ياپونىيەنىڭ چىبا شەھىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىي توغرىسىدا دوكلات سۆزلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.09.30
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
turmemet-hashim-uyghur-doklat.JPG دوكتور تۇرمۇھەمەت ھاشىم ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بەرمەكتە. 2013-يىلى 15-سېنتەبىر، ياپونىيە.
RFA/Qutluq


29 - سېنتەبىر ياپونىيەنىڭ چىبا شەھىرىدىكى مەدەنىيەت مەركىزى زالىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىي توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىي توغرىسىدا دوكلات سۆزلەش پائالىيىتى چىبا شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ زالىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، دوكلات چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى يېرىمدىن تۆت يېرىمغا قەدەر ئىككى سائەت داۋام قىلغان.دوكلاتقا ھەر ساھە كىشىلىرىدىن كۆپلىگەن كىشىلەر قاتناشقان.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، چىبا شەھەرلىك «ن پ و مۇنبىرى ئۇيۇشمىسى»نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى مەزكۇر ئۇيۇشما ئەزالىرىغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىي توغرىسىدا دوكلات سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پائالىيەتكە ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ دوكلات بەرگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ دوكلاتىنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە ئالدى بىلەن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى بىلەن ياپون دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بىر پارتىيىلىك خىتاي دۆلىتىدە ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دوكلاتىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا مەدەنىيىتى توغرىسىدا توختالغان. دوكلاتنىڭ ئۈچىنچى بۆلىكىدە بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىلار دەۋرىدىكى مەدەنىيىتى توغرىسىدا توختالغان.

تۇرمۇھەممەت ھاشىم دوكلاتنىڭ تۆتىنچى بۆلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىي توغرىسىدا توختىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈككە بولغان ئىنتىلىشىنى بىلدۈرگەن.

دوكلات سۆزلەش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان چىبا شەھەرلىك نپو فورام ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئۇشىياما ئەپەندىم دوكلات ھەققىدە توختىلىپ:«بىز دوكلاتتىن خىتاي دۆلىتىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشۈنىش بىلەن بىرگە خىتاي كومارتىيىسىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرى ۋە بۇ رايونلاردىكى ئومۇمىي ۋەزىيەت ھەققىدىمۇ بەلگىلىك مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇق»دېدى.

دوكلات ئىشتىراكچىلىرىدىن ئىشى ئەپەدىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ:«دوكلات ناھايىتى ياخشى ئېلىپ بېرىلدى. بولۇپمۇ، دوكلاتقا قاتناشقان كىشىلەر سوئال قويۇش ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بەزى بىر سىياسەتلىرىدىكى بىزگە چۈشۈنىكسىز بولغان تەرەپلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالدى.ئۇيغۇر تارىخىي ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولدۇق»دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، چىبا شەھىرىدىكى«ن پ ئو مۇنبىرى ئۇيۇشمىسى»ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىلگىرى 40 نەچە يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىزمەت قىلغان ئۇشىياما ئەپەندىم تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيۇشمىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى سابىق ياپونىيە دىپلوماتلىرى،كاراخانىچىلار ۋە تەتقىقاتچىلاردىن تەركىپ تاپقان ئىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.