خىتاي شىنزو ئابېنى سېنكاكۇ ئارىلى ۋە ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقى مەسىلىسىدە ۋەدە بېرىشكە قىستىدى

0:00 / 0:00

ياپونىيەدىن چىقىدىغان نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن ئىنگلىز تىلىدىكى «جاپان تايمېس گېزىتى» دە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ يىل 11-ئايدا بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلىدىغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ ئۇچرىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياپونىيە تەرەپكە بەزى مەسىلىلەردە شەرت قويغان ۋە بۇ شەرتلەر ھازىرلانغاندىلا ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي بىلەن ياپونىيە بۇ يىل نويابىر ئېيىدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار يىغىنىدا ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىشى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرەپ ياپونىيەگە بەزى مەسىلىلەردە شەرت قويغان ۋە بۇ شەرتلەر ھازىرلانغاندىلا ئاندىن خىتاينىڭ سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى بىلدۈرگەن.

خىتاي مەركىزى كومىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ جيارۈي خىتايغا زىيارەتكە بارغان ياپونىيە قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن 23-ئىيۇل بېيجىڭدا سۆھبەتلەشكەندە: «بېيجىڭ توكيو بىلەن ئۆز-ئارا ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدۇ. ئەمما ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن چوقۇم ئورتاق كۈچ چىقىرىشى كېرەك. شۇڭا بىز،ئىككى تەرەپ ئورتاق ھالدا مەسىلىنىڭ قىيىن نۇقتىسىنى يېشىدىغان يول تېپىشىمىز كېرەك » دېگەن.

ۋاڭ جيارۈي بېيجىڭدا ياپونىيە ئىجتىمائىي دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مەسئۇلى يوشىدا بىلەن كۆرۈشكەندە:«باش ۋەزىر شىنزو ئابې دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىش مۇمكىنچىلىكى بولغاندا، ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ نېمە توغرىسىدا سۆزلىشىش مەقسىتى ئېنىق بولۇشى كېرەك» دېگەن.

مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ۋاڭ جيارۈي: «ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ جۇڭگوغا بولغان خاتا قارىشى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس» دەپ ئەسكەرتكەن.

ۋاڭ جيارۈي سۆزىدە يەنە، ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا ھەمكارلاشقان ئاساستا زېمىن مەسىلىسى ۋە شۇنداقلا تارىخىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 4-نومۇرلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى يۈ جېڭشېڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدا ياپونىيە ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغاندا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى باش ۋەزىر ئابېنىڭ خىتايغا بولغان سىياسىي مەيدانىنى ئۆزگەرتىشىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاينىڭ بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى سۆزىدە يەنە: «ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ يىل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى مەزگىلىدە ئۆز-ئارا ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئابېنىڭ ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقى ۋە شۇنداقلا سېنكاكۇ ئارال مەسىلىسىدىكى قارىشىنى ئۆزگەرتىشىگە توغرا كېلىدۇ» دېگەن.

خىتاي مەركىزى كومىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ جيارۈي ياپونىيە ئىجتىمائىي دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ مەسئۇلى يوشىدا بىلەن سۆھبەتلەشكەندىمۇ ئوخشاشلا باش ۋەزىر ئابېنىڭ ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقى ۋە سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتكەندىلا ئاندىن ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى قاتمال مەسىلىلەردىن بولغان سېنكاكۇ ئارال مەسىلىسى بىلەن ئۆتكەن يىلى دېكابىر ئېيىدا باش ۋەزىر ئابې زىيارەت قىلغان ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يېڭىدىن ۋەزىپىگە قويۇلغاندىن بۇيان تا ھازىرغا قەدەر ئۆز-ئارا ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئېلىپ بارمىغان.

ماقالىدە خىتاي رەھبەرلىرىدىن يۈ جېڭشېڭ ياپونىيە ئىجتىمائىي دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، باش ۋەزىر ئابېنىڭ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا نېمىلەرنى ھازىرلىشى توغرىسىدا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ، ياپونىيە قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۆزىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە ۋەكىللىك قىلغان ھالدا ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ئابېنىڭ ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقى ۋە سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتىشى ھەققىدە بېشارەت بەرگەن.

خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى ئاياكا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باش ۋەزىر شىنزو ئابېغا قويغان تەلەپلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-مەن باش ۋەزىر ئابېنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى ۋە ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقى توغرىسىدىكى مەسىلىلەردە ئۆزىنىڭ سىياسىي قارىشى ۋە مەيدانىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايمەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل باھار كىرگەندىن بۇيان، بېيجىڭدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ياپونىيەدىن كەلگەن ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۆمەكلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆپ ئۇچراشقان بولسىمۇ، بېيجىڭ ئىزچىل ھالدا يەنىلا ئابېنىڭ خىتايغا تۇتقان سىياسىي مەيدانىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن.

2012-يىلى ئابې تەختكە چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى نامىدا تۇنجى قېتىم بېيجىڭدا مىنىستىر دەرىجىلىك زىيارەتتە بولغان ياپونىيە قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئوتا 26-ئىيۇن بېيجىڭدا خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ يەندۇڭ قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2014-يىللىق خەلقئارا ساياھەت كۆرگەزمىسىدە ئىككى دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ياپونىيە قاتناش مىنىستىرى ئوتا خىتاينىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاڭ جياشۇەن بىلەنمۇ ياپونىيە-خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەتتە بولغان.

«جاپان تايمېس گېزىتى» دە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كومۇرا ماي ئېيىدا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، خىتايدىكى ئۈچىنچى نومۇرلۇق ئەمەلدار جاڭ دېجياڭ بىلەنمۇ بېيجىڭدا بۇ ھەقتە سۆھبەتلەشكەن.