خىتاي ياۋروپادىكى تۈركلەرگە ۋىزا بېرىشنى كونترول قىلىشى ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.10.05
qazaqistan-xitay-visa.jpg خىتاينىڭ ئالماتادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى 23‏-ئاۋغۇست قازاقىستان پۇقرالىرىغا خىتايغا كىرىش شەخسى ۋىزىسى بېجىرىش توختاتقانلىقى توغرىسىدىكى ماقالىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
inform.kz


خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپادا بولۇپمۇ گېرمانىيەدە ياشايدىغان تۈركلەر، ئىسمى تۈركلەرگە ئوخشايدىغان كىشىلەر ياكى تۈركىيەگە بارغانلارغا ۋىزا بېرىشنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ۋىزا ئالغانلارغا چېگرىدا ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى چىقارماقتىكەن.

گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى - دپا نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۇ يىل 9 - ئايدا گېرمانىيە ئالبا بېرلىن ۋاسكىتبول كاماندىسىنىڭ بىر تۈرك ترېنېرى، ئۇنىڭ تۈرك ياردەمچىسى ۋە كوماندا ئەزاسىغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان.

خىتاينىڭ بېرلىن ئەلچىخانىسى ترېنېر ۋە ۋاسكېتبول كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئۆتكەن بىر مەۋسۇمنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزگەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن. نەتىجىدە، ئالبا بېرلىننىڭ ترېنېرى ۋە ئىككى كوماندا ئەزاسى سىچۈەندە ئۆتكۈزۈلگەن ۋاسكېتبول دوستلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمىغان.

گېرمانىيە «بېرلىن زەيتۇڭ»گېزىتى ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇلارغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىشى ئۇنىڭ خاڭجۇ 20 دۆلەت باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە يولغا قويغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك، دېگەننى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئەمما گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى - دپا نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە،ياۋروپالىق تۈركلەرگە قارىتىلغان كونتروللۇق 20 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىنمۇ داۋاملاشقان. يېقىندا خىتاي تاموژنىسى ئىسمى تۈركلەرگە ئوخشايدىغان بىر گېرمانىيەلىك ئوقۇغۇچىنى ۋىزىسى بولسىمۇ، خىتايغا كىرگۈزمىگەن.

گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بۇ ھادىسە خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك يۈز بەرگەن ئىختىلاپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ئەمما گېرمانىيەدە ئولتۇرۇشلۇق پائالىيەتچى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئەسقەرجان، خىتاينىڭ ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان ھەرقانداق ئىجتىمائىي توپ ۋە شەخسلەرگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەسقەرجان: «بۇ پەقەت تۈركلەر بىلەنلا ئەمەس، ئەمدى بىز بىلەن ئالاقە قىلغان، ئۇيغۇر داۋاسىنى قوللىغان، ھېسداشلىق قىلغان قايسى مىللەتتىن بولسا بولسۇن، ئۇنىڭغا خىتاينىڭ قارشىلىق كۆرسىتىدىغانلىقى، ياردەم بېرىشنى توختىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ھەر ئىشنى قىلىدىغانلىقى ئېنىق.

ھازىر ئەلۋەتتە كۆپرەك تۈركلەر ئۈچۈن بولۇۋاتقان بولسا،بۇ باشقا مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ بولدى. مەسىلەن، بىزنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق بىر گېرمان تونۇشىمىز بار ئىدى، ئۇيغۇرلار توغرىلىق 2 - 3 كىتاب يازغان. ھازى شۇ ئايالغىمۇ، بولمىسا ئۇ 3 - 4 قېتىم بېرىپ كەلگەن، شۇ ئايالغىمۇ ۋىزا بەرمەيۋېتىپتۇ» دېدى.

ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تۈرك ۋە باشقا ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىشى نورمال ئىنساندارچىلىق. ئەمما خىتاينىڭ بۇنداق نورمال ئىنسانى ھېسداشلىققا قارشى چىقىشى ھېچقانداق ئىنسانى ئۆلچەملەرگە سىغمايدۇ.

ئەسقەرجان مۇنداق دېدى: «تۈركلەر دېگەندەك ياۋروپادا بولۇپمۇ گېرمانىيەدە سانى ناھايىتى جىق. ئۇلار بىزگە ئەلۋەتتە بىر جەھەتتىن ئىنسانى، يەنە بىر جەھەتتىن ئىرقداش، دىنداش، دەپ تونۇغىنى ئۈچۈن ئايرىم بىر ھېسسىيات بىلەن قوللاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە تەبىئىي ۋە نورمال ئەھۋال. دىنىي، ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن تۇغقان بولمىغان مىللەتلەرنىڭمۇ، ھەقسىزلىققا ئۇچراۋاتقان بىر مىللەتكە ئىنسانپەرۋەرلىكنى كۆز ئالدىدا تۇتۇپ تۇرۇپ، ئىگە چىقىشىمۇ تەبىئىي بىر مەسىلە بولۇشى كېرەك. ئەمما خىتاينىڭ بۇنىڭغا قارشى چىقىشى ھېچقانداق ئىنسانى ئۆلچەملەرگە ماسلاشمايدىغان بىر ئىش».

مەخمەت ئايدەمىر ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغان ۋە «ئۇيغۇرلار يۇرتىغا يولچۇلۇق» ناملىق بىر ساياھەت خاتىرىسى يېزى نەشر قىلدۇرغان گېرمانىيەلىك تۈرك پائالىيەتچى. ئۇ، چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلى؛ خىتاينىڭ ياۋروپادىكى تۈركلەرگە بۇنداق قىلىشىدىكى مەقسىتى«تۈركىيەگە سىگنال بېرىش» دەپ كۆرسەتتى.

مەھمەت ئايدېمىر مۇنداق دېدى: «تۈركىيە 1996 - يىلى )باش مىنىستىر( مەسئۇد يىلمازنىڭ دەۋرىدە خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلايمىز، دەپ شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى تۈركىيەدە چەكلىدى. ئەمما ھازىر شەرقى تۈركىستان بايرىقى تۈركىيەنىڭ ھەممە يېرىدە لەپىلدەپ تۇرىدۇ. تۈركىيە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆزىگە چېلىقىشقا باشلىدى. خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشتىكى بىرىنچى مەقسىتى، ئىقتىسادى سەۋەبلەر بىلەن تۈركىيەنى ئاگاھلاندۇرۇش. ئىككىنچىسى، بۇ ئارقىلىق ياۋروپادىكى تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلماسلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر.»

ئۇ يەنە،تۈركىيە خىتاينىڭ ھەرقانچە قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىسىمۇ، ئەمما «شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ بۇ قېتىم تۈركىيەدە چەكلەنمەسلىكى كېرەكلىكى»نى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، «شەرقىي تۈركىستان بايرىقىرى تۈركىيەدە چەكلەنمىسە بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ياشايدىغان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرگە كۈچلىك سىگنال سېگنال بېرىدۇ.»

گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشى، تۈرك ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا تۈركىيەگە كىرىش ساياھەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىشى قاتارلىق سەۋەبلەر خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

خەۋەردە، بېرلىندىكى ماكارتور خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى مورىتز رۇدولفنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن. رودولف، خىتايدا ئۇيغۇر ئىسلامى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئارتىشى خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى كۈچەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەنقەرەنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇئامىلىسى بېيجىڭ بىئارام قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يەنە،، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغاننىڭ بۇ يىل سېنتەبىردە خاڭجۇدىكى 20 دۆلەت باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئايرىم كۆرۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى پەسەيتەلمىگەنلىكى، شۇ سەۋەبلىك خىتاي گېرمانىيەدىكى تۈركلەرگە تاموژنىدا قيىنچىلىق تۇغدۇرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.