خىتاي يۇقىرى سوتىنىڭ «قىيناپ ئىقرارا قىلدۇرۇشنى چەكلەش» ھەققىدىكى قارارى غۇلغۇلا قوزغىدى

0:00 / 0:00


18 - نويابىر خىتايدا «ئەمكەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 21 - نويابىر پەيشەنبە كۈنى خىتاي يۇقىرى سوتى يەنە ساقچىلارنىڭ جىنايەت گۇماندارىنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلدى. نۆۋەتتە غەرب مەتبۇئاتلىرى ۋە خىتاي تور بېكەتلىرىدە بۇ شى جىڭپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى ئىسلاھات قەدىمى بولۇشى مۇمكىنمۇ دېگەن تېمىدا مۇنازىرىلەر كۆپەيمەكتە. ئۇنداقتا خىتاي دېموكراتلىرى بۇ مەسىلىلەرگە قانداق قارايدۇ؟

دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسىدا بولسۇن.

خىتاي دۆلەتلىك يۇقىرى سوتىنىڭ جىنايەت گۇماندارلىرىنى سوراق قىلىش جەريانىدا، «قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇشنى چەكلەش» ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كىشلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن ئىلگىرىمۇ بۇنداق قارار ۋە بەلگىلىمىلەرنى كۆپ قېتىم ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قانۇننى ئىقرا قىلغۇچى ئورگانلار ۋە ساقچى قاتارلىق قانۇن خادىملىرىنىڭ بۇ بەلگىلىمىلەرنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە ئىجرا قىلىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تەشكىلاتىدىن ئامېرىكىدىكى پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جەنلى ئەپەندى، تۋىتېر قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە يازغان ئىنكاسلىرى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئامېرىكا ئاۋازى، ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىقلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ساقچىلارنىڭ سوراق جەريانىدا جىنايەت گۇماندارلىرىنى قىيناپ سوراق قىلىشىغا قارىتا قانۇنىي بەلگىلىمىلەر تۈزۈلگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ياڭ جەنلى ئەپەندى يەنە بۇ قانۇنىي بەلگىلىمىلەر ھەقىقىي ئىجرا قىلىنغاندىلا ئاندىن، خىتايدا ئىسلاھات قەدىمى بېسىلىشىدىن ئۈمىد بولىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «ئەگەر بۇ قانۇنىي بەلگىلىمە، قارارلار راستىنلا ئەمەلىيلەشسە، بۇ نۆۋەتتىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بىر ئىسلاھات قەدىمىنى بېسىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى دېيىشكە بولىدۇ» دېدى.

بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، سىياسىي ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى بولسا، ئۆزىنىڭ خىتايدا چىقىرىلىپ كېلىۋاتقان قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا گۇمان بىلەن قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا دائىرىلەرنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپكلىرى ۋە ئاۋام پۇقرالار ئارىسىدىن كەلگەن ئەرزدارلارغا نىسپەتەن يەنىلا قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، قىيناپ سوراق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللىرىنىڭ كۆرىنىشىنى ئۆزگەرتىپ داۋام قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ پىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:

- خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان كۈنىدىن بۇيان بۇ خىل قانۇنىي - بەلگىلىمىلەرنى كۆپ قېتىم تۈزدى. تۈزگەندىمۇ ئاجايىپ تەپسىلىي ۋە مۇكەممەل تۈزۈپ ئېلان قىلىپ كەلدى. ئەمما مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، خىتايدا بۇ خىل قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنىڭ ھەقىقىي ئىجرا قىلىنغانلىقىغا دائىر ئىسپاتلار تېخى تېپىلمىدى. بەلكىم بۇ قېتىممۇ ئۇلار بۇ خىل تۈزۈملەرنى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالەتتە باشقا ناملاردا ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنداق،جۇڭگو كومپارتىيسى 18 - نۆۋەتلىك 3 - ئۇمۇمىي يىغىنىدىن كىيىن، بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما خىتايدا راستىنلا بۇ خىل ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلامدۇ؟ ئەگەر ئېلىپ بېرىلسا قانداق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ؟ ۋەزىيەت تەرەققىياتىنى داۋاملىق كۆزىتىشىمىز كېرەك.

خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

- نۆۋەتتە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى، ئەرزدارلار ۋە خىتايدىكى ئىنتېرنېت تورى قاتارلىقلارغا قارىتىلغان كونتروللۇق ۋە باستۇرۇش كوممۇنىست ھۆكۈمەت ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ھالەتكە يەتتى دېسەك خاتالاشمايمىز. دائىرىلەرنىڭ نۆۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە ئەرزدارلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان «مەجبۇرىي غايىپ قىلىۋېتىش»، قانۇنسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىپ، قەرەلسىز سولاپ قويۇش،تەھدىت قىلىش، قورقىتىش، تەن جازاسى بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، كىشىلەرنى ئېغىر قىيىن - قىستاققا ئېلىش ئارقىلىق، ئەسلى قىلمىغان جىنايەتلىرىنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلىغان قىلمىشلىرى ھەققىدە كۆپلىگەن پاكىتلار ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. شۇڭا مەن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بەلگىلىمىلىرى ۋە يالغان - ياۋىداق تەشۋىقاتلىرىغا ئىسەنمەس بولدۇم. بىز داۋاملىق كۆزىتىشىمىز كېرەك.

خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

- جۇڭگو كومپارتىيەسى دائىرىلىرى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بىلەن ئوخشىمىغان ئىدىيىدىكى كىشىلەرنى خالىغانچە قولغا ئالىدىغان ۋە زىيانكەشلىك قىلىدىغان سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىدى. خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قانۇنسىز قولغا ئېلىنغانلار ھەر ۋاقىت قىيىن - قىستاققا ئېلىنىپ ئىقرار قىلدۇرۇش قىلمىشىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەلمەكتە. پەقەت بىر پارتىيە مۇتلەق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان تۈزۈم يوقىتىلىپ، ھەقىقىي دېموكراتىك تۈزۈم ئورنىتىلغاندىلا ئاندىن خىتايدا قانۇن ئادىللىق بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ.