«ئاۋسترالىيە كۈنى» دە ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ پاراتتىن ئۆتكەن خىتايلارنىڭ مۇكاپاتلىنىشى ئۇيغۇرلارنى ئويغا سالدى
2019.02.01

مەلۇم بولۇشىچە، 26-يانۋاردىكى ئاۋسترالىيە دۆلەت بايرىمىدا ئاۋسترالىيەدىكى مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ئەترەتلىرى پاراتتىن ئۆتكەن. ئادىلايد شەھىرىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارمۇ ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرۈپ پاراتتىن ئۆتكەن. ھالبۇكى، ئادىلايد شەھىرىدىكى «شىنجاڭ جەمئىيىتى» تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ، شۇ كۈنىدىكى پاراتقا قاتناشقان. پارات ئاخىرلاشقاندا خىتاي ئەترىتى ئادىلايد شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن «مىللىي ئالاھىدىلىكنى ئەڭ ياخشى ئىپادىلىگەن پارات ئەترىتى» بولۇپ مۇكاپاتلانغان.
مەزكۇر خەۋەر تارقالغاندىن بۇيان تۋىتتېر ۋە فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر قاتار كۈچلۈك نارازىلىقلار ۋە تەنقىد سادالىرى كۆتۈرۈلمەكتە.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «‹ئاۋسترالىيە كۈنى› دىكى پاراتتا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ پاراتتىن ئۆتكەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئاۋسترالىيەدەك بىر دېموكراتىك دۆلەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن ھېچقانداق قانداشلىقى يوق خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ پاراتتىن ئۆتۈشىگە نېمە ئۈچۈن يول قويۇلىدۇ؟ پاراتقا قاتناشقان خىتاي ئەترىتى نېمە ئۈچۈن مۇكاپاتلىنىدۇ؟ شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا قامالغان، خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق ئەيىبلىنىۋاتقان بىر شارائىتتا نېمە ئۈچۈن ئاۋسترالىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىگە قىلىنغان بۇ خىل تاجاۋۇزغا سۈكۈت قىلىدۇ؟ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئاۋسترالىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا بۇ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلمىدى؟ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى قوغداشتا ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلۇق ئوبرازىنى ئىپادىلەشتە نېمىلەرگە قىلىشى كېرەك؟» دېگەندەك سوئاللار ئوتتۇرىغا چىقتى.
26-يانۋار كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايد شەھىرىدىكى پاراتقا قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن زۇلپىيە خانىم ۋە ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمەمەت تۈركىستانى ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
زۇلپىيە خانىم ئادىلايد شەھىرىدىكى ئاۋسترالىيە كۈنىدىكى پارات ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن ئاتالمىش «شىنجاڭ جەمئىيىتى» نىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ پاراتتىن ئۆتۈپ، «مىللىي كىيىم ئالاھىدىلىكنى ئەڭ ياخشى ئىپادىلىگەن پارات ئەترىتى» بولۇپ باھالىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن پاراتنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتتىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىغا سوئال قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
زۇلپىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «شىنجاڭ جەمئىيىتى» تەشكىللىگەن خىتايلارنىڭ پارات ئەترىتىنىڭ «ئەڭ ياخشى پارات ئەترىتى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى پاراتقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە پاراتقا قاتناشقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى پاراتقا سەل قارىغانلىقى ۋە يېتەرلىك تەييارلىق قىلالمىغانلىقىنى ھېس قىلغان شۇنداقلا قاتتىق ئەپسۇسلانغان.
ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ پاراتقا قاتناشقان «ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇلى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شۇ كۈنكى پاراتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى.
نۇرمەمەت ئەپەندى «شىنجاڭ جەمئىيىتى» نامىدا پاراتقا قاتناشقان خىتايلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرى كىيگەن ئۇيغۇر كىيىملىرىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچقانداق ساۋاتى يوقلىغىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە شۇ كۈنى پاراتقا قاتناشقان خىتايلارنىڭ پاراتقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سوئال-سوراقلىرىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
نۇرمەمەت ئەپەندى يەنە پاراتتىن كېيىن، «ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ ئاۋسترالىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن بۇنداق مۇراسىم پائالىيەتلەردە بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ يەنە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
نۇرمەمەت ئەپەندى بۇ قېتىم ئادىلايد شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئاتالمىش «شىنجاڭ جەمئىيىتى» دىكى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ پاراتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى مەسىلىسىنىڭ ئۆزلىرىنى جىددىي ئويغا سالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا تايىنىپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
نۇرمەمەت ئەپەندى يەنە ئىلگىرىكى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى ئارقىلىق ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردە ئاتالمىش «شىنجاڭ يۇرتداشلار جەمئىيىتى»، «شىنجاڭلىقلار جەمئىيىتى» قاتارلىق جەمئىيەتلەرنى قۇرۇلغانلىقى، ئەمما ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە بۇ خىل جەمئىيەتلەر ئاشكارا پائالىيەت ئېلىپ بارالمايدىغان، ئۇلارغا ئىشلەپ بېرىدىغان ئۇيغۇرلارنى تاپقىلى بولمايدىغان بىر ھالەتنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ سۆزىدە «ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ بۇ قېتىم ئادىلايد شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئاتالمىش «شىنجاڭ جەمئىيىتى» دىكى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ پاراتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى مەسىلىسىنى ۋە خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئاۋسترالىيە پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلغان باشقا قىلمىشلىرى ئۈستىدىن ئاۋسترالىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا داۋاملىق ئىنكاس يوللاپ، ئاۋسترالىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دۆلەتتىكى مەنپەئەتى ۋە ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مىللىي ئۆرپ-ئادىتى، مىللىي كىيىنىش ئالاھىدىلىكلىرىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقان شارائىتتا چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرغا خاس بولغان كىيىم-كېچەك ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى قوغداشقا جىددىي ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر ئىكەن.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىگە تايىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئوبرازىنى بۇزۇشىغا شۇنداقلا ئۇيغۇرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا يول قويماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
رادىيومىز ئىگىلىگەن باشقا ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىملىرى بولغان ئەتلەس كۆڭلەك، كانۋاي كۆڭلەك قاتارلىقلارنى ئىشلەپ بازارغا سېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن. «ئەل-جەزىرە تېلېۋىزىيىسى» يېقىندا بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ئىشلىگەن. مەزكۇر خەۋەردە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن بەختىيار بۆرە ئەپەندىنىڭ قىزى سۈبھى بۆرە زىيارەت قىلىنىپ، ئۇنىڭ تىلى ئارقىلىق ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى تونۇتۇش پائالىيەتلىرىنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
تەپسىلاتلارنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلايسىلەر.