار تەرىپىدىن زالدىن چىقىرىۋېتىلدى. بۇ پائالىيەتنى ئويۇشتۇرغان ئالپەرەن ئوجاقلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى بولغان سۇلايمان ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
- بىزنىڭ ئۈنىۋېرسىتېتتا خىتاي تىلى ۋە ئەدەبىياتى كافىدراسى بار. بىز بۇ يەردە خىتاي مەدەنىيىتى پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ساۋاقداشلار بىرلىكتە بۇنىڭغا قارشى نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرەيلى دەپ ئويلاپ، لۇزۇنكىلارنى تەييارلىدۇق. لۇزۇنكىلارغا «قاتىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال» دېگەندەك شۇئارلارنى يازدۇق. كېيىن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىدىن كۆك بايراق ئالدۇق، ئەزەربايجاننىڭ بايرىقى ۋە تۈرك بايرىقىنى كۆتەرگەن ھالدا خىتاي مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سابانچى زالىغا كىرىپ شۇئارلارنى توۋلاپ نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلىدۇق. كۆرگەزمە زالىدا خىتاي مەدەنىيىتى ناھايىتى چىرايلىق بېزىلىپ كۆرسىتىلىۋاتاتتى. بىز يەنە قولىمىزدا خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرنى كۆتەرگەن ھالدا زالغا كىرىپ، شۇئارلارنى توۋلاپ نارازىلىقىمىزنى بىلدۈردۇق. ئۈنىمىز پۈتۈپ كەتتى. كېيىن ساقچىلار بىزنى زالدىن چىرايلىقچە چىقىرىۋەتتى. ئۇلارمۇ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى.
سۇلايمان ئەپەندى 35 ئوقۇغۇچى بىلەن بىرلىكتە بۇ پائالىيەتنى قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ يەنە مۇنداق دېدى:
- بىز ئالپەرەن ئوجاقى تەشكىلاتىدىكى دوستلار بىلەن بىرلىكتە بۇ پائالىيەتنى قىلدۇق. 35 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتۇق. 100 - 150 كىشى بىللە نارازىلىق بىلدۈرسەكمۇ بولاتتى. ئەمما بېسىپ كىردى دەپ خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن دەپ 35 كىشى بىلەن قىلدۇق. زالدا خىتايدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتلىرىمۇ بار ئىدى. ئەسلى بىزنىڭ مەقسىتىمىز خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا قىلىۋاتقانلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئىدى مەقسىتىمىزگە يەتتۇق.