كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەرنىڭ خىتايدىن ئېلىۋاتقان كرېدىتلىرى، يەنى قەرز پۇلىنىڭ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىگە ئايلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
مەلۇمكى، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى ئىقتىسادىي تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىشكە كىرىشكەن ئىدى. بۇ تەسىر كېيىنكى ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشى بىلەن تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە داۋام قىلماقتا. «پەرغانە.رۇ» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «شەرقتىن كەلگەن قەرز. مەركىزىي ئاسىيانىڭ خىتاي كرېدىتلىرىغا باغلىنىپ قېلىشى قانداق بولدى؟» دېگەن ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كرېدىت بېرىشى خىتاي تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «يېڭى مۇستەملىكە» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدىكەن. خىتاي بۇ مەملىكەتلەرگە تۆۋەن پىرسەنت مۆلچەرىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرز بېرىش ئارقىلىق بۇ جۇمھۇرىيەتلەرگە ئۆز ئىشچىلىرىنى، تېخنولوگىيەلىرىنى ۋە كارخانىلىرىنى جەلپ قىلىشقا تىرىشماقتا.
ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئىچىدىن، بولۇپمۇ قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان خىتايغا ئەڭ كۆپ قەرزدار دۆلەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تاشقى قەرزلىرىنىڭ يېرىمىنى خىتاي قەرزى تەشكىل قىلىدىكەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھېچ قاچان قەرزىنى تېز قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ-ئەكسىچە، بېيجىڭ ئادەتتە باشقا بىر ئەلنىڭ خىراجەت جەھەتتىن بېقىندىلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە مەنپەئەتدار. ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەن ئۆسكەن قەرز قايتىدىن قارىلىپ، شۇ مەملىكەتنىڭ خام ئەشيا مەنبەلىرى ھېسابىغا، ھەر خىل كارخانىلىرىنىڭ كونترول ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرۇشى ۋە يېرىنى سېتىش بىلەن قايتۇرۇلۇشى مۇمكىن».
مەزكۇر ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۇشۇ يىلنىڭ باشلىرىدا قازاقىستاننىڭ خىتاي ئالدىدىكى قەرزى 12. 6 مىليارد دوللارنى، قىرغىزىستاننىڭ 1 مىليارد 711 مىليون دوللارنى، تاجىكىستاننىڭ 1مىليارد 200 مىليون دوللارنى تەشكىل قىلغان. ماقالىدا تۈركمەنىستاننىڭ خىتايدىن ئالغان قەرزى ھەققىدە سۆز قىلىنمىغان، 2017-يىلى خىتاينىڭ ئۆزبېكىستانغا سالغان مەبلىغىنىڭ ئاكتىپلىشىپ، ئۇنىڭ 7. 6 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.
قىرغىزىستاننىڭ «سپۇتنىك» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «قىرغىزىستان ئۈچۈن خىتاي كرېدىتلىرىنىڭ خەتەرلىكى نېمىدە؟، بۇ ھەقتە غەرب مۇتەخەسسىسلىرى سۆزلەپ بەردى» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي «بىر بەلۋاغ بىر يول» لايىھىسى دائىرىسىدە 68 مەملىكەت بىلەن 3 تىرىليون دوللار مىقدارىدا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالاشقا كىرىشكەن. خىتاي مەزكۇر كرېدىتلار ئارقىلىق بۇ مەملىكەتلەردە تۆمۈر، ئاپتوموبىل يوللىرىنى، ئالاقە تارماقلىرى ھەم ئېلېكتر ئىستانسىلىرى سېلىشنى كۆزلىمەكتە. مەسىلەن، خىتاي ھازىر قازاقىستاندا «51 يېڭى زاۋۇت» لايىھىسىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە كۆكشېتاۋدىكى «تايىنشا ماي» ناملىق ماينى قايتا ئىشلەش كارخانىسى، ئاتراۋ ۋە چىمكەنتتىكى نېفىتنى قايتا ئىشلەش زاۋۇتلىرى ۋە باشقىلار خىتاي قەرزى ھېسابىغا سېلىنىۋاتماقتا.
قىرغىزىستانلىق سىياسەتشۇناس ئابدۇرېھىم ھاپىزوفنىڭ ئېيتىشىچە، قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە تاجىكىستان خىتاي بىلەن چېگرىداش مەملىكەتلەر بولۇپ، ئۇلار خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بىللە قۇرۇلغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ ئەزالىرىدۇر.
ئۇ، بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىنىڭ يېقىن بولغانلىقىدىن كۆپلەپ قەرز ئېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما قەرزنى قايتۇرۇشتا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «تاجىكىستان ئۆز قەرزىنى ئۈزمەستىن مۇشۇ يېقىندا تاغلىق بەداخشاندىكى يەرلىرىنى بېرىۋېتىشكە مەجبۇر بولدى. ئەمدى قىرغىزىستانغا قارىغاندا قازاقىستان خېلى باي. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كېلەچەكتە بۇ قەرزىنى ئۈزۈۋېتىشى مۇمكىن. قىرغىزىستان ئىقتىسادىنىڭ ئاجىزلىقىدىن يېقىن ئارىدا قەرزىنى قايتۇرۇپ بېرىشى قىيىن. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي قىرغىزىستانغا كانلارغا باي يەرلەرنى ئىجارىگە ئېلىش بويىچە شەرتلەرنى قويۇشى مۇمكىن».
قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس راسۇل جۇمالىنىڭ ئېيتىشىچە، قەرز بارلىق مەملىكەتلەر، جۈملىدىن قازاقىستان ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن جىددىي مەسىلە ئىكەن. ھازىر قازاقىستان سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە سىرتقا ئەڭ كۆپ قەرزدار مەملىكەت بولۇپ، ئومۇمىي قەرزى 170 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلىدىكەن. قازاقىستان قەرزنى ئىلگىرى غەرب دۆلەتلىرىدىن ئالغان بولسا، ھازىر ئۇلارنىڭ ئورنىنى خىتاي باسماقتا. ئۇ قازاقىستاننىڭ خىتايغا تۆلەيدىغان قەرزىنىڭ 12 مىلياردتىن 20 مىليارد دوللارغىچە تەشكىل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بولسىمۇ، ئەمما ئېنىق شەرت ۋە رەقەملەرنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن سىر تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئېنىق قايسى باب ئىكەنلىكى ئېسىمدە بولمىسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىمىز بويىچە، چەتئەل بىلەن تۈزۈلگەن ھەر قانداق كېلىشىم ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە رەسمىي ئېلان قىلىنىشى شەرت. لېكىن بىزدە بولۇپمۇ نېفىت، گاز، تەبىئىي بايلىقلارغا ئائىت شەرتنامىلەر، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملەرمۇ بار، لېكىن بارلىقى سىر تۇتۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز خىتاي بىلەن قانداق شەرتنامىلەر تۈزۈلگەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئېنىق رەقەملەر ھەققىدە بىر نەرسە دېيەلمەيمىز».
راسۇل جۇمالىنىڭ قارىشىچە، خىتاي پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىق كۆرۈۋاتقان مەملىكەتلەرگە ئەڭ يېنىك كرېدىتلارنى بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرىگە بېقىندى قىلىشقا تىرىشىدىكەن. بولۇپمۇ بېنگال ۋە تاجىكىستان خىتاي بىلەن تۈزگەن شەرتنامىلىرىدە كېلىشىلگەندەك، قەرزنى تۆلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم رايونلىرىنى بېرىۋېتىشكە مەجبۇر بولغان. راسۇل جۇمالى قازاقىستان بىلەنمۇ شۇنداق بىر خەتەرلىك ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن قەرز ئېلىشنى تامامەن مەنئى قىلىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم شەرتلىرى قازاقىستان تەرىپىدىن ئورۇندالمىغان ھالەتتە خىتايدىن ئېلىنغان قەرزلەر سۆزسىز قازاقىستان ھەم ئۇنىڭ خەلقىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن چوڭ خەۋپ تۇغدۇرىدىكەن. مەزكۇر سىياسەتشۇناس قەرزنى ئۈزۈش ئۈچۈن قازاقىستاننىڭ ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن كارخانىلىرىنى، مەھكىمىلىرىنى، ھەتتا يېرىنى خىتايغا سېتىشقا مەجبۇر بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ يەنە «غەربىي خىتاي-غەربىي ياۋروپا» لايىھىسىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتتە خىتاي مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ تەسىر دائىرىسى ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆسۈۋاتىدۇ. ئۇنىڭ تەسىرى قازاقىستاندىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن. ئەگەر بىز بۇ قەرزلەرنى تۆلىمىسەك، خىتاينىڭ تەسىرى بىزدە يەنىمۇ ئۆسىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا خىتاي قاتتىق تەلەپلەرنى قويۇشى مۇمكىن. قازاقىستان بارا-بارا ئۆز مەۋقەسىنى يوقىتىپ، خىتاي سىياسىتىگە بېقىندى بولۇپ قالىدۇ. بۇ بولسا قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ چەكلىنىشىگە، ئەلنىڭ خىتايلىشىشىغا ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتلىرىنى تەڭ قوغدايدىغان شەرتنامىلەرنىڭ ئىمزالىنىشى كېرەك».
غالىم ئاگېلېئۇئوف خىتاينىڭ ھەر خىل يوللار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى، يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئەلدە ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى، باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ سىياسىتىدىن ساۋاق ئالالمايۋاتقانلىقىغا ئەپسۇسلاندى. غالىم ئاگېلېئۇئوف ئايرىم قازاقىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇققا بېرىلىپ، دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى، مەنپەئەتلىرىنى، خەلق ئېھتىياجلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.