ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس جاۋاب قارار ھازىرلىدى
2015.02.25
ئىگىلىشىمىزچە، 24 - فېۋرال ئەتىگەندە ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئىچكىي كابىنېتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا پارلامېنتقا ۋە تۆۋەن پالاتاغا يازما دوكلات سۇنغان دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى ئەزاسى كازۇيۇكى خاماداغا جاۋاب تەرىقىسىدە تەييارلىغان يازما دوكلات قارارىنى ئېلان قىلغان.
سەيشەنبە كۈنى كەچتە ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «سانكىن شىمبۇن»، «ج ج» قاتارلىق گېزىتلەرنىڭ تور بېتىدە: «ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى يازما جاۋاب دوكلاتنى ئېلان قىلدى. ياپونىيە خىتاينىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتىدۇ» دېگەن مەزمۇندا قىسقا ئۇچۇرلار تارقالدى.
شۇنداقلا بۇ ئۇچۇرلاردا يەنە، ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا يازما دوكلات سوئاللىرىنى يوللاپ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئەربابنىڭ پارلامېنت ئەزاسى،ياپونىيە كەلگۈسى ئەۋلادلار پارتىيەسىنىڭ غوللۇق رەھبەرلىرىدىن بىرى، دىپلوماتىيە ۋە مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى، مۇتەخەسسىس كازۇيۇكى خامادا ئىكەنكلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
بىز بۇ بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.